باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى
توشقان كالپۇك بالىلارنى ھەقسىز داۋالاش تۈرى تۈنۈگۈن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىدا رەسمىي يولغا قويۇلدى
2008- 05- 08 12:03 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

      بۇ تۈرنى دۆلەت خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىكى بىلەن لى جياچېڭ فوندى جەمئىيىتى مەملىكەت دائىرىسىدە ھەمكارلىشىپ يولغا قويغان. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى ئېغىز بوشلۇقى، ئىڭەك، يۈز تاشقى كېسەللىكلىرىنى داۋالاش سەۋىيىسىنىڭ يۇقىرىلىقى بىلەن ، ئاپتونوم رايونىمىزدا بۇ تۈرنى ئۈستىگە ئالغان بىردىنبىر دوختۇرخانا بولۇپ قالدى.
      توشقان كالپۇك كېسەللىكى- دائىم كۆرۈلىدىغان تۇغما غەيرىيلىك كېسەللىكى بولۇپ ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر 700 بۇۋاقنىڭ بىرىدە كۆرۈلىدۇ. بۇ كېسەللىك ئادەمنىڭ يۈز قىسمىنىڭ نورماللىقىغا تەسىر يەتكۈزۈپلا قالماستىن، يەنە ئېغىز، بۇرۇن بوشلۇقى بىلەن تۇتاش بولغاچقا، ئۆسۈپ يېتىلىشكىمۇ بىۋاستە تەسىر يەتكۈزىدۇ. 
    تونۇشتۇرۇلىشىچە ، بۇ تۈرنىڭ ئوبيېكتى ــــ ئاساسلىقى نامرات ئائىلىلەردە توشقان كالپۇك تۇغۇلۇپ قالغان نۆل ياشتىن 18 ياشقىچە بولغان بالىلار ئىكەن. ئەگەر نامرات ئائىلىلەر ئىچىدە چوڭلاردىن قۇتقۇزۇش- ياردەم بېرىش شەرتىگە توشىدىغانلار بولسا ، ئەھۋالغا قاراپ بىر تەرەپ قىلىنىدىكەن. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى بۇ خېلدىكى كېسەللەرنىڭ تەكشۈرۈش، ئوپىراتسىيە قىلىپ داۋالاش چىقىملىرىنى ئۈستىگە ئالغاندىن سىرت، يەنە كېسەلگە قارايدىغان بىر كىشىنىڭ تاماق، ياتاق، قاتناش خىراجىتىنى ئۈستىگە ئالىدىكەن.

 

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ