|
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇراخۇن ئىبراھىم خەۋىرى ، فوتوسى : مارالبېشى ناھىيە سېرىقبۇيا بازارلىق ئۇقۇتۇش رايونى ئوقۈغۇچىلارنىڭ دەرسىتىن سىرتقى ۋاقىتلاردىن ئۈنۈملىك پايدىلىنىپ ، ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى ئۆستۇرۇشكە تۈرۈتكە بولۇپ ، ئوقۇتۇش سۈپتى ۋە ئۈنۈمىنى يەنىمۇ يۇقىرى كۈتۈرۈش ئۈچۈن ، بازار تەۋەسىدىكى 15ئوتتۇرا -باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ھەممىسىدە قىرائەتخانا بولۇشنى تولۇق ئىشقا ئاشۇردى. ھازىر بۇ قىرائەتخانىلارغا 50مىڭ پارچىدىن ئارتۇق ھەرخىل مەزمۇندىكى پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە كىتاب-ماتېريال قويۇلغان بولۇپ ، ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا ئوتتۇرا ھىساب بىلەن بەش پارچىدىن كىتاب-ماتېريال توغۇرا كېلدۇ.

سۈرەتتە: بازارلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلار6-ماي دەرستىن چۈشكەندىن كېيىن مەكتەپ قىرائەتخانىسىدا كىتاب كۆرمەكتە
|