|
بۇ بىر قانچە كۈندىن بۇيان ، شەندۇڭنىڭ شاپتۇلى، گىلاسى، خېبېي قاتارلىق جايلارنىڭ ئۆرۈكى بەس - بەستە ئۈرۈمچى بازىرىغا كىردى. ھاۋا رايىنىڭ تەسىرىدە، ئەسلىدە 4 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىلا بازارغا سېلىنىدىغان ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ مېۋە - چىۋىلىرى يېرىم ئاي كېچەككەندىن كېيىن ئۈرۈمچىدىكى ئىستېمالچىلار بىلەن يۈز كۆرۈشتى. ئىگىلىنىشىچە ، نۆۋەتتە ، بازارلاردىكى شاپتۇل ، ئۆرۈك ، گىلاسلارنىڭ باھاسى بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىسىدىن ئازراق يۇقىرى بولۇپ ، ھەر كىلوگىرامىنىڭ باھاسى ئايرىم ھالدا سەككىز يۈەن ، 18 يۈەن ۋە 80 يۈەن بولغان. بۇ مېۋە - چىۋىلەرنىڭ ھەممىسى شەندۇڭ ، خېبېي قاتارلىق جايلاردا پارنىكتا ئۆستۈرۈلگەن.
|