باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى
ئاز سانلىق مىللەت ئوتتۇرا ، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ قوش تىلدا كىتاب ئوقۇش، نۇتۇق سۆزلەش پائالىيىتى ئاخىرلاشتى
2008- 05- 06 12:05 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

       ئىككى كۈن داۋام قىلغان ئاپتونوم رايون بويىچە تۇنجى نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەت ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ قوش تىلدا كىتاب ئوقۇش، نۇتۇق سۆزلەش پائالىيىتى تۈنۈگۈن ئۈرۈمچىدە ئاخىرلاشتى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جىن نو مۇكاپاتلاش، تەقدىرلەش يىغىنىغا قاتناشتى ھەمدە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ماھىرلارغا مۇكاپات تارقىتىپ بەردى.
     بۇ قېتىمقى نۇتۇق سۆزلەش پائالىيىتى مەملىكەت ۋە ئاپتونوم رايون بويىچە كەڭ كۆلەمدە چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلغان ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش ئېيى پائالىيىتىنىڭ تەركىبى قىسمى، شۇنداقلا ئاپتونوم رايوننىڭ زور كۈچ بىلەن قوش تىل ئوقۇتۇشى خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەرىكىتىنىڭ بىرى. ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 5 مىللەتتىن بولغان 56 ماھىر نۇتۇق سۆزلەش پائالىيىتىگە قاتناشقان.

 

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ