|
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئامىنە ھەمدۇل خەۋىرى ، فوتوسى : قاراشەھەر ناھىيىلىك1 - ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 1 - دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچىسى، تولۇقسىز 3 - يىللىق‹‹ قوش تىل›› سىنىپىنىڭ سىنىپ مەسئۇلى گۈلمىرە ھاجى ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىنى قىزغىن سۆيۈپ ، ئوقۇغۇچىلارنى ئەخلاقى ، ئەقلىي ۋە جىسمانىي جەھەتلەردىن ئەتىراپلىق تەربىيىلەشكە كۈچ سەرپ قىلغاچقا ئوبلاست ، ناھىيە بويىچە بىر نەچچە قېتىم ئىلغار سىنىپ مۇدىرى بولدى ھەمدە بايىنغۇلىن ئوبلاستى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئاساسىي ماھارەت سىناش مۇسابىقىسىدە ئالاھىدە ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىپ مۇكاپاتلاندى.

سۈرەتتە: گۈلمىرە ھاجى ( ئوڭدىن ئىككىنچى كىشى) ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا - ئانىلىرى بىلەن بىرگە
|