باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>تەنتەربىيە خەۋەرلىرى
قەشقەردە ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى كۈتۈۋېلىش بويىچە پۇتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى
2008- 05- 05 17:23 تەڭرىتاغ تورى

      ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز ئابدۇشۈكۈر راشىدىن، ئەنۋەرجان مەتنىيازلار خەۋىرى ، فوتوسى : قەشقەر ۋىلايىتى بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈشىنى تەبرىكلەش يۈزىسىدىن ئۇيۇشتۇرغان ، ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت ، تەنتەربىيە ئىدارىسى تەشكىللىگەن ، مەكىت ناھىيىسى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان ‹‹ يېزا ئىگىلىك بانكىسى لوڭقىسى ››نى تالىشىش بويىچە ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ پۇتبول مۇسابىقىسى  5-ئاينىڭ 3-كۈنى مەكىت ناھىيىدە باشلاندى.
      بۇ قېتىمقى مۇسابىقىگە قەشقەر ۋىلايىتىدىكى 13 كوماندىدىن 280 دىن ئارتۇق تەنھەرىكەتچى قاتناشتى . مۇسابىقە  A ، B ، C گۇرۇپپىلار بويىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ ، مۇشۇ ئاينىڭ 9-كۈنىگىچە داۋام قىلىدىكەن.

سۈرەتتە: مۇسابىقىدىن كۆرۈنۈشلەر

 

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ