باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>پەن–مائارىپ
دۆلىتىمىز ئالىملىرىمۇ غول ھۈجەيرە تەتقىقاتىدا زور بۆسۈشكە ئېرىشتى
2008- 05- 05 14:06 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

       ئىككى يىل ئىلگىرى، شۇ جۈنيىڭ ئادەتتىكى تېرە ھۈجەيرىسىنى غول ھۈجەيرىسىگە ئايلاندۇرىدىغان گېن گۇرۇپپىسىنى بىرىكتۈرۈش ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان. غول ھۈجەيرە بىر خىل ئاساسىي تىپتىكى ھۈجەيرە بولۇپ، نەزەرىيە جەھەتتىن ھەر قانداق ئادەمنىڭ ھۈجەيرىسىگە ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ.
      شۇ جۈنيىڭ 2003 - يىلى، پېنسىلۋانىيە ئۇنىۋېرستېتىدا دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن، كېيىن جامېس تومسۇن تەجرىبىخانىسىغا كىرىپ، ياردەمچى ئالىم سالاھىيىتى بىلەن ئۆزىنىڭ تەتقىقاتىنى باشلىغان. جامېس تومسۇن ئاتاقلىق غول ھۈجەيرە مۇتەخەسسىسى، ئۇ ئادەم تۆرەلمىسىدىن غول ھۈجەيرىنى ئايرىپ ئالغان تۇنجى ئالىم.
      2005- يىلى، دوكتۇر تومسۇننىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ئارقىسىدا، شۇ جۈنيىڭ بۇ گېنلارنى تۈرگە ئايرىپ قايسى گېنلارنىڭ تەتۈر كۆچۈرۈش جاريانىنى ئاكتىپلاشتۇرىدىغانلىقىنى بىكىتكەن. ئۇ خىزمەتنىڭ مۇھىم نوقتىسىنى تېرە ھۈجەيرىلىرىنى تەتۈر كۆچۈرۈش ئۈستىگە قويغان. ئۇ كىيۇتو ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئالىملارنىڭمۇ دەل موشۇ خىل تەتقىقات بىلەن شوغۇللىنىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغان بولسىمۇ قىلچە بېسىم ھىس قىلمىغان ۋە تاسادىپىي پۇرسەتتە ئۇ 14 گېننى گۇرۇپپىلىغاندا تەتۈر كۆچۈرۈش جەريانىنى جانلاندۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى بايقىغان. ئۇ داۋاملىق ئىزدىنىپ، گېن سانىنى 4 كە كىچىكلەتكەن، ئاندىن ماقالىنى ‹‹ ئىلىم-پەن›› ژورنىلىغا تاپشۇرۇپ بەرگەن. كىيۇتو ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئالىملارمۇ ئوخشاش ۋاقىتتا ‹‹ ھۈجەيرە›› ژورنىلىغا ئۆزلىرىنىڭ بۇ تەتقىقات نەتىجىسىنى تاپشۇرىدۇ. ئۇلار ئىشلەتكەن ئىككى جۈپ گېن شۇ جۈنيىڭ دوكتۇرنىڭكى بىلەن ئوخشاش ئىدى. ئۆز - ئارا رىقابەتلىشىدىغان بۇ ئىككى ژورنال ھەمكارلىشىپ ، بىرلا ۋاقىتتا بۇ ئىككى پارچە ماقالىنى ئېلان قىلىشنى قارار قىلىدۇ. شۇ جۈنيىڭ: بىز بۇ غول ھۈجەيرىسىدىن پايدىلىنىپ ئىنسانىيەتنىڭ ھەر قانداق توقۇلمىسى ياكى  ئەزالىرىنى ياسىمايمىز، بىز ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، بەزى نېۋرونلارنى تەييارلاپ، پاركىنسون كېسىلى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە ئىشلىتىدىغان دورىنى سىنىشىمىز مۇمكىن دېگەن.  

 

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ