باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>پەن–مائارىپ
ياۋروپانىڭ ‹‹گالىلېي›› پىلانى ناھايىتى تەستە يولغا قويۇلدى
2008- 05- 05 12:14 شىنجاڭ گېزىتى

     ياۋروپا پارلامېنتى ئىككى كۈن مۇزاكىرە قىلىپ، 23 – ئاپرېل ‹‹گالىلېي›› ناملىق يەر شارى سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق يول باشلاش سىستېمىسىنىڭ ئاخىرقى ئورۇنلاشتۇرۇش لايىھىسىنى ماقۇللىدى، بۇ ئالتە يىل داۋاملىشىدىغان ‹‹گالىلېي›› پىلانى ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشى باسقۇچىنىڭ رەسمىي باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. جۇڭگو مەسىلىلىرى مۇتەخەسسىسى مۇنداق قارىدى: ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭگو، ھىندىستان قاتارلىق ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولمىغان دۆلەتلەر ھەمكارلىشىدىغان بۇ پىلان ئامېرىكىنىڭ يەر شارى يول باشلاش سۈنئىي ھەمراھى سىستېمىسى ساھەسىدىكى مونوپول ئورنىنى بۇزۇپ تاشلاپلا قالماستىن، يەنە دۇنيا ۋەزىيىتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ياۋروپانى ئامېرىكىنى ‹‹چەكلەش›› ئىقتىدارىغا ئىگە قىلىدۇ، جۇڭگونىڭ خەلقئارا ئەھۋالىنى ياخشىلاش رولىنى ئوينايدۇ.

     ‹‹گالىلېي›› سىستېمىسى يەر شارى بويىچە تۇنجى پۈتۈنلەي پۇقرالارغا ئېچىۋېتىلگەن يەر شارى سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق ئورۇن بەلگىلەش سىستېمىسى بولۇپ، سەۋىيىسى ناھايىتى يۇقىرى، بەزى جەھەتتە ھەتتا ئامېرىكىنىڭ GPS يەر شارى ئورۇن بەلگىلەش سىستېمىسىدىن ئېشىپ چۈشىدۇ. مەسىلەن: GPS سىستېمىسى ئارقىلىق كوچىلارنىلا تاپقىلى بولسا، ‹‹گالىلېي›› سىستېمىسىدىن پايدىلىنىپ، ئاپتوموبىل ئىسكىلاتىنىڭ ئىشىكىنىمۇ تاپقىلى بولىدۇ. تېخىمۇ دەل ۋە ئومۇميۈزلۈك ‹‹گالىلېي›› سىستېمىسى ئامېرىكىنىڭ GPS سىستېمىسىنىڭ مونوپول ئورنىنى ئۈزۈل – كېسىل بۇزۇپ تاشلايدۇ.

      ئەنگلىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە مۇنداق دېيىلدى: ھەربىي تەھلىلچىلەر، يىراق كەلگۈسىدىن قارىغاندا ‹‹گالىلېي›› سىستېمىسى ياۋروپانىڭ ھەربىي كۈچىنى زورايتىشىغا پايدىلىق، شۇنداقلا دىپلوماتىيە ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىدۇ. چۈنكى، ياۋروپا ئىتتىپاقى بۇ سىستېمىنى پۈتۈنلەي پۇقرالار ئۈچۈن ئىشلىتىشنى چىقىش قىلغان، دەپ جاكارلىغان بولسىمۇ، مەبلەغ يوچۇقىنى تولۇقلاش ئۈچۈن، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بەزى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى كەلگۈسىدە ھەربىي ئىشلار ئۈچۈن ئىشلىتىشكە ئېچىۋېتىشنى ئويلىشىپ كۆرۈشنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ ياۋروپانىڭ مۇستەقىل مۇداپىئە سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشىغا شارائىت ھازىرلاپ بېرىدۇ، دەپ كۆرسەتتى.

      2005 – يىل 28 – ئىيۇل جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ‹‹گالىلېي›› پىلانى توغرىسىدىكى ئۈچ ئەمەلىي تۈردە توختام ئىمزالاپ، جۇڭگو‹‹گالىلېي›› پىلانىغا قاتناشقان ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولمىغان تۇنجى دۆلەتكە ئايلانغان، ئۇ سىستېمىنىڭ قىسمەن ئىگىدارلىق ھوقۇقى ۋە تولۇق ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئىگە بولدى. جۇڭگو ‹‹گالىلېي›› پىلانىغا ئىشتىراك قىلغۇچى دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولغاچقا، ئامېرىكىنىڭ بۇ سىستېمىغا بولغان ئەندىشىسى تېخىمۇ ئاشتى.

      جۇڭگو ‹‹گالىلېي›› پىلانىغا ھەمكارلىشىش بىلەن بىللە، ئۆزىنىڭ سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق يول باشلاش سىستېمىسىنىمۇ راۋاجلاندۇرماقتا. جۇڭگو ئۆزى تەتقىق قىلىپ ياسىغان ‹‹شىمالىي قۇتۇپ يۇلتۇزى تىجارىتى مۇلازىمەت سۇپىسى›› 2007 – يىلى 6 – ئايدا رەسمىي ئېچىلدى، بۇ جۇڭگونىڭ تامامەن مۇستەقىل سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق يول باشلاش سىستېمىسىغا ئىگە بولغانلىقىدىن، ‹‹شىمالىي قۇتۇپ يۇلتۇزى›› يول باشلاش ۋە ئورۇن بەلگىلەش سىستېمىسىنىڭ كەڭ كۆلەمدە قوللىنىلىشىنىڭ ماھىيەتلىك باسقۇچقا كىرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

      چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مەسىلىلەر تەتقىقات ئورنىنىڭ پروفېسسورى لى بىن مۇنداق قارىدى: جۇڭگو بىر تەرەپتىن تىنچلىق مەقسىتىدە پايدىلىنىش ئاساسىدا باشقا دۆلەتلەر بىلەن يول باشلاش سۈنئىي ھەمراھى سىستېمىسى ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇشنى خالايدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن، ئۆزىنىڭ يول باشلاش سىستېمىسىنى راۋاجلاندۇرىدۇ. يىراق كەلگۈسىدىن قارىغاندا، مەيلى GPS سىستېمىسى بولسۇن، مەيلى ‹‹گالىلېي›› سىستېمىسى ياكى جۇڭگونىڭ ‹‹شىمالىي قۇتۇپ يۇلتۇزى›› سىستېمىسى بولسۇن، ئۇنىڭ تەرەققىيات نەتىجىسى پۈتۈن ساھەنىڭ زورىيىشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ.

      فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مەسىلىلەر تەتقىقات يۇرتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن مۇدىرى شېن دىڭلى مۇنداق قارىدى: ئامېرىكا ‹‹دەرىجىدىن تاشقىرى غوجا ئاكا›› بولۇۋاتقان ئەھۋالدا جۇڭگو ناھايىتى زور چەكلىمىگە ئۇچرىماقتا. ياۋروپا ھەربىي ئىشلار ۋە پەن – تېخنىكىنى مۇستەقىل راۋاجلاندۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە، بۇ ياۋروپانىڭ ئامېرىكا ئېغىر سىياسىي خاتالىق ئۆتكۈزگەن ئەھۋالدا، تەڭپۇڭلاشتۇرغۇچى دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەتلىك رولنى مۇستەقىل ئوينىشىغا پايدىلىق. بۇ جۇڭگونىڭ خەلقئارا ئەھۋالىنى ياخشىلاش رولىنى ئوينايدۇ. ‹‹ئامېرىكا خاتالىق ئۆتكۈزگەندە، ياۋروپانىڭ ئامېرىكىغا ئەگىشىپ ماڭماسلىققا قۇربى يەتمەسلىكى بىزگە پايدىسىز؛ ئامېرىكىغا ئەگىشىپ ماڭماسلىققا قۇربى يېتىشى بىزگە پايدىلىق، ئەلۋەتتە››.‹‹يەر شارى ۋاقىت گېزىتى›› دىن 

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ