باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>پەن–مائارىپ
لەگلەك ئۇچۇرۇپ توك چىقىرىش
2008- 05- 05 12:03 شىنجاڭ گېزىتى

     لەگلەك بىلەن توكنىڭ مۇناسىۋىتى تىلغا ئېلىنسا، كىشىلەر گۈلدۈرمامىلىق يامغۇر ياغقان كۈنى تەۋەككۈلچىلىك بىلەن لەگلەك ئۇچۇرۇپ توكقا دائىر تەجرىبە ئىشلىگەن ئامېرىكىلىق ئالىم فرانكلىننى ئېسىگە ئېلىشى مۇمكىن. ئەمما گۈلدۈرمامىلىق يامغۇر بۇلۇتىدىن بىۋاسىتە توكقا ئېرىشىش بەكمۇ خەتەرلىك، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر كۈنىلا گۈلدۈرمامىلىق يامغۇر بۇلۇتى پەيدا بولمايدۇ. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، ئالىملار يېقىندا يەنە لەگلەكتىن پايدىلىنىپ ئېلېكتر ئېنېرگىيىسىگە ئېرىشىش ئۇسۇلىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ ئۇسۇل ناھايىتى ئاددىي بولۇپ، لەگلەكنىڭ ئېگىز بوشلۇقتا ئۇدا، تۇراقلىق ئۇچۇشىدىكى شامال كۈچىدىن پايدىلىنىپ توك ھاسىل قىلىشتىن ئىبارەت. ھازىر بۇ تېخى تەجرىبە باسقۇچىدا بولۇپ، يولغا قويۇش مۇمكىن بولسا، بىز مۇھىتنى بۇلغىمايدىغان ئۇسۇل بىلەن ئەرزان ئېلېكتر ئېنېرگىيىسىگە ئىگە بولالايمىز.

     روسىيە ئالىملىرى لەگلەك شوتىدىن پايدىلىنىپ توك ھاسىل قىلماقچى

     شامال كۈچى بىلەن توك ھاسىل قىلىش ئۈسكۈنىلىرى نەچچە ئون يىللىق تەرەققىياتنى باشتىن كەچۈرۈپ، بۇرۇنقى چاقپەلەكلەرگە پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان ھالەتكە يەتتى، ھازىرقى بەزى زامانىۋى ‹‹چاقپەلەك››لەرنىڭ ئېگىزلىكى نەچچە يۈز مېتىرغا يېتىدۇ. شۇنداق بولسىمۇ، ئالىملار بۇنىڭ بىلەن قانائەتلىنىپ قالغىنى يوق. يېقىندا روسىيە فىزىكا ئالىمى بودگېتس تېخىمۇ ئېگىز بوشلۇقتىكى شامال ئېنېرگىيىسىدىن توك ھاسىل قىلىش تەسەۋۋۇرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ: ‹‹يەر يۈزىدىن نەچچە مىڭ مېتىر ئېگىزلىكتە تېز لەيلەپ ئۇچۇۋاتقان لەگلەككە چېگىلگەن ئارغامچىنىڭ بىر ئۇچى يەر يۈزىدىكى چىغرىق ماشىنىغا چېگىلگەن بولۇپ، چىغرىق ماشىنىنى ھەرىكەتلەندۈرىدۇ، بۇ چىغرىق ماشىنا گېنېراتورنىڭ ئاساسىي ئوقىغا تۇتاشتۇرۇلغان بولۇپ، چىغرىق ماشىنا ھەرىكەتلىنىپ گېنېراتورنى ھەرىكەتكە كەلتۈرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن توك ھاسىل بولىدۇ››.

     ئېگىزلىكتىكى شامال كۈچى يەر يۈزىدىكىدىن كۆپ كۈچلۈك، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ تېخىمۇ تۇراقلىق ۋە ئۈزلۈكسىزلىككە ئىگە. بودگېتسنىڭ پىلانى بويىچە ئېگىزلىككە يالغۇز بىر ئەمەس، بەلكى زور بىر تۈركۈم، ئاز بولغاندىمۇ 50 دانە غايەت زور لەگلەك چىقىرىلىدىكەن. ھەر بىر لەگلەكنىڭ يېيىلغاندىكى چوڭلۇقى پۇتبول مەيدانىنىڭ چوڭلۇقىدا بولىدىكەن. بۇ لەگلەكلەر ئېگىزلىكتە يۇقىرىدىن تۆۋەنگە بىر قاتار تىزىلىپ تۇرىدىغان بولۇپ، بۇ بەئەينى ئاسمانغا چىقىدىغان شوتىغا ئوخشايدىكەن. بۇ لەگلەكلەرگە چىگىلىدىغان ئارغامچىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 600 مېتىر بولۇپ، توملۇقى ستولبىنىڭ توملۇقىچىلىك كېلىدىكەن. لەگلەكلەر ئۇچقان ئېگىزلىكتىكى شامال كۈچى يېتەرلىك بولمىسا، ئارغامچىنى يەنىمۇ ئۇزۇنراق قويۇپ بېرىپ، لەگلەكلەرنى تېخىمۇ ئېگىز ئۇچۇرسا بولىدىكەن. شۇڭا بارلىق لەگلەكلەر ئېگىزلىككە چىقىرىلغاندىن كېيىن، ئادەتتىكى ئەھۋالدا يەرگە چۈشۈپ كەتمەيدىكەن. تەتقىقاتچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، مۇشۇنداق بىر يۈرۈش توك ھاسىل قىلىش ئۈسكۈنىسى 100 مېگاۋات توك ھاسىل قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولىدىكەن.

     ئىتالىيىلىكلەر لەگلەك ‹‹ئايلانما ياغاچ ئات››تىن پايدىلىنىپ توك ھاسىل قىلماقچى

     ئىتالىيىنىڭ تۇرىن شەھىرىدىكى مەلۇم بىر ئىنژېنېرلار مۇلازىمەت ئورنىنىڭ مەسئۇلى ماسىمو ئىبرىتو تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ: بىز كومپيۇتېردا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا تەقلىدىي ھېسابلاش ئېلىپ بېرىپ، توك ھاسىل قىلىش ئىقتىدارى بىر قانچە مېگا كىلوۋاتقا يېتىدىغان چوڭ تىپتىكى شامال كۈچىدىن پايدىلىنىپ توك ھاسىل قىلىش ئۈسكۈنىسىنى ياساش خىيالىغا كەلدۇق.

      ئىتالىيىلىك بۇ ئىنژېنېرلارنىڭ تەسەۋۋۇرى بويىچە، ئېگىز بوشلۇقتىكى لەگلەكلەر شامال كۈچىنىڭ تەسىرىدە يەر يۈزىگە مۇقىملاشتۇرۇلغان ئايلانما ياغاچ ئات شەكلىدىكى ئايلانما تەخسىنى ھەرىكەتلەندۈرىدىكەن، ئايلانما تەخسىنىڭ ماگنىت مەيدانىدا ئايلىنىشىدىن ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى ھاسىل بولىدىكەن. ئايلانما تەخسىدىن ھەر بىر لەگلەككە يۇقىرى قارشىلىققا ئىگە بىر جۈپ كابېل چىقىرىلىپ، ئۇلارنىڭ يۆنىلىشى ۋە بۇلۇڭ گرادۇسى تىزگىنلىنىدىكەن. بۇ يەردە دېيىلىۋاتقىنى ئادەتتىكى لەگلەكلەر بولماستىن، بەلكى ئىنتايىن يەڭگىل ماتېرىياللاردىن ياسالغان، شامالغا چىداش كۈچى كۈچلۈك لەگلەكلەر بولۇپ، لەگلەكلەر 2000 مېتىر ئىگىزلىكتىكى بوشلۇققا چىقىرىلىدىكەن.

     مۆلچەرلىنىشىچە، لەگلەك شامال كۈچى گېنېراتورىدىن ھاسىل قىلىنىدىغان ھەر 1000 كىلوۋات\سائەت توكنىڭ تەننەرخى ئاران 1.5 ياۋرو بولىدىكەن. ھازىر ياۋروپا ئەللىرىدە ھەر 1000 كىلوۋات\سائەت توكنىڭ تەننەرخى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 43 ياۋرو بولماقتا. دېمەك، لەگلەك شامال كۈچى گېنېراتورىدا ھاسىل قىلىنغان توكنىڭ تەننەرخى ناھايىتى تۆۋەن.

      ئىبرىتونىڭ ئېيتىشىچە، دىئامېتىرى 1000 مېتىرغا يېتىدىغان غايەت زور بىر ئايلانما تەخسە 250 مېگاۋات توك ھاسىل قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولىدىكەن. بۇ، توك ھاسىل قىلىش ئىقتىدارى جەھەتتە ئادەتتىكى ئېلېكتر ئىستانسىلىرىدىن قېلىشمايدىغان توك ھاسىل قىلىش ئۈسكۈنىسى بولۇپ، ئۇ ئارقىلىق قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيىگە ئېرىشكىلى بولىدىكەن. 

ئابدۇۋايىت قاسىم

 

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ