باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا بولۇتلۇق بولۇپ ، ئازراق يامغۇر ياغىدۇ ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃15، تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃7بولىدۇ
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىقتىسادىي خەۋەرلەر
بىرىنچى پەسىلدە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مالىيەكىرىمى زور دەرىجىدە ئاشتى
2008-May-5 10:24 شىنجاڭ گېزىتى

     ئاپتونوم رايونلۇق ستاتىستىكا ئىدارىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، بىرىنچى پەسىلدە، ئاپتونوم رايوننىڭ ئومۇمىي مالىيە كىرىمى 19 مىليارد 233 مىليون يۈەنگە يېتىپ، %28.2 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە يەرلىك مالىيىنىڭ ئادەتتىكى خام چوت كىرىمى 8 مىليارد 823 مىليون يۈەن بولۇپ، %30.7 ئاشقان.

      كىرىم تۈرىدىن قارىغاندا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تۈرلۈك باج كىرىمى 7 مىليارد 490 مىليون يۈەنگە يېتىپ، % 37.3، ئېشىش نىسبىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %16.9 پوئىنت ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە تىجارەت بېجى 2 مىليارد 494 مىليون يۈەن بولۇپ، % 50.3 ئاشقان؛ كارخانا تاپاۋەت بېجى 727 مىليون يۈەن بولۇپ، 1.4 ھەسسە ئاشقان؛ شەخسلەر تاپاۋەت بېجى 629 مىليون يۈەن بولۇپ، %41.4 ئاشقان.

     يەرلىك مالىيە چىقىمى 15 مىليارد 316 مىليون يۈەن بولۇپ، %41.5 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە ئادەتتىكى خام چوت چىقىمى 14 مىليارد 47 مىليون يۈەن بولۇپ، %35.1 ئاشقان. چىقىم تۈرلىرىدىن قارىغاندا، مۇھىت ئاسراش چىقىمى، مائارىپ چىقىمى ۋە پەن – تېخنىكا چىقىمى 1.3 ھەسسە، %25.8 ۋە %29 ئاشقان. 

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ