|
ئاشلىق باھاسى ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان دۇنياۋى مەسىلىگە ئايلاندى. خەلقئارادا ئاشلىق باھاسىنىڭ ئۆرلىشى تۈپەيلىدىن لاتىن ئامېرىكىسى، ئاسىيا، ئافرىقىدىكى 33 دۆلەتتە ئاشلىق قەھەتچىلىكى كۆرۈلدى. ئېلىمىزدە ئاشلىق باھاسىنىڭ ئۆرلىشى پۇل پاخاللىقىنى پەيدا قىلدى. 2008 – يىلى 1 – پەسىلدە CPI (ئىستېمالچىلار باھا كۆرسەتكۈچى) % 8 ئۆرلىگەن. يېمەكلىك باھاسىنىڭ % 21 ئۆرلىشى ئومۇمىي باھا كۆرسەتكۈچىنىڭ% 6.8 ئۆرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، پۇل پاخاللىقىنى پەيدا قىلغان ئەڭ ئاساسلىق سەۋەب بولۇپ قالغان. ھازىر ئاشلىق باھاسى خەلق تۇرمۇشىغا ئېغىر تەسىر كۆرسىتىۋاتقان، كىشىلەر كۆڭۈل بۆلىدىغان قىزىق تېما بولۇپ قالدى. ئاشلىق باھاسى نېمە ئۈچۈن ئۆرلەپ كېتىدۇ؟
ئاشلىق باھاسىنىڭ ئۆرلىشىدىكى ئامىللار ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، بۇنىڭدا ئىچكى سەۋەبمۇ، خەلقئارا سەۋەبمۇ بار.
بىرىنچى، ئامېرىكا دوللىرىنىڭ قىممىتىنىڭ چۈشۈشى، نېفىت قاتارلىق تاۋارلارنىڭ باھاسىنىڭ ئۆرلىشى دۇنيا بازىرىدا ئاشلىق باھاسىنىڭ بەسلەشمە خاراكتېرلىك ئۆسۈشىنى پەيدا قىلدى. يەر شارى كىلىماتىنىڭ ناچارلىشىشى ۋە ھەر خىل تەبىئىي ئاپەتنىڭ كۆپلەپ كۆرۈلۈشى ئاشلىق ھوسۇلىنى كېمەيتىۋەتتى. ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، ھازىر دۇنيا ئاشلىق زاپىسى 30 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيىگە چۈشۈپ قالغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاشلىق ئىشلەپ چىقىرىدىغان ئاساسلىق دۆلەتلەرنىڭ ھەر خىل ئەندىشىلەر تۈپەيلىدىن ئاشلىق ئېكسپورتىغا چەك قويۇشى، دۇنيا ئاشلىق بازىرىدا ئاشلىق تەمىنلەش مىقدارىنىڭ ئازىيىشىنى ۋە ئاشلىق باھاسىنىڭ ئۆرلىشىنى پەيدا قىلدى.
ئىككىنچى، ئاشلىقنىڭ كۆپ مىقداردا يېقىلغۇ ئورنىدا ئىشلىتىلىشى ئاشلىق باھاسىنىڭ ئۆرلىشىگە سەۋەب بولغان يەنە بىر ئامىل. 20 دوللار ئۆپچۆرىسىدىكى ھەر بىر تۇڭ نېفىت باھاسىنىڭ 100 دوللاردىن ئېشىپ كېتىشى، كىشىلەرنىڭ يېڭى ئېنېرگىيە مەنبەلىرىنى ئېچىشىغا تۈرتكە بولدى. ھەر بىر تۇڭ نېفىتنىڭ باھاسى 60 دوللاردىن ئاشسا ئاشلىقتىن بىئو يېقىلغۇ ئېلىش ئىقتىسادىي نەپ يارىتىدۇ. 2005 – يىلى بىئو يېقىلغۇ تاشيول قاتناش ۋاسىتىلىرى سەرپ قىلغان ئومۇمىي ئېنېرگىيىنىڭ% 1نى تەشكىل قىلغان بولۇپ، بۇ نىسبەت 2050 – يىلىغا بارغاندا % 11كە يېتىشى مۇمكىن، نېفىت باھاسىنىڭ ئۆرلىشى، بىئو يېقىلغۇ ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخىنىڭ چۈشۈشىگە ئەگىشىپ، بۇ نىسبەت ھەتتا% 25كە يېتىپ، تېخىمۇ كۆپ ئاشلىق بىئو يېقىلغۇ ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىشى مۇمكىن. ئاشلىق ئىشلەپ چىقىرىدىغان ئاساسلىق دۆلەت ئامېرىكىدا 2000 – يىلى قوناقنىڭ 6 پىرسەنتى بىئو يېقىلغۇغا ئىشلىتىلگەن بولسا، 2005 – يىلى بۇ نىسبەت% 14كە، 2006 – يىلى% 20كە، 2007 – يىلى% 27كە يەتكەن. ياۋروپادا بىئو يېقىلغۇ ئېلىشقا ئىشلىتىلگەن ئاشلىق 2016 – يىلىغا بارغاندا ھازىرقى 10 مىليون توننىدىن 21 مىليون توننىغا يېتىشى مۇمكىن. كۆپلىگەن ئاشلىقنىڭ بىئو يېقىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشقا ئىشلىتىلىشى ئاشلىققا بولغان ئېھتىياجنى ئاشۇرۇۋېتىپلا قالماستىن، يەنە يېقىلغۇ باھاسىنىڭ ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ ئاشلىق باھاسىنىڭ يەنىمۇ ئۆسۈشىنى پەيدا قىلدى.
ئۈچىنچى، نوپۇسنىڭ كۆپىيىشى ۋە شەھەرلىشىشنىڭ كېڭىيىشى تېرىلغۇ يەرنىڭ ئازىيىشىنى ۋە ئاشلىققا بولغان ئېھتىياجنى ئاشۇرۇۋېتىپ، ئاشلىق باھاسىنىڭ ئۆرلىشىدىكى مۇھىم ئامىل بولۇپ قالدى. دۇنيا بويىچە شەھەرلىشىش 1980 – يىلىدىكى %39تىن 2004 – يىلىدىكى %49كە يەتكەن.
تۆتىنچى، ئاشلىق ئىستېمال قۇرۇلمىسىنىڭ ئۆزگىرىشى ئاشلىققا بولغان ئېھتىياجنى ئاشۇرۇپ، ئاشلىق باھاسىنىڭ ئۆرلىشىنى پەيدا قىلدى. ئېلىمىزدە شەھەر ئاھالىسى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 40 كىلوگرام گۈرۈچ ئىستېمال قىلىدۇ. يېزىلاردا 20 كىلوگرامغىمۇ يەتمەيدۇ. 2003 – يىلى 1990 – يىلىغا قارىغاندا گۈرۈچنىڭ ئومۇمىي دانلىق زىرائەتلەر ئىچىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى% 37تىن% 35كە چۈشكەن. بۇغداينىڭ ئومۇمىي دانلىق زىرائەتلەر ئىچىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى% 31دىن% 26كە چۈشكەن. كۆممىقوناقنىڭ% 25تىن% 35كە ئۆرلىگەن. % 80تىن ئارتۇق گۈرۈچ، بۇغداي ئوزۇق – تۈلۈك ئورنىدا ئىشلىتىلگەن، % 85 كۆممىقوناق يەم – خەشەك ئورنىدا ئىشلىتىلگەن. شەھەرلىشىش ئاشلىق ئىستېمال قۇرۇلمىسىنىڭ ئۆزگىرىشىنى پەيدا قىلىپ، كۆممىقوناق ئەڭ كۆپ ئىستېمال قىلىنىدىغان دانلىق زىرائەت بولۇپ قالدى. ئىسپىرت ئېلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان كۆممىقوناق 2006 – يىلى 2002 – يىلىغا قارىغاندا% 95 ئاشقان، كراخمال ئېلىشقا ئىشلىتىلىدىغان كۆممىقوناق% 62، يەم – خەشەك ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان كۆممىقوناق% 5 ئاشقان، كۆممىقوناق ئېھتىياجىنىڭ تەمىنلەشتىن ئېشىپ كېتىشى كۆممىقوناق باھاسىنىڭ ئۆرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. كۆممىقوناق باھاسىنىڭ ئۆرلىشى يەم – خەشەك باھاسىنىڭ ئۆرلىشىنى، ھەتتا گۆش باھاسىنىڭ ئۆرلىشىنى پەيدا قىلدى.
بەشىنچى، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخىنىڭ ئۆرلىشى ئاشلىق باھاسىنىڭ ئۆرلىشىگە سەۋەب بولدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى باھاسىنىڭ ئۆرلىشى بىر قەدەر تېز بولدى. ئۇرۇقلۇق، ئوغۇت، دېھقانچىلىق دورىلىرى، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ۋە دېزىل مېيى قاتارلىقلارنىڭ باھاسى ئۆرلەپ كەتتى. ئىلگىرى يېزا ئىگىلىكىدە ئىشلىتىلىدىغان سۇدىن ھەق ئېلىنمايتتى. ھازىر سۇنىڭ قىس بولۇشى ۋە سۇنى تېجەپ ئىشلىتىش ئۈچۈن ھەق ئېلىنىدىغان بولدى ھەم ئۇ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخىنىڭ ئېشىپ كېتىشىدىكى مۇھىم ئامىل بولۇپ قالدى.ئالتىنچى، ئوبوروت ساھەسىدە ساقلانغان مەسىلىلەر ۋە باھا مېخانىزىمىنىڭ تولۇق شەكىللەنمەسلىكى ئاشلىق باھاسىنىڭ ئۆرلىشىدىكى مۇھىم ئامىل ھېسابلىنىدۇ. بازارنىڭ ئۇچۇرلىشىش قەدىمىنىڭ ئاستا بولۇشى، ئىستېمالچىلارنىڭ بازار ئۇچۇرىنى ياخشى ئىگىلىيەلمەسلىكى، ئوبوروت يولىنىڭ راۋان بولماسلىقى تۈپەيلىدىن بىر قىسىم ئاشلىق سودىگەرلىرىنىڭ ئاشلىقنى بېسىۋېلىش يولى بىلەن ھايانكەشلىك قىلىشىغا پۇرسەت يارىتىلدى. ئىغۋا سۆزلەر قىسمەن رايونلاردىكى قۇرۇلما خاراكتېرلىك ئاشلىق يېتىشمەسلىك مەسىلىسىنى كۆپتۈرۈپ، سەزگۈرلۈكى يۇقىرى ئىستېمالچىلاردا تالىشىپ سېتىۋېلىش دولقۇنى پەيدا قىلىپ، ئاشلىق ھايانكەشلىرىنىڭ باھا ئۆستۈرۈۋېلىشىغا سەۋەبچى بولدى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئېلىمىزدە ئاشلىق باھاسى ئۆرلىگەن بولسىمۇ، ئېلىمىزنىڭ يىللىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 500 مىليارد كىلوگراملىق ئۆتكەلدىن بۆسۈپ ئۆتتى. ئومۇمىي تەمىنلەش – ئېھتىياج مۇناسىۋىتى تەڭپۇڭ ھالەتتە تۇرۇۋاتىدۇ، ئاشلىقتا ئۆزىنى تەمىنلىيەلەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەركەز ئۇدا بەش يىل 1 –نومۇرلۇق ھۆججەت چۈشۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلدى. شۇنىڭغا ئىشىنىش كېرەككى، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ تىرىشىشى نەتىجىسىدە ئېلىمىزنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلغىلى، ئاشلىق باھاسىنى پۇقرالار قوبۇل قىلالايدىغان دائىرىدە كونترول قىلغىلى بولىدۇ.
ئادىلجان ئابدۇلھازىر
|