|
سۈنئىي ھەمراھتىن پايدىلىنىپ ئورۇن بەلگىلەش ۋە يول باشلاش سىستېمىسى خالىغان ۋاقىتتا يەر يۈزىدىكى ھەر قانداق ئورۇننى، يەنى كىشىلەرنىڭ يەر شارىدىكى جۇغراپىيىلىك ئورنىنى توغرا بەلگىلەپ ۋە بارماقچى بولغان ئورۇنغا توغرا يول باشلاپ ، ھېچقاچان بېرىپ باقمىغان ناتونۇش ئورۇنلاردىمۇ ، يولدىن ئېزىپ قالماسلىقىڭىزغا كاپالەتلىك قىلالايدىغان سادىق ۋە ئىشەنچىلىك يول باشلىغۇچتىن ئىبارەت. سۈنئىي ھەمراھتىن پايدىلىنىپ ئورۇن بەلگىلەش ۋە يول باشلاش سىستېمىسىنى ئامېرىكا ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70- يىللىرىدىن باشلاپ تەتقىق قىلىپ ياساشقا كىرىشىپ، 20 يىل ۋاقىت ۋە 20 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى سەرپ قىلىپ، 1994 - يىلى ئومۇمىيۈزلۈك ئىشقا كىرىشتۈرگەن. بۇ سىستېما دېڭىز، قۇرۇقلۇق ۋە ھاۋا بوشلىقىدا ھەر قايسى يۆنىلىشلەر بويىچە ستېرېئولۇق يول باشلاش ۋە ئورۇن بەلگىلەش ئىقتىدارىغا ئىگە. دۆلىتىمىزنىڭ يېقىنقى 10 نەچچە يىل مابەينىدىكى ئىشلىتىش نەتىجىسىدىن قارىغاندا، سۈنئىي ھەمراھتىن پايدىلىنىپ ئورۇن بەلگىلەش ۋە يول باشلاش سىستېمىسى پۈتۈن كۈنلۈك، يوقىرى ئۈنۈملۈك، يوقىرى ئېنىقلىق، ئاپتوماتىكلىقى بىلەن كەڭ ئۆلچەش خادىملىرىنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشكەن. ئۇ مۇۋەپپىقىيەتلىك ھالدا يەر، قۇرۇلۇش ئۆلچەش، ئائىرو فوتو رەسىمىدىن پايدىلىنىپ ئۆلچەش، توشۇغۇچى قۇراللارغا يول باشلاش، يەر پوستى ھەركىتىنى كۆزىتىش، قۇرۇلۇشنىڭ شەكىل ئۆزگىرىشىنى كۆزىتىش، بايلىقلارنى قېدىرىپ تەكشۈرۈش، يەر مېخانىكىسى ئىلمى قاتارلىقلاردا ئىشلىتىلدى. شۇنداق مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇكى، سۈنئىي ھەمراھتىن پايدىلىنىپ ئورۇن بەلگىلەش ۋە يول باشلاش سىستېمىسى دۇنيا ئۆلچەش ساھەسىگە بىر قېتىملىق يېڭى تېخنىكا ئىنقىلابىنى ئېلىپ كەلدى. سۈنئىي ھەمراھتىن پايدىلىنىپ ئورۇن بەلگىلەش ۋە يول باشلاش سىستېمىسى ئىككىنچى ئەۋلاد سۈنئي ھەمراھتىن پايدىلىنىپ ئورۇن بەلگىلەش، يول باشلاش سىستېمىسى بولۇپ، ئەڭ دەسلەپكى سۈنئىي ھەمراھتىن پايدىلىنىپ ئورۇن بەلگىلەش سىستېمىسىمۇ ئامېرىكىدا تەتقىق قىلىپ ياسالغان بولۇپ، مېردىئان سىستېمىسى دەپ ئاتالغان. بۇ سىستېما 1958 - يىلى تەتقىق قىلىنىشقا باشلاپ، 1964 - يىلى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن. گەرچە ئورۇن بەلگىلەشتە خېلى مۇھىم رول ئوينىغان بولسىمۇ، لېكىن سىستېمىنىڭ سۈنئىي ھەمراھ سانى ئاز، ئېگىزلىكى بىر قەدەر تۆۋەن، سۈنئىي ھەمراھنىڭ ئىككى قېتىملىق ئۇچۇر يوللاش ۋاقىت ئارلىقى ئۇزۇن بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۈچ ئۆلچەملىك يول باشلاش مۇلازىمىتى بىلەن ئۆزلۈكسىز تەمىنلەشكە مۇمكىن بولمىغان، توغرىلىق دەرىجىسىمۇ بىر قەدەر تۆۋەن بولغان. ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى بۇ يىتەرسىزلىكلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن 1973 - يىلى سۈنئىي ھەمراھتىن پايدىلىنىپ ئورۇن بەلگىلەش ۋە يول باشلاش سىستېمىسى پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويغان. سۈنئىي ھەمراھتىن پايدىلىنىپ ئورۇن بەلگىلەش ۋە يول باشلاش سىستېمىسى مېردىئان سىستېمىسىنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىدىن تولۇق پايدىلانغان بولۇپ، بۇ سىستېمىمۇ مېردىئان سىستېمىسىغا ئوخشاش بوشلۇق، يەر شارى كۆزىتىش ۋە ئۇچۇر قوبۇللاش قاتارلىق ئۈچ قىسىمدىن تەركىب تاپقان. سۈنئىي ھەمراھتىن پايدىلىنىپ ئورۇن بەلگىلەش ۋە يول باشلاش سىستېمىسىنىڭ مېردىئان سىستېمىسىغا ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، سۈنئىي ھەمراھ سانى ئەڭ ئاز بولغاندا 24، ئۇچۇش ئېگىزلىكى 20 مىڭ 200 كىلومېتىر، ئايلىنىش ئوربىتىسى چەمبەرسىمان بولۇپ، ئالتە ئوربىتىغا بۆلۈنگەن، ھەر بىر ئوربىتىغا تۆت سۈنئىي ھەمراھ ئورۇنلاشتۇرۇلغان، ئوربىتا بۇلۇڭى 55 گىرادوس، ئايلىنىش دەۋرى 11 سائەت 58 مىنۇت. سۈنئىي ھەمراھ موشۇ تەرتىپ بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى ئۈچۈن، ھەر قانداق ئورۇن ۋە ھەر قانداق شارائىتتا ئۇچۇر قوبۇللاش ئەسۋابى ئارقىلىق، تۆتتىن ئارتۇق سۈنئىي ھەمراھنى كۆزەتكىلى بولىدۇ. ھالبۇكى، بۇ نوقتا ناھايىتى مۇھىم بولۇپ، ئەگەر قوبۇللىغۇچتا كۆزىتىلگەن سۈنئىي ھەمراھ سانى ئۈچكە يەتمىسە، ئۈچ ئۆلچەملىك ئورۇن بەلگىلەش مۇمكىن بولمايدۇ، ئورۇن بەلگىلەش توغرىلىق دەرىجىسىمۇ ماس ھالدا تۆۋەنلەيدۇ. سۈنئىي ھەمراھتىن پايدىلىنىپ ئورۇن بەلگىلەش ۋە يول باشلاش سىستېمىسى قوبۇللىغۇچىسىنىڭ ئۇچۇر قوبۇل قىلىش سەزگۈرلىكى ھاۋارايىنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە يورۇقلۇقنىڭ كۈچلۈك - ئاجىزلىقى بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولۇپ، پەقەت ئۆلچىگۈچى بىلەن سۈنئىي ھەمراھ ئارىسىدا توسالغۇ بولماسلىقىنى، ئوچۇقچىلىق بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇڭا زىچ جايلاشقان ئىگىز بىنالار ياكى قويۇق ئۆسكەن ئورمانلار ئىچىدە ئۆلچەش ئېلىپ بارغاندا، توغرىلىق دەرىجىسىگە تەسىر يېتىدۇ. ئاپتوموبىللاردا ئۆلچەشكە توغرا كەلسە، سىرتقى ئانتېناسى بار قوبۇللىغۇچنى ئىشلىتىشكە دىققەت قىلىش لازىم. ھازىر بەزى ئاپتوموبىل شىركەتلىرى سۈنئىي ھەمراھتىن پايدىلىنىپ ئورۇن بەلگىلەش ۋە يول باشلاش سىستېمىسى قوبۇللىغۇچنى ئاپتوموبىل ئەسلىھەسى ئورنىدا ئاپتوموبىل ئىچىگە ئورۇنلاشتۇرماقتا. سۈنئىي ھەمراھتىن پايدىلىنىپ ئورۇن بەلگىلەش ۋە يول باشلاش سىستېمىسى قوبۇللىغۇچنىڭ تۈرلىرى خېلى كۆپ بولۇپ، ئادەتتىكى ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك قوبۇللىغۇچلارنىڭ باھاسى قوشۇمچە ئىقتىدارىنىڭ ئاز - كۆپلىكى بويىچە بىكىتىلمەكتە. بۇ خىل ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەش مۇلازىمىتى پۈتۈنلەي ھەقسىز بولۇپ، پەقەت قوبۇللاش ئەسلىھەسىنى سېتىۋالسىلا بۇ خىل مۇلازىمەتتىن بەھرىمەن بولغىلى بولىدۇ. ھازىر سۈنئىي ھەمراھتىن پايدىلىنىپ ئورۇن بەلگىلەش ۋە يول باشلاش سىستېمىسى قوبۇللاش ئەسلىھەلىرى ھەرخىل ئۆلچەش خىزمىتىگە مۇناسىۋەتلىك ھەر قايسى ئىدارە - ئورگانلاردا خېلى ئومۇملىشىپ، خىزمەتنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش ۋە خىزمەتچىلەرنىڭ يۈكىنى يىنىكلىتىشتە زور رول ئوينىماقتا. ئىشىنىمىزكى، سۈنئىي ھەمراھتىن پايدىلىنىپ ئورۇن بەلگىلەش ۋە يول باشلاش سىستېمىسى قوبۇللاش ئەسۋابى يېقىن كەلگۈسىدە خۇددى يان تېلىفونغا ئوخشاش كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا سىڭىپ كىرىپ، سادىق دوست ۋە ئىشەنچىلىك يول باشلىغۇچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرغۇسى!
|