|
4 يىلغا يېقىن تۈزەش ئارقىلىق ، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى سۇ مەنبەلىرىنىڭ بىرى بولغان ئولانباي رايونىدا قۇم - شېغىل كولاش قىلمىشى ئۈنۈملۈك كونترول قىلىندى. ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان ئولانباي --- ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى سۇ مەنبەلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ يەرنىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتى يەنە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ھاۋا سۈپىتىگە زور دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك مۇھىت ئاسراش ئىدارىسى مۇھىت نازارەتچىلىكى تارماق ئەترىتىنىڭ باشلىقى چيۇ جىڭسۇڭ مۇنداق دېدى: ئەسلىدە بۇ يەر يايلاق ئىدى، بىر قانچە يىل ئىلگىرى قالايمىغان كولاش، قالايمىغان قېزىش تۇپەيلى بۇ يەرنىڭ قۇم - شېغىل مۇھىتى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى، ئولانباينىڭ ئېكولوگىيىسىمۇ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى، شامال چىقسىلا، چاڭ - تۇزان پۈتۈن شەھەرنى قاپلاپ، شەھەر ھاۋاسىنىمۇ زور دەرىجىدە بۇلغاشقا باشلىدى. 2004- يىلىدىن باشلاپ ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ دۆلەت زېمىن - بايلىقى، مۇھىت ئاسراش قاتارلىق تارماقلىرى ئارقا - ئارقىدىن 23 قۇم - شېغىل زاۋۇدىنى ئىشتىن توختاتتى ھەمدە ھۆكۈمەت مەبلىغى بىلەن قوللىدى، قالغان 10 نەچچە قۇم - شېغىل زاۋۇدىدىن بىر تەرەپتىن قېزىپ، يەنە بىر تەرەپتىن تۈزەشنى تەلەپ قىلدى. نۆۋەتتە، ئولانباي رايونىدا تىندۇرۇلغان ، تۇپا تۆكۈلگەن يەر كۆلىمى 2 مىڭ مودىن ئاشتى ، بۇرۇنقى ھەممە يەرنى قاپلىغان چوڭ - كىچىك ئازگاللارنى ھازىر ئوتلاق، دەل - دەرەخلەر ئىگىلىدى، بۇ يىل ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ دۆلەت زىمىن - بايلىقى، مۇھىت ئاسراش تارماقلىرى ئولانبايدىكى قۇم - شېغىل زاۋۇدلىرىنى تەرتىپكە سېلىش سالمىقىنى داۋاملىق زورايتىدۇ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك دۆلەت زېمىن - بايلىقى قانۇن ئىجرا قىلىش تارماق ئەترىتىنىڭ خادىمى گۈي شىنمىڭ مۇنداق دېدى: بىز تىرىشىپ دۆلەتنىڭ 6 مىليون يۈەن تۈزەش مەبلىغىنى قولغا كەلتۈردۇق، يەرلىك ھۆكۈمەتمۇ بەلگىلىك مىقداردا يانداشما مەبلەغ ئاجرىتىدۇ، ئاندىن بۇ قۇم - شېغىل زاۋۇدلىرى خۇجايىنلىرىنى كىم بۇزسا، شۇ تۈزەشكە مەسئۇل بولۇش پرىنسىپى بويىچە ئىش كۆرۈشكە يېتەكلەيمىز، نىشانىمىز --- ئولانباي سۇ مەنبەسىگە ئىنتايىن ياخشى مۇھىت يارىتىپ بېرىش، ئۈرۈمچىگە قەدەم باسقان كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىدا كۆركەم مەنزىرە نامايەن قىلىشتىن ئىبارەت.
|