|
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەخمەت مۇھەممەت خەۋىرى ، فوتوسى : يېزا ئىگىلىك 3- شى مىللىي شۆبە مەكتىپى يېڭى دەرس ئىسلاھاتىنىڭ تەلىپى ۋە نۆۋەتتىكى ئاپتونوم رايونىمىزدا يولغا قويۇلىۋاتقان ‹‹ قوش تىل›› ئوقۇتۇش خىزمىتىنىڭ تەلىپىگە تېخىمۇ ياخشى ماسلىشىش ئۈچۈن ، ئوقۇتقۇچىلارنى تۈرلۈك ‹‹ قوش تىل›› بويىچە تەربىيىلەش كۇرسلىرىغا قاتناشتۇرۇش بىلەن بىرگە ، بىر تۈركۈم ئەمەلىي خىزمەت تەجرىبىسىگە ئىگە خەنزۇ ئوقۇتقۇچىلارنى تەكلىپ قىلىپ ، مىللىي ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەنزۇ تىلى ئاساسىنى ياخشىلىدى.

سۈرەتتە: ئوقۇغۇچىلار دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلىرىدا خەنزۇ تىلى ئۆگەنمەكتە
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەخمەت مۇھەممەت خەۋىرى ، فوتوسى: يېزا ئىگىلىك 3- شى مىللىي شۆبە ئوتتۇرا مەكتىپى ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرستىن سىرتقى مەنىۋى تۇرمۇشىنى جانلاندۇرۇپ ، تەن- سالامەتلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ، بۇلتۇر 150 مىڭ يۈەن ئاجرىتىپ ، بىر يۈرۈش ئۆلچەملىك بەدەن چېنىقتۇرۇش ئۈسكۈنىلىرىنى سېتىۋېلىپ ، مەكتەپ قورۇسىغا 150 كۋادرات مېتىردىن ئاشىدىغان بەدەن چېنىقتۇرۇش مەيدانى ياساپ ، ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرستىن سىرتقى مەنىۋى تۇرمۇشىنى جانلاندۇردى.

سۈرەتتە: ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلار بەدەن چېنىقتۇرماقتا
|