باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىجتىمائىي خەۋەرلەر
يېزىلاردىكى يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش تۈزۈمى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىلىدۇ
2008- 04- 30 10:50 شىنجاڭ گېزىتى

ئاپتونوم رايون يېڭى بەلگىلىمە چىقاردى

دەسلەپ تۆلەيدىغان پۇلنىڭ چېكىنى تۆۋەنلىتىش، يۇقىرى چېكى ۋە تولۇقلىما بېرىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش، شۇ يىللىق بىر تۇتاش پىلانلانغان فوند قالدۇقىنى كونترول قىلىش...

     21 – ئاپرېل ئۆتكۈزۈلگەن ئاپتونوم رايونلۇق دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىنىڭ يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش خىزمىتى يىغىنىدىن ئاپتونوم رايونىمىز كۆپ خىل يېڭى سىياسەت تۈزۈپ، يېزىلاردىكى يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش تۈزۈمىنى دېھقان، چارۋىچىلارغا تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرۇپ، ئۇلارنى تېخىمۇ كۆپ نەپكە ئېرىشتۈرىدىغانلىقى توغرىسىدا خەۋەر تارقالدى.

     مەبلەغ جۇغلاش ئۆلچىمى ئۆستۈرۈلدى – يىلىغا كىشى بېشىغا 100يۈەندىن تۆۋەن بولمايدۇ

     2008 – يىلى يېزىلاردا يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش تۈزۈمى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايون بويىچە  يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش تۈزۈمىنىڭ مەبلەغ جۇغلاش ئۆلچىمى يىلىغا كىشى بېشىغا 100 يۈەندىن تۆۋەن بولماسلىق ئۆلچىمى بويىچە ئۆستۈرۈلىدۇ. بۇ ھەقنى مەركەز مالىيىسى، يەرلىك مالىيە ۋە شەخسلەر 4:4:2 نىسبەت بويىچە ئۈستىگە ئالىدۇ، يەنى مەركەز مالىيىسى40 يۈەن، يەرلىك مالىيە 40 يۈەن تولۇقلىما بېرىدۇ، شەخس 20 يۈەننى ئۈستىگە ئالىدۇ (جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا شەخسلەر ئون يۈەننى ئۈستىگە ئالىدۇ).

     ‹‹ئامبۇلاتورىيىدە داۋالىنىش ھەققىنى بىر تۇتاش غەملەش بالنىستتا يېتىپ داۋالىنىش ھەققىنى بىر تۇتاش غەملەش›› ئەندىزىسى ئومۇملاشتۇرۇلۇپ، ئاپتونوم رايون بويىچە بىرلىككە كەلگەن تولۇقلىما بېرىش لايىھىسى يولغا قويۇلىدۇ

     بۇ يىل ‹‹ئامبۇلاتورىيىدە داۋالىنىش ھەققىنى بىر تۇتاش غەملەش، بالنىستتا يېتىپ داۋالىنىش ھەققىنى بىر تۇتاش غەملەش›› ئاساسىي ئەندىزىسى ئاپتونوم رايون بويىچە ئۈچتىن بىر قىسىمدىن كۆپ ناھىيە (شەھەر، رايون) گە كېڭەيتىلىدۇ. جايلار مەبلەغ جۇغلاش سەۋىيىسىنى تەدرىجىي ئۆستۈرۈش ئاساسىدا، تولۇقلىما بېرىش لايىھىسىنى مۇۋاپىق تەڭشەپ، تولۇقلىما بېرىش نىسبىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئاپتونوم رايون بويىچە بىرلىككە كەلگەن تولۇقلىما بېرىش لايىھىسىنى تەدرىجىي بەرپا قىلىدۇ ۋە  يولغا قويىدۇ.

     يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش فوندىنى خەلقتىن ئېلىپ خەلققە ئىشلىتىش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ، ئاپتونوم رايون پىلان بويىچە خەۋپ – خەتەر فوندىنى ئايرىۋالغاندىن كېيىن، شۇ يىلى جۇغلانغان يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش فوندىنىڭ ھەممىسىنى يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىشقا قاتناشقان دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ تولۇقلىمىسىغا ئىشلىتىشنى بەلگىلىدى.

     يېزا دوختۇرلىرىنىڭ ئايلىق تولۇقلمىسى 200 يۈەندىن 500يۈەنگىچە ئۆستۈرۈلىدۇ

     ئاپتونوم رايون بۇ يىل يېزا دوختۇرلىرىنىڭ ئايلىق تولۇقلىما ئۆلچىمىنى 80 يۈەندىن 200 يۈەنگە، ياردەمچى ۋىراچ ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئۇنۋان ئالغانلارنىڭكىنى 500 يۈەنگە ئۆستۈرۈشنى قارار قىلدى.

     بۇ يىلدىن باشلاپ ئىككى يىلغىچە ھەر بىر مەمۇرىي كەنتتە بىردىن ئامبۇلاتورىيە قۇرۇش پرىنسىپى بويىچە، ھەربىر كەنت ئامبۇلاتورىيسى 20 مىڭ يۈەنلىك ئۆلچەم بويىچە قۇرۇلۇپ، ئاپتونوم رايون بويىچە كەنت ئامبۇلاتورىيىلىرىنى يېڭىدىن قۇرۇش ۋە كېڭەيتىپ قۇرۇش ۋەزىپىسى تاماملىنىدۇ.

     ئىككىنچى دەرىجىلىكتىن يۇقىرى داۋالاش، سەھىيە ئاپپاراتلىرىنىڭ يېزا – بازارلىق دوختۇرخانىلارغا ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىش خىزمىتى ئاپتونوم رايون بويىچە چېگرا بويلىرىدىكى بارلىق ناھىيىلەر ۋە ئاپتونوم ناھىيىلەرگىچە كېڭەيتىلىدۇ، ئاپتونوم رايون مالىيىسى تۆۋەنگە چۈشكەنلەرگە كىشى بېشىغا يىلىغا 18 مىڭ يۈەنلىك ئۆلچەم بويىچە تولۇقلىما بېرىدۇ.

     دېھقان ئىشلەمچىلەرمۇ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن بەھرىمەن بولىدۇ

     يېزا يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش تۈزۈمى بىلەن شەھەر – بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش  سۇغۇرتىسىنى تۇتاشتۇرۇش خىزمىتى ياخشى ئىشلىنىپ، يېرىدىن ئايرىلغان دېھقانلار، شەھەرلەرگە كىرىپ ئىشلەمچىلىك قىلىدىغانلارنىڭ ھەمكارلىشىپ داۋالىنىشقا قاتنىشىشى، داۋالىنىشى ۋە ئاتچوت قىلدۇرۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈنۈپ، ئۇلار ئاساسىي داۋالىنىش سەھىيە مۇلازىمىتى بىلەن كاپالەتلەندۈرۈلىدۇ، تۈزۈمدە يوچۇق قالدۇرۇلماي، سۇغۇرتىلاشقا تېگىشلىكلىرىنى تولۇق سۇغۇرتىلاش، ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش تۈزۈمىگە قاتناشتۇرۇشقا تېگىشلىكلىرىنى تولۇق قاتناشتۇرۇش نىشانى ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.

     بىخەتەر، ئۈنۈملۈك، ئەرزان داۋالاش، سەھىيە مۇلازىمىتى قىلىنىدۇ

     ھەر دەرىجىلىك سەھىيە مەمۇرىي تارماقلىرى قاتتىق بولغان نۇقتىلىق داۋالاش ئاپپاراتلىرىنى بېكىتىش ۋە ئەمەلدىن قالدۇرۇش تۈزۈمىنى بەرپا قىلىپ، جانلىق باشقۇرۇشنى يولغا قويۇشى، داۋالىنىش خىراجىتىنىڭ نامۇۋاپىق ئېشىشىنى كونترول قىلىشى كېرەك. نۇقتىلىق داۋالاش ئاپپاراتلىرى دېھقان، چارۋىچىلارغا تېخىمۇ ياخشى بىخەتەر، ئۈنۈملۈك، ئەرزان داۋالاش، سەھىيە مۇلازىمىتى قىلىشى، دېھقان،  چارۋىچىلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى ۋە ئېھتىياجىنى ئاساس قىلىپ، سۈپەتلىك، دېھقانلار سېتىۋالالايدىغان دورىلارنى كۆپرەك كىرگۈزۈشى، ‹‹ئادەتتىكى دورىلارنى ئىشلىتىشكە بولسا قىممەت دورىلارنى ئىشلەتمەسلىك، دورا يېيىشكە بولسا ئوكۇل ئىشلەتمەسلىك، ئېلىمىزدە ئىشلەنگەن دورىلارنى ئىشلىتىشكە بولسا ئىمپورت دورىلارنى ئىشلەتمەسلىك›› پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ جانىجان مەنپەئىتىنى بارلىق ئامال، چارىلەر بىلەن قوغدىشى كېرەك.  
 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ