|
ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى 2005 – يىلىدىن ھازىرغىچە 19مىليون 154مىڭ يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىپ، سىستېمىلار بويىچە يۆلەش، قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋە ئاممىۋى ئەسلىھەلەرنى ياخشىلاش ئىشلىرىغا سەرپ قىلدى.
ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر رايونى مالىيە ئىدارىسىنىڭ ستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، 2005 – يىلىدىن ھازىرغىچە ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر رايونى ئۈرۈمچى خەير – ساخاۋەت باش جەمئىيىتى، چىڭگېداخۇ يېزىلىق مەكتەپ، جىمىسار ناھىيىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك گاس – گاچىلار مەكتىپى، خوتەن ۋىلايىتى قاتارلىق ئون نەچچە ئىدارە، ئورۇنغا ياردەم مەبلىغى ئاجراتقان. ئىئانە سوممىسى 4 مىليون 851 مىڭ يۈەنگە يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە جىمىسار ناھىيىسىگە بەرگەن پەن – تېخنىكا ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش سوممىسىلا 4 مىليون يۈەندىن ئاشقان. بۇ يىل جەنۇبىي جۇڭگودا قار ئاپىتى بولغاندا ئۈرۈمچى قىزىل كرېست جەمئىيىتى ئارقىلىق 100 مىڭ يۈەن ئىئانە قىلغان.
ھەر يىلىدىكى ھېيت – بايرام كۈنلىرىدە، ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر رايونىدىكى نامراتلار ھەم قىيىنچىلىقى بار پارتىيە ئەزالىرى ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر رايونى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتى ۋە باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىرى ئەۋەتكەن ھال سوراش پۇلى ۋە ھال سوراش بۇيۇمىنى تاپشۇرۇۋالىدۇ. 2005 – يىلىدىن ھازىرغىچە ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر رايونى ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتقانلار، قۇتقۇزۇش ئوبيېكتىلىرىغا؛ قايتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە مەھەللە قۇرۇلۇشى، مۇھىتىنى ياخشىلاش ئىشلىرىغا جەمئىي 14 مىليون 203 مىڭ يۈەن سەرپ قىلدى.
|