|
ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسى باش تېما قىلىنغان ‹‹مېدال پەرەز قىلىش›› لاتارىيىسى 28 – ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونىمىزدا تارقىتىلىشقا باشلىغان بولۇپ ، بۇ ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسى باش تېما قىلىنغان تەنتەربىيە لاتارىيە بىلىتىنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدا رەسمىي بازارغا سىلىنغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ خىلدىكى لاتارىيە بىلىتى 28 – ئاپرېل مەملىكەت بويىچە بىرلا ۋاقىتتا بازارغا سىلىنغان بولۇپ، بىرىنچى قارارلىق مۇكاپات 4 –ئاينىڭ 30 – كۈنى ئېچىلىپ، لاتارىيە بىلىتى سېتىش 8 – ئاينىڭ 7 –كۈنى ئاياغلىشىدىكەن. جەمئىي 100 قارار سېتىلىدىكەن.
ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسى باش تېما قىلىنغان ‹‹مېدال پەرەز قىلىش››لاتارىيىسىنى دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى تەنتەربىيە لاتارىيە بىلىتىنى باشقۇرۇش مەركىزى تاللاپ بېكىتكەن. لاتارىيە بىلىتى سىتۋالغۇچى ئالدى بىلەن 12 مۇسابىقە تۈرى ئىچىدىن 5 تۈرنى تاللىۋالىدۇ. ئاندىن جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكى قاتنىشىدىغان تۈرلەردە جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكى قانچە مېدالغا ئىرىشىدىغانلىقىغا دوتىكىدۇ. ‹‹مېدال پەرەز قىلىش›› تا ‹‹سالاھىيەت مۇكاپاتى››بىلەن ‹‹ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقە مېدالى مۇكاپاتى››دىن ئىبارەت ئىككى خىل مۇكاپات تۈرى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ھەر ئىككى تۈر بويىچە مۇكاپاتلىنىدۇ.
|