باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىقتىسادىي خەۋەرلەر
ئىقتىسادىي خەۋەرلەر
2008- 04- 29 12:26 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

         . دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 28 – ئاپرېل ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرستىلىشىچە، بۇ يىل بىرىنچى پەسىلدە، مەملىكىتىمىز شەھەر، بازارلىرىدىكى ئىدارىلاردا ئىشلەۋاتقان ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە مائاشى بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىسىدىن 18.3 پىرسەنت ئېشىپ، ئېشىش سۈرئېتى بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىسىدىن 0.5 پوئىنت يۇقىرى بولغان.

     .ئەمگەك ۋە ئىجتىمائى كاپالەت مىنىستىرلىكى يېقىندا ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، بىرىنچى پەسىلدە، مەملىكىتىمىز شەھەر، بازارلىرىدا ئەنگە ئالدۇرۇلغان ئىشسىزلار 8 مىليون 250 مىڭ كىشى بولۇپ، ئەنگە ئالدۇرۇلغان ئىشسىزلىق نىسبىتى 4 پىرسەنت بولغان.

     .ئەنگىلىيە نېفىت شىركىتىنىڭ شىمالىي دېڭىز نېفىتلىكىدىكى بىر نېفىت يەتكۈزۈش تۇرۇبىسى تاقىۋېتىلگەنلىكى، نېگىرىيە نېفىت مۇئەسسەسەلىرىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقى سەۋەپلىك، 28 – ئاپرېل، نيويورك تاۋار بېرژىسىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودىسىدا نېفىت باھاسى ئارىلىقتا بىر مەھەل يۇقىرى سەۋىيىگە چىقتى. 28 – ئاپرېل، نيويورك تاۋار بېرژىسىدا 6 – ئايدا مال تاپشۇرىلىدىغان ھەر تۇڭ سۇيۇق خام نېفىتنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودىدىكى قەرەللىك باھاسى ئارىلىقتا بىر مەھەل 119.93 ئامېرىكا دوللىرىغا چىقىپ، مۇشۇ ئاينىڭ 22 – كۈنى يارىتىلغان 119.9 ئامېرىكا دوللىرىلىق رىكورت يېڭىلاندى. ئەنگىلىيىنىڭ نېفىت يەتكۈزىشىنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىشى نېفىت باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىگە تۈرتكە بولغان ئاساسلىق سەۋەپلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.

     .جۇڭگو تاشقى پىروۋوت سودا مەركىزىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 28 – ئاپرېل، خەلق پۇلىنىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا ئايرىۋاشلىنىش ئارىلىق باھاسى 6 يۈەن 9 مو 9 پۇڭ 8 لىدا مەلۇم قىلىنىپ، ئالدىنقى سودا كۈنىدىكىدىن 31 ئاساسىي نۇقتا تۆۋەنلەپ، ئۇدا ئۈچ كۈن تۆۋەنلەش كۆرۈلدى. 28 – ئاپرېل، بانكىلار ئارا تاشقى پىروۋوت بازىرىدا، بىر ئامېرىكا دوللىرى 6 يۈەن 9 مو 9 پۇڭ 8 لىغا، بىر ياۋرو 10 يۈەن 9 مو 3 پۇڭ 4 لىغا، 100 ياپونىيە يىنى 6 يۈەن 6 مو 8 پۇڭ 5 لىغا، بىر شياڭگاڭ پۇلى 8 مو 9 پۇڭ 8 لىغا، بىر ئەنگىلىيە فوند سىتىرلىڭى 13 يۈەن 8 مو 7 پۇڭ 1 لىغا ئايرىۋاشلاندى.

     .دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاڭ شياۋچياڭ مۇشۇ ئاينىڭ 26 – كۈنى جۇڭگو ئىمپورت – ئېكىسپورت كارخانىلىرىنىڭ 6 – نۆۋەتلىك يىللىق يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىرىنچى پەسىلدە ئومۇمىي گەۋدىدىن قارىغاندا، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادى، تاشقى سودا ۋەزىيىتى ئاساسىي جەھەتتىن ياخشى بولدى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بىرىنچى پەسىلدە، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئېتى ئاستىلىغان ۋەزىيەتتە دۆلىتىمىزنىڭ خەلق ئىگىلىكىنىڭ ئومۇمىي قىممىتى 10.6 پىرسەنت ئاشتى. دۆلىتىمىز ئىقتىسادى تەرەققىياتىنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىدىن قارىغاندا ئەھۋال يەنىلا ياخشى، دۆلىتىمىزنىڭ ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمى ئۈزلۈكسىز كېڭىيىۋاتىدۇ، كىيىنكى يېرىم يىلدا يېمەكلىك باھاسىنىڭ ئۆسۈشى سەۋەپلىك كېلىپ چىققان مال باھاسىنىڭ ئۆسۈش ۋەزىيىتى بەلگىلىك ياخشىلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىككىلەمچى قەرز كېرزىسىنىڭ تەسىرى تېخى تۈگىمىدى، تاشقى ئىقتىسادنىڭ ئاستىلاش تەھدىتى يەنىلا مەۋجۇت، دۆلىتىمىز تاشقى ئىقتىسادىدا ئوڭ بالانىسنىڭ ئېشىش سۈرئېتى ئاستىلايدۇ، ئەمما بۇ يىل 15 پىرسەنت ئاشۇرۇشنى يەنىلا ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ،

     . 18 ئايلىق چەكلەش قەرەلى توشقاندىن كىيىن، سودا سانائەت بانكىسىنىڭ ئىستىراتىگىيىلىك مەبلەغ سالغۇچىلىرىنىڭ قولىدىكى 2 مىليارد 885 مىليون يۈەنلىك ئا پاي چېكى 28 – ئاپرېل بازارغا سېلىنىپ ئوبوروت قىلىنىشقا باشلىدى. 28 – ئاپرېلدىن باشلاپ بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە، توققۇز بانكىنىڭ 23 مىليارد 488 مىليون يۈەنلىك سېتىش چەكلەنگەن پايغا قارىتىلغان چەكلىمە ئەمەلدىن قالدۇرىلىدۇ.

.      جۇڭگو نېفىت خېمىيە سانائېتى پاي چەكلىك شىركىتى مۇشۇ ئاينىڭ 27 – كۈنى، شىركەتنىڭ بىرىنچى پەسىلدىكى ساپ پايدىسىنىڭ 6 مىليارد 701 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىسىدىن 19 مىليارد 582 مىليون يۈەن ئازىيىپ، 65.78 پىرسەنت كېمەيگەنلىكىنى، ئەگەر دۆلەتنىڭ 7 مىليارد 400 مىليون يۈەنلىك مالىيە ياردىمىنى چىقىرىۋەتسە، شىركەتنىڭ بىرىنچى پەسىلدە ئەمەلىي تارتقان زىيىنىنىڭ 700 مىليون يۈەن بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

     .سودا مىنىستىرلىكى ئېلان قىلغان 2008 – يىللىق‹‹ دۆلەت ئايرىمىسى بويىچە سودا مەبلەغ سېلىش مۇھىتى دوكلاتى›› دا كۆرسىتىلىشىچە، دۆلىتىمىزنىڭ سودا ئومۇمىي سوممىسى دۇنيا بويىچە ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرۇش بىلەن بىرگە، بىر قىسىم دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ۋە كەسپى تەشكىلاتلار ئۆز دۆلىتىدىكى كەسپ ۋە بازارنى قوغداش ئۈچۈن، دۆلىتىمىزنىڭ ئېكىسپورت مەھسۇلاتلىرى ۋە ئېكىسپورت كارخانىلىرىغا قاراتقان تۈرلۈك سودا ۋە مەبلەغ سېلىش چەكلىمىلىرى كۈنسايىن كۆپەيگەن.

     .ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بارلىق قۇرۇلىۋاتقان تاشيول قۇرۇلۇش تۈرلىرىدە ئومۇمىيۈزلۈك ئىش باشلاندى. بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تاشيول قۇرۇلۇشىغا سالىدىغان مەبلىغى 8 مىليارد 550 مىليون يۈەن. بۇنىڭ ئىچىدە قۇرۇلۇۋاتقان تاشيول قۇرۇلۇش تۈرلىرى بۇ يىلىقى تاشيول قۇرۇلۇشىدا ئاساسلىق ئورۇننى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، داۋاملىشىۋاتقان تۈرلەرگە 7 مىليارد 950 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش پىلانلاندى. بۇ، يىللىق تاشيول قۇرۇلۇشى پىلانىنىڭ 92.9 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ. بالدۇرش ئورۇنلاشتۇلۇرۇپ، بالدۇر تۇتۇش قىلىنىپ، كاپالەت تەدبىرى ئۈنۈملۈك بولغانلىقتىن، 2 – ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپلا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ قۇرۇلۇۋاتقان تاشيول قۇرۇلۇش تۈرلىرىدە داۋاملىق ئىش باشلاش ئومۇمىيۈزلۈك قانات يايدۇرۇلغان ئېدى.

      .ئاپتونوم رايونىمىز يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتىسى سۇغۇرتا خىراجىتى ياردىمى تۈزۈمىنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتتى. نۆۋەتتە ئاپەتكە ئۇچرىغان كېۋەزئۈچۈن 370 مىليون يۈەن تۆلەم بېرىلدى. بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىز سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرغان تۈرلۈك دېھقانچىلىق زىرائېتى تېرىلغۇ كۆلىمى 21 مىليون مو، بۇنىڭ 18 مىليون 150 مىڭ موسى كېۋەزلىك بولۇپ، بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىسىدىن 66 پىرسەنت كۆپ. سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇش نىسبىتى تەخمىنەن 88 پىرسەنت بولۇپ، سۇغۇرتىغا قاتناشقان دېھقان 968 مىڭ 400 ئائىلىلىككە يەتتى.

     .ئاپتونوم رايونلۇق ئىستاتىستىكا ئىدارىسى مۇشۇ ئاينىڭ 25 – كۈنى ئېلان قىلغان ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، بىرىنچى پەسىلدە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسى داۋاملىق تېز سۈرئەتتە ئاشقان. پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسى 12 مىليارد 985 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىسىدىن 20.4 پىرسەنت كۆپ بولغان. ئانالىزدا كۆرسىتىلىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسىدا يەرلىك تۈر سېلىنمىسى 4 مىليارد 761 مىليون يۈەن بولۇپ، 81 پىرسەنت ئېشىپ، ئومۇمىي سېلىنما ئىچىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكى 29.6 پىرسەنتتىن 43.8 پىرسەنتكە ئۆرلىگەن. مەركەزنىڭ تۈر سېلىنمىسىنىڭ ئازلىشىغا ئاساسلىقى نېفىت سانائېتى سېلىنمىسىنىڭ ئازلىشى سەۋەپ بولغان.

     .بۇ يىل بىرىنچى پەسىلدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى باج سىستىمىسىنىڭ تۈرلۈك يەرلىك باج كىرىمى 6 مىليارد 701 مىليون 520 مىڭ يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىسىدىن 53.51 پىرسەنت ئاشقان.

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ