|
ئاپتونوم رايونلۇق ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ مۇشۇ ئاينىڭ 25–كۈنى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 1– پەسىلدە، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇقىم مۇلۈك سېلىنمىسى بىر قەدەر تېز ئىلگىرىلەش ۋەزىيىتىنى داۋاملىق ساقلىغان بولۇپ، پۈتكۈل ئىجتىمائىي سېلىنما 12 مىليارد 985 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرنىڭ شۇ مەزگىلدىكىدىن %20.4 ئاشقان.
ئانالىزدا كۆرسىتىلىشىچە، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسىدا، يەرلىك تۈرگە سېلىنغان مەبلەغ 4 مىليارد 761 مىليون يۈەنگە يېتىپ، %81 ئېشىپ، ئومۇمىي مەبلەغدە ئىگىلىگەن نىسىبىتى بۇلتۇرنىڭ شۇ مەزگىلدىكى %29.6 تىن ئۆرلەپ %43.8 كە يەتكەن. مەركەز تۈرلىرىگە سېلىنىدىغان مەبلەغنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى ئاساسلىق نېفىت سانائىتى مەبلىغىنىڭ ئازلاپ كېتىشىدىن بولغان.
دۆلەت ئىلكىدە بولمىغان ئىگىلىككە سېلىنىدىغان مەبلەغ زور نىسبەتتە ئاشقان. دۆلەت ئىلكىدە بولمىغان ئىگىلىككە سېلىنغان مەبلەغ 2 مىليارد 225 يۈەنگە يېتىپ، %90.2 ئاشقان؛ دۆلەت ئىلكىدىكى پېيى كونترول قىلىنىدىغان كارخانىلارغا سېلىنغان مەبلەغ 8 مىليارد 657 مىليون يۈەنگە يېتىپ، %12.3 ئاشقان.
3–كەسىپكە سېلىنىدىغان مەبلەغنىڭ ئېشىشى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بۇ يىللىق مەبلەغ سېلىش تەرەققىياتىدىكى بىر يارقىن نۇقتا ھېسابلىنىدۇ. 3- كەسىپتە، قاتناش–ترانسپورت كەسپىگە 442 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، %98.8 ئاشقان؛ ئۆي- مۈلۈك كەسپىگە 649 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، %43.9 ئاشقان؛ شۇ ئىشلىرى، مۇھىت ۋە ئاممىۋى مۇئەسسەسەلەرگە 288 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، 2 ھەسسە ئاشقان.
ئۆي– مۈلۈك تەرەققىيات سېلىنمىسى يۇقىرى سۈرئەتتە ئاشقان. ئاپتونوم رايون بويىچە ئۆي–مۈلۈك تەرەققىيات كەسپىگە سېلىنغان مەبلەغ 537 مىليون يۈەنگە يېتىپ، %65.3 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى بۇلتۇرنىڭ شۇ مەزگىلدىكىدىن 38.6 پوئىنت تېز بولغان. بۇنىڭ ئىچىدە تۇرالغۇ ئۆي سېلىنمىسى 474 مىليون يۈەنگە يېتىپ، 1.07 ھەسسە ئاشقان .
|