باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىجتىمائىي خەۋەرلەر
بىڭتۈەن ساقچىلىققا جەمئىيەتتىن ئاشكارە خادىم قوبۇل قىلىدۇ
2008- 04- 29 12:05 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

     مۇخبىرنىڭ 28 – ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن ئېچىلغان بىڭتۈەن  ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل، بىڭتۈەن ساقچىلىققا جەمئىيەتتىن ئاشكارە ھالدا 663 خادىم قوبۇل قىلىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە جامائەت خەۋىپسىزلىكى ساقچىسى 548 ، تۈرمە ساقچىسى 115 ئىكەن. بۇ، بىڭتۈەن تارىخىدىكى تۇنجى قېتىملىق مۇستەقىل ئاشكارە ساقچى قوبۇل قىلىشى بولۇپ، توردا تىزىملىتىش ۋاقتى 5- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن 5- ئاينىڭ 11- كۈنىگىچە، نەق مەيداندا بېكىتىش ۋاقتى 5- ئاينىڭ 7- كۈنىدىن 11- كۈنىگىچە بولىدىكەن. ئىمتىھانغا قاتناشقۇچىلار بىڭتۈەننىڭ ئىمتىھان ئۇچۇر تورى www.btpta.gov.cn ئارقىلىق تىزىمغا ئالدۇرسا بولىدىكەن.

     بىڭتۈەن پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى كادىرلار 3- باشقارمىسىنىڭ باشلىقى سۈن شىننوڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىم جەمئىيەتتىن ساقچىلىققا  ئاشكارە خادىم  قوبۇل قىلىشتىكى ئاساسىي مەقسەد، بىڭتۈەننىڭ ساقچى قوشۇن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت. نۆۋەتتە بىڭتۈەننىڭ ھەر قايسى شىلىرى ئاشكارە قوبۇل قىلىش بويىچە ئالاقىلىشىش تېلېفونلىرىنى تەسىس قىلدى، ئىمتىھانغا قاتناشقۇچىلار نوپۇس  تەۋەلىكىدىكى رايونغا يېقىن ھەر قايسى شىلارغا بېرىپ ئەھۋال ئىگىلىسە، شۇنداقلا يەنە تورغا چىقىپ تېزىمغا ئالدۇرسا بولىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئالىدىغان  ۋە يېزىلاردىكى نامرات ئائىلىلىرىدىكى ئىمتىھانغا قاتناشقۇچىلار بولسا، تەكشۈرۈپ بېكىتىلگەندىن كېيىن ئىمتىھان ھەققى كېمەيلىتىلىدۇ ياكى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. 

 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ