|
شىنجاڭ خۇڭجى كوكسلاشتۇرۇش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى جەمئىي 120 مىليون يۈەن مەبلەغ سالىدىغان، كۆلىمى 25 مېگا ۋات بولغان تېرموئېلېكتر ئىستانسىسى تۈرىدە يېقىندا قۇرۇلۇش باشلاندى.
بۇ قۇرۇلۇش تۈرىدە ئاساسلىقى كۆمۈر يۇيۇش جەريانىدا ھاسىل بولغان كۆمۈر لېيى، كۆمۈر تېشى قاتارلىق تاشلاندۇقلار ۋە ئېشىنچا كوكس مېشى گازى قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ، توك چىقىرىلىدۇ. بۇ يىل 5 – ئايدىن 6 –ئايغىچە پار قازان ئۈسكۈنىلىرى ۋە يانداشما ئۈسكۈنىلەرنى قۇراشتۇرۇپ بولۇش، 2008 - يىلى 12 - ئاينىڭ ئاخىرىدا قۇرۇلۇشنى تىرىشىپ تاماملاپ توك تارقىتىش پىلانلاندى، بۇ تۈر تاماملانغاندىن كېيىن، يىللىق توك تارقىتىش مىقدارى سائىتىگە 163 مىليون كېلوۋاتقا يېتىدۇ.
|