باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىجتىمائىي خەۋەرلەر
ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تۆت ئورۇندا‹‹ھەممىباب ئايروپىلان بېلىتى››ئىشلىتىلىدۇ
2008- 04- 29 10:03 شىنجاڭ گېزىتى

      جەنۇب ئاۋىئاتسىيىسىنىڭ شىنجاڭ شۆبە شىركىتى بۇ يىل 20 – ئاپرېلدىن ئۆكتەبىرنىڭ ئاخىرىغىچە، ئۈرۈمچىدىن غۇلجا، نارات، ئالتاي، قاناسقا بارىدىغان تۆت ھاۋا لىنىيىسىدە ‹‹ھەممىباب ئايروپىلان بېلىتى›› ئىشلىتىش مۇلازىمىتىنى يولغا قويدى.

      ئىگىلىنىشىچە، بۇ مۇلازىمەت تۆت ئورۇنغا بارىدىغان تاق يۆنىلىشلىك ئايروپىلان ياكى قوش يۆنىلىشلىك ئايروپىلاننىڭ %80 تىن يۇقىرى ئېتىبارلىق بېلىتىنى ئالغان يولۇچىلارغا قارىتىلغان بولۇپ، يولۇچىلار ئوخشاش بىر رايوندىكى ئىككى ساياھەت ھاۋا لىنىيىسى (غۇلجا – نارات ياكى ئالتاي – قاناس) ئارىلىقىدا، ئايروپىلاندا ئورۇن بولغان ئەھۋالدا، مەنزىلىنى ئالماشتۇرسا بولىدۇ، بۇنىڭغا ھەق قوشۇلمايدۇ. يولۇچى ئەسلىدىكى ئولتۇرماقچى بولغان ئايروپىلان قوزغىلىشتىن تۆت سائەت بۇرۇن ئىلتىماس سۇنۇپ، مەنزىلىنى ئۆزگەرتسە بولىدۇ. يولۇچى تاللىغان يېڭى نۆۋەتلىك ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇش ۋاقتىنى ئەسلىي ئولتۇرماقچى بولغان ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇش ۋاقتىدىن بىر كۈن بۇرۇن، شۇ كۈنى ياكى بىر كۈن كېيىن تاللىسا بولىدۇ.
 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ