|
ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، مال باھاسىنىڭ زىيادە تېز ئۆرلەپ كېتىشىنى كونترول قىلىش ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھىرىدە توك، سۇ، بىلەن تەمىنلەش، شەھەر ئاممىۋىي قاتنىشى قاتارلىق جامائەت مۇلازىمەت ئىشلىرىنىڭ باھاسى ۋە سەيلى – ساياھەت، ئېكسكۇرسىيە ئورۇنلىرىنىڭ بېلەت باھاسى ئۆستۈرۈلمەيدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە سۇ، توك، قاتارلىق بايلىق خاراكتېردىكى مەھسۇلاتلارنىڭ باھاسى ۋاقتىنچە تەڭشەلمەيدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە، مال باھا تارماقلىرىمۇ يېقىنقى بىر مەزگىلدە ھۆكۈمەت بەلگىلەيدىغان باھا ۋە يېتەكچى باھا تۈرلىرىنى ئېلان قىلمايدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن. ئۈرۈمچى شەھىرىدە مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش پۇلى، ياتاق ھەققى ئۆلچىمىمۇ ئۆستۈرۈلمەيدىكەن.
باھانىڭ ئۆستۈرۈلمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى مال باھا تارماقلىرى بازاردىكى باھاسى تەڭشىلىدىغان تاۋارلارغا قارىتا، باھانى ئۆستۈرۈشنى ئىلتىماس قىلىش ۋە باھانى تەڭشەشنى ئەنگە ئالدۇرۇش تۈزۈمىنى داۋاملىق يولغا قويىدۇ، تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنىڭ بازار باھاسىنى نازارەت قىلىش، باشقۇرۇشنى نۇقتىلىق كۈچەيتىدۇ. بەلگىلىك كۆلەمگە ئىگە تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان كارخانىلارنىڭ باھانى تەڭشىشىنى ئىلتىماس قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيدۇ. بەلگىلىك كۆلەمگە ئىگە توپ سېتىش، پارچە سېتىش كارخانىلىرىدا باھانى ئۆستۈرۈشنى رويخەتكە ئېلىش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ. بەلگىلىمە بويىچە ئىلتىماس قىلىش ۋە ئەنگە ئالدۇرۇش تەرتىپىگە ئەمەل قىلمىغان، باھا باشقۇرۇش تارماقلىرى چىقارغان قارارلارنى ئىجرا قىلمىغان تىجارەتچىلەرنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىدۇ.
بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى مال باھا تارماقلىرى يەنە ئاشلىق، ئاساسلىق قوشۇمچە يېمەكلىكلەر، ئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ماتېرىياللىرى، ئۆي – زېمىن – مۈلۈك بازارلىرىنى تەمىنلەش ۋە باھادىكى ئۆزگىرىشتىن ئالدىن سىگنال بېرىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ، دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى بازارلاردىكى ئاساسلىق تاۋارلار باھاسىنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە ئۇنىڭ تەسىرىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ، ئاز ساندىكى تاۋارلار باھاسىدىكى ئۆزگىرىشىنىڭ تېخىمۇ كەڭ دائىرىگە تەسىر كۆرسىتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، بولۇپمۇ، بازارلاردىكى ئاممىنىڭ تۇرمۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋىتى بولغان تاۋارلار ۋە مۇلازىمەت باھالىرىدىكى ئۆزگىرىشكە نىسبەتەن، ئەڭ ئاۋۋال ئالدىن سىگنال بېرىش، مەلۇمات بېرىشكە، ئەڭ ئاۋۋال بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرىنى قوللىنىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ. ئۈرۈمچى شەھىرى ئەرزان، قولايلىق ئولتۇراق ئۆيلەر ۋە ئەرزان ئىجارىلىك ئولتۇراق ئۆيلەردە ھەقنى كېمەيتىش قاتارلىق تەرەپلەردىكى ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆي باھاسىنىڭ زىيادە ئۆرلەپ كېتىشىنى كونترول قىلىدۇ.
|