باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىجتىمائىي خەۋەرلەر
تەسىرلىك ئۇچرىشىش
2008- 04- 28 11:00 شىنجاڭ گېزىتى

       23 ياشلىق  قىز ۋاڭ يەننانىڭ 17ياشلىق مەۋلانجانغا بىر بۆرىكىنى ھەقسىز تەقدىم قىلغانلىقىدەك تەسىرلىك ھېكايە قەلبلەرنى ھاياجانغا سېلىۋاتقان مىنۇتلاردا، بىز ۋاڭ يەننانىڭ دوختۇرخانىدىن چىققاندىن كېيىنكى ئەھۋالىنى ئىگىلىمەكچى بولۇپ، 16 – ئاپرېل ئۇنىڭغا تېلېفون قىلدۇق. ئۇ  17 –  ئاپرېل سالامەتلىكىنى قايتا تەكشۈرتۈش ئۈچۈن دوختۇرخانىغا بارىدىغانلىقىنى، شۇ يەردە كۆرۈشۈشىمىزنى ئېيتتى. كېلىشىپ قويغىنىمىز بويىچە، 17 – ئاپرېل شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى 1 – دوختۇرخانىدا ئۇنى كۈتتۇق. ئۇچىسىغا سپورتچىلار كىيىمى كىيگەن، ئاق يۈزلۈك، ۋىجىككىنە كەلگەن ۋاڭ يەننا بىر قولى بىلەن بېقىنىنى تۇتۇپ، ئالدىغا ئېڭىشىپراق ماڭغىنىچە يېتىپ كەلدى. بىز ئۇنىڭ بىلەن قىزغىن ئەھۋاللاشتۇق. ‹‹بايىنخې›› مەبلەغ سېلىش چەكلىك شىركىتىدىكىلەرمۇ ئۇنى ساقلاپ تۇرغانىكەن، ئۇلار ۋاڭ يەنناغا سوۋغات ۋە ھال سوراش پۇلى بەردى. ھەممىمىز بىللە بۆرەك كېسەللىرى بۆلۈمىگە قاراپ ماڭدۇق.

      —ئوپېراتسىيە قىلغان جاي  ئاغرىۋاتقان ئوخشىمامدۇ؟، – دېدۇق ئۇنىڭ بىر قولى بىلەن بېقىنىنى تۇتۇۋالغىنىغا قاراپ.

      يېڭىلا ئوپېراتسىيىدىن چىققان بولغاچقا، ئۆيگە ھال سوراپ كەلگۈچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى، ئارام ئېلىشىممۇ تازا ياخشى بولمىدى، چارچاپ قالغاچقىمىكىن، بىلىم سەل تېلىپ ئاغرىۋاتىدۇ، پىچاق تەگكەن ئورۇنمۇ ئازراق ئىششىپ قاپتۇ. شۇڭا ئاۋايلاپراق مېڭىۋاتىمەن. لېكىن، چوڭ چاتاق يوق، چوقۇم ياخشى بولۇپ كېتىمەن،دېدى ئۇ  ئىشەنچ بىلەن.

     لىفىتتىن چۈشۈشىمىزگىلا، كارىدوردا مەۋلانجان ۋە ئۇنىڭ ئاتا – ئانىسى بىلەن ئۇچرىشىپ قالدۇق.

     —ۋوي سىلەرمۇ بۈگۈن  كەلدىڭلارمۇ؟ ۋاڭ يەننا مەۋلانجان بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشتى.

     — ۋاڭ يەننا ھەدە قانداقراق تۇرۇۋاتىسىز؟ سالامەتلىكىڭىز خېلى ئەسلىگە كېلىپ قالدىمۇ؟ سىزگە رەھمەت! رەھمەت!، –  دېدى مەۋلانجان كۆز ياشلىرىنى سۈرتۈپ.

       بۇ ۋاڭ يەننا بىلەن مەۋلانجاننىڭ دوختۇرخانىدىن چىققاندىن كېيىنكى تۇنجى يۈز كۆرۈشۈشى  بولۇپ، ئۇلار ھەر كۈنى تېلېفونلىشىپ تۇرسىمۇ، خۇددى ئۇزاق ۋاقىت ئايرىلغان ئاچا – ئىنىلاردەك ناھايىتى قىزغىن كۆرۈشتى. ۋاڭ يەننا سەمىرىپ، مەڭزىلىرىگە قان تولۇپ، سالامەتلىكى بارا – بارا ئەسلىگە كېلىۋاتقان مەۋلانجاننى كۆرۈپ، خېلىلا خاتىرجەم بولۇپ قالغانىدى.

     مەۋلانجاننىڭ ئاپىسى ئارزۇگۈل ھەدىمۇ كۆز ياشلىرىنى توختىتالماي:

       —ياخشى بولۇپ قالدىڭىزمۇ؟ سىز ئوغلۇمغا بىر تۇغقان قېرىنداشتىنمۇ ئارتۇق مۇھەببەت بەردىڭىز، سىزنىڭ شاپائىتىڭىزدە مەۋلانجانمۇ ئورنىدىن تۇرغىدەك بولۇپ قالدى، سىزگە رەھمەت! ياخشىلىقىڭىزنى مەڭگۈ ئۇنتۇمايمىز!، دېدى ۋاڭ يەننانىڭ قوللىرىنى چىڭ تۇتۇپ.

      ھەممىمىزنىڭ كۆزى ياشقا تولدى، ۋاڭ يەنناغا يەنە بىر قېتىم ئاپىرىن ئېيتىشتۇق، ئەتراپتىكىلەردىن بىر نەچچەيلەن ۋاڭ يەننا بىلەن  خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈپ، ئۆز پەرزەنتلىرىگە بۇ ئالىيجاناب قىزنىڭ پەزىلىتىنى ئۈلگە قىلماقچى بولۇشتى.

       ۋاڭ يەننا بىلەن مەۋلانجان  تەكشۈرتۈشكە كىرىپ كەتتى. بىز كارىدوردا تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى كۈتكەچ ۋاڭ يەننانىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن پاراڭلاشتۇق.

         —قىزىمىز دەسلەپتە مەۋلانجانغا بىر بۆرىكىنى تەقدىم قىلماقچى بولغانلىقىنى ئېيتقاندا، ئۇنىڭ  سالامەتلىكىدىن ئەنسىرەپ،  قارشى تۇرغانىدۇق، لېكىن، ئۇ نىيىتىدىن قەتئىي يانمىدى. مانا ھازىر ئىشلارمۇ بىز ئەنسىرىگەندەك بولمىدى. ئۇنىڭ سالامەتلىكىمۇ خېلىلا ئەسلىگە كېلىپ قالدى.  13 – ئاپرېل ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي  كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى لى يى قاتارلىق رەھبەرلەر ئائىلىمىزگە كېلىپ بىزدىن ھال سورىدى ۋە قىزىمىزغا: ‹‹سىزنىڭ ياشلىق باھارىڭىز ئۇرغۇپ تۇرىدىغان مۇشۇنداق مەزگىلدە، بۇنداق زور ئىشنى تاللىغانلىقىڭىز ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقى، بولۇپمۇ ياشلار – ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆگىنىشىگە ئەرزىيدۇ. سىز مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ نەمۇنىچىسى، شۇنداقلا ئەخلاق قۇرۇلۇشىنىڭ ئۈلگىسى›› دېگەندە، قەلبىمىز ھاياجانغا تولدى. ئۇنىڭدىن باشقا  قىزىمىزنىڭ بۇ ئىشىدىن تەسىرلەنگەن ھەر مىللەت ئاممىسى ھەر كۈنى ئۆيىمىزگە كېلىپ ھال سوراۋاتىدۇ، ئۇلارنىڭ  ياخشى تىلەكلىرىنى ئاڭلىغىنىمىزدا، قىزىمىزنىڭ  بۇ ئىشىنىڭ  باشقىلارغا خالىس ياردەم بېرىشتەك ئۇلۇغ ئىش ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتۇق.

      پارىڭىمىز شۇ يەرگە كەلگەندە، ۋاڭ يەننامۇ تەكشۈرۈش ئۆيىدىن خۇشال چىقىپ:

     — دوختۇر سالامەتلىكىڭىز ناھايىتى ياخشى ئەسلىگە كېلىۋېتىپتۇ، يەنىمۇ ياخشى كۈتۈنۈپ، ئوزۇقلىنىشقا ئەھمىيەت بېرىڭ، ئۈچ ئايدىن كېيىن كېلىپ قايتا تەكشۈرتسىڭىز بولىدۇ دەيدۇ، دېدى.

بىز ۋاڭ يەننا ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن تەكشۈرتۈشكە كىرىپ كەتكەن مەۋلانجاننى خېلى ئۇزاق ساقلىدۇق. لېكىن، مەۋلانجاننىڭ تەكشۈرتۈشى  تۈگىمەيدىغاندەك قىلاتتى. ۋاڭ يەننا مەۋلانجان بىلەن تېلېفوندا خوشلاشتى، ئۇلار  سالامەتلىكى سەللا ياخشى بولسا،  ئۆيلىرىگە بېرىپ يوقلىشىدىغانلىقىنى ئېيتىشىپ، بىر – بىرىگە سالامەتلىك تىلەشتى. 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ