باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئۈرۈمچى خەۋەرلىرى
‹‹ئو ت م پوچتا ماركىلىرى قامۇسى››ئۈرۈمچىدە تارقىتىلىشىقا باشلىدى
2008- 04- 28 10:56 شىنجاڭ گېزىتى

       مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك پوچتا ئىدارىسى 24 – ئاپرېل ئاچقان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، ‹‹29 – نۆۋەتلىك ئو ت م نىڭ دۇنيا پوچتا ماركىلىرى قامۇسى›› ۋە ‹‹جۇڭگو ئولىمپىك يىلى›› ناملىق يۈرۈشلۈك پوچتا بويۇملىرى 24 – ئاپرېلدىن ئېتىبارەن ئۈرۈمچىدە تارقىتىلىشقا باشلىغان.

        ئىگىلىنىشىچە، ‹‹29 – نۆۋەتلىك ئو ت م نىڭ دۇنيا پوچتا ماركىلىرى قامۇسى››نى جۇڭگو ماركا توپلاش باش شىركىتى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى، بېيجىڭ ئولىمپىك تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ بىرلىكتە ھوقۇق بېرىشى بىلەن تارقاتقان، ئۇ خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ ئالاھىدە ئىجازىتىگە ئېرىشكەن پوچتا بۇيۇمى بولۇپ، تۆت توملۇق بۇ ‹‹قامۇس››قا دۇنيادىكى ئو ت م غا قاتنىشىدىغان 100 نەچچە دۆلەت ۋە رايوندا تارقىتىلغان 29 – نۆۋەتلىك ئو ت م توغرىسىدىكى نوپۇزلۇق پوچتا ماركىلىرى كىرگۈزۈلگەن. ‹‹قامۇس››قا خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى روگېر، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ ئۆمۈرلۈك پەخرىي رەئىسى سامارانچ قاتارلىقلار بېغىشلىما يېزىپ بەرگەن، بۇنداق چوڭ ھەجىمدىكى نوپۇزلۇق ‹‹ماركا قامۇسى››نى تارقىتىش ئو ت م تارىخىدىكى مىسلىسىز ئىش ئىكەن. ‹‹جۇڭگو ئولىمپىك يىلى›› ناملىق يۈرۈشلۈك پوچتا بۇيۇملىرىدا ئو ت م نىڭ ئىنگلىزچە ئاتىلىشىدىكى  Olympic Games دېگەن 12 ھەرپ 12 مۈچەل بىلەن بىر گەۋدىگە ئايلاندۇرۇلۇپ، 12 مۈچەلدىكى 12 خىل ھايۋان تەنھەرىكەتنىڭ بەلگىسى قىلىنغان، جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى مۈچەل مەدەنىيىتى ئارقىلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت روھى نامايان قىلىنغان بولۇپ، ئولىمپىك مۇقەددەس ئوتىنىڭ ئەۋلادمۇ  ئەۋلاد يالقۇنجاپ، 12 مۈچەلدەك توختىماي داۋاملىشىدىغانلىقىغا سىمۋول قىلىنغان. ‹‹ماركا قامۇسى›› دۇنيا بويىچە 30 مىڭ پارچە تارقىتىلىدىكەن، ئۈرۈمچى شەھىرىدە 100 پارچىلا تارقىتىلىدىغان بولۇپ، ھازىر زاكاز قىلىنىۋېتىپتۇ.
 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ