باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>پەن–مائارىپ
ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ ئاتا–ئانىسى مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلارغاخەت يازدى
2008- 04- 28 10:52 شىنجاڭ گېزىتى

 پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى، مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خالىس تۆھپىسىگە چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى

       ئىلاۋە: 2000 – يىلى ئىچىكىرىدە شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى ئېچىلغاندىن بۇيان ھازىرغىچە شىنجاڭدىكى 18 مىڭ 600 ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىسى بۇ جايلارغا بېرىپ مائارىپ تەربىيىسى ئالدى. ئىچكىرىدىكى سىنىپ ئاچقان ھەرقايسى مەكتەپنىڭ رەھبەرلىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلار ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن خالىس تۆھپە قوشۇپ، جاپالىق ئىشلەپ، تىللاردا داستان بولغىدەك تەسىرلىك ئىشلارنى قىلدى.

       شىنجاڭ ئوفىتسېرلار ئالىي تېخنىكوم مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى قەلبىنۇرنىڭ قىزى نادىيە بېيجىڭ شەھىرىنىڭ شۈنيى رايونىدىكى ياڭجېن بازارلىق 1 – ئوتتۇرا مەكتەپ شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىدا ئوقۇيدۇ. 2007 – يىلى 12 – ئايدا قەلبىنۇر قىزىنىڭ سىنىپ مەسئۇلى رۇڭ شيۇشيا مۇئەللىمنىڭ ئۆزلىرىگە يازغان خېتىنى تاپشۇرۇۋالدى. خەتتە نادىيەنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى ئىدىيىۋى ئىپادىسى ۋە ئۆگىنىش ئەھۋالى ھەم ئۇنىڭ 4 – نۆۋەتلىك بېيجىڭ شەھەرلىك ئاساس مائارىپ بويىچە ئىنگلىزچە ئوقۇتۇش ئەھۋالىنى نامايان قىلىش پائالىيىتىدىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىنگىلىزچە ماقالە يېزىش مۇسابىقىسىدە 1 – دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكى يېزىلغان ھەم نادىيەنىڭ ئىككى قېتىملىق ئىمتىھان نەتىجىسىنى ئەۋەتىپ بەرگەن. نادىيەنىڭ ئاتا – ئانىسى نادىيەنىڭ ئۆگىنىشتە ئىلگىرىلىگەنلىكىنى بىلىپ ناھايىتى خۇشال بولدى ۋە تېزدىن قىزىغا تېلېفون قىلىپ، ئۇنى ئىلھاملاندۇردى ھەم رۇڭ مۇئەللىمنىڭ باھاسىنى قىزىغا ئوقۇپ بەردى.

       نادىيەنىڭ ئاتا – ئانىسى رۇڭ مۇئەللىمگە خەت يېزىپ، مۇئەللىم ۋە مەكتەپنىڭ قىزى ھەم ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ تەربىيىلىگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى. بۇ خەتتە ئاتا – ئانىلارنىڭ پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە بولغان تەشەككۈرى، مەكتەپ رەھبەرلىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلارغا بولغان سەمىمىي مىننەتدارلىقى ئىپادىلەنگەن. خەتنىڭ تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە:

     ھۆرمەتلىك رۇڭ مۇئەللىم، ياخشىمۇ سىز!

     بىز نادىيەنىڭ ئاتا – ئانىسى، ئالدى بىلەن سىزگە چىن كۆڭلىمىزدىن رەھمەت ئېيتىمىز ھەم خەت ئارقىلىق بېيجىڭ شەھىرى شۈنيى رايونى ياڭجېن بازارلىق 1 – ئوتتۇرا مەكتەپ رەھبەرلىرى، ئوقۇتقۇچىلارغا رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز. ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، سىلەر ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ھەر ۋاقىت ھەمراھ بولدۇڭلار. بىز گەرچە بالىلارنىڭ يېنىدا بولالمىساقمۇ، ئۇلار سىلەرنىڭ ئاتا – ئانا مېھرىدىنمۇ ئېشىپ چۈشىدىغان چوڭقۇر مۇھەببىتىڭلارغا ئېرىشتى. تۈنۈگۈن بىز سىزنىڭ بىزگە ئەۋەتكەن خېتىڭىزنى تاپشۇرۇۋېلىپلا، قىزىمىزغا تېلېفون قىلىپ، ئۇنى ئىلھاملاندۇردۇق ھەم داۋاملىق تىرىشىپ، ھەرقايسى ئاساس پەن بىلىملىرىنى پۇختا ئىگىلەشكە ئۈندىدۇق. ئۇنىڭغا يەنە سىزنىڭ ‹‹ئۆگىنىشتە ھەممىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈشتە گەپ يوق›› دېگەن باھايىڭىزنى ئۇنىڭغا ئوقۇپ بەردۇق. ئەلۋەتتە، بۇ سىزنىڭ، شۇنداقلا بىزنىڭ ئۈمىدىمىز، بالىلارنىڭ ئۆگىنىش نىشانى.

      رۇڭ مۇئەللىم، بىز بالىمىزنىڭ ياڭجېن بازارلىق 1 – ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان ئىككى يىلدىن بۇيان ئۇلارنىڭ ئىدىيە، ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇشتا زور ئىلگىرىلگەنلىكىدىن بەك خۇشال بولدۇق. تەتىلدە بالىمىز ئۆيگە كەلگەندە، ئۇنىڭ گەپ – سۆز، ئىش – ھەرىكەتلىرى، ئۆز ئىشىنى ئۆزى قىلىشلىرىدىن ئۇنىڭدا زور ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى ھېس قىلدۇق. قىزىمىز ‹‹بىزنىڭ شۈنيى رايون، بىزنىڭ مەكتەپ...›› دېگەندەك گەپنى ئېغىزىدىن چۈشۈرمەيدۇ. ئۆيگە كېلىپمۇ مەكتەپتىكى تۇرمۇشىنى ئۇنتۇمىدى. ئۇ يەنە ماڭا: ‹‹ئاپا، ئوقۇتقۇچىمىز بىزگە ھەرۋاقىت ھەمراھ بولىدۇ. بايرام، دەم ئېلىش كۈنىدىمۇ تۇغقان يوقلاشقا، بالىلىرىغا ھەمراھ بولۇشقا بارمايدۇ، يېنىمىزدا  تۇرۇپ دەرس تەكرار قىلىپ بېرىدۇ›› دېدى. بۇ يىل روزا ھېيتتا مەن قىزىمغا تېلېفون قىلسام، ئۇ ناھايىتى خۇشال ھالدا: ‹‹ئاپا، ئوقۇتقۇچىمىز سىنىپتىكى باشقا بالىلارنى باشلاپ ياتاققا بىزنى يوقلاپ كەپتۇ، بىز بىرلىكتە ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئوينىدۇق. بەك كۆڭۈللۈك ھېيت ئۆتكۈزدۇق›› دېدى. مەن:‹‹سىلەر ھېيتنى بىزدىنمۇ كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزۈپسىلەر›› دېدىم. بىز ئاتا – ئانىلار ئىككى يىلدىن بۇيان، ياڭجېن بازارلىق 1 – ئوتتۇرا مەكتەپ رەھبەرلىرى، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىدىكى600دەك ئوقۇغۇچىنى تەربىيىلەشكە، ئوقۇتۇشقا ۋە تۇرمۇشىغا كۆپ ئەجىر سىڭدۈرگەنلىكىنى ئاڭلىدۇق ۋە كۆردۇق. سىلەر بالىلارغا دەرس ئۆتۈپلا قالماي، بارلىق ۋاقتىڭلاردىن پايدىلىنىپ، ئۇلارغا سەۋرىچانلىق بىلەن يېتەكچىلىك قىلىپ، دەرس تولۇقلاپ بېرىپ، پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، بالىلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى ئۆستۈردۈڭلار، بۇنىڭ بىلەن بالىلار خەنزۇچە تىل ئۆتكىلىدىن ئۆتۈپلا قالماي، كۆپلىگەن بالىلار، بولۇپمۇ قەشقەر، خوتەن قاتارلىق چەت، يىراق رايوندىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسى بېيجىڭلىق يەرلىك ئوقۇغۇچىلاردىن ئېشىپ كېتىپتۇ. بەزى ئوقۇغۇچىلار يەنە بېيجىڭ شەھەرلىك ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ فىزىكا، خىمىيە، ئىنگلىزچە قاتارلىق مۇسابىقىلىرىدە مۇكاپاتقا ئېرىشىپتۇ، بۇنىڭغا ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ ئىشەنگىسى كەلمەيدۇ. چۈنكى ئەڭ دەسلەپتە خەنزۇچىنىمۇ ئاڭلاپ چۈشىنەلمەيدىغان، خەنزۇچە ئىپادىلەشتە ناھايىتى قىينىلىدىغان ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ناھايىتى قىسقا مۇددەتتە تىل ئۆتكىلىدىن ئۆتۈپ، ئۆگىنىشتە باشقا ئوقۇغۇچىلاردىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۇق. مەن ئوقۇتقۇچى بولغانلىقىم ئۈچۈن شۇنى ھېس قىلالايمەنكى، بۇ جەريان بەكمۇ جاپالىق، قىيىنچىلىقنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئاتا – ئانىسىدىن يىراقتا ئوقۇۋاتقان 600 ئوقۇغۇچىنى ئۆز ئاتا – ئانىسىنىڭ تەربىيىسى بولمىغان ئەھۋالدا، ئىدىيىدە چوڭ تەۋرىنىش بولىدىغان، ئاسان ھاياجانلىنىدىغان تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلارنى ياخشى باشقۇرۇش، ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ناھايىتى تەس. مەكتەپنىڭ ياخشى باشقۇرۇلغانلىقى، رەھبەرلەر، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ كۆپلىگەن ئىنچىكە، مۇرەككەپ خىزمەتلەرنى ئىشلەپ، ياخشى تەدبىر، ئاماللارنى قوللىنىپ، تۈرلۈك قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، جاپالىق ئىشلەپ، تەر ئاققۇزۇپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىنى تەربىيىلەش، باشقۇرۇش خىزمىتىگە كىرىشكەنلىكى ئۈچۈن، ئوقۇغۇچىلار يۇقىرىقىدەك مۆجىزىلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. مەكتەپنىڭ ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى تەسىس قىلىشى ئاسانلا ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدىغان ئىش ئەمەس، بىراق سىلەر قىيىنچىلىقتىن قورقماي سىنىپ ئېچىپ، ياخشى ئېچىپ، غەلىبە قىلدىڭلار. بۇنىڭغا كۆپلىگەن ئوقۇتقۇچىنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە تەرى مۇجەسسەملەنگەن.  يۇقىرىقىلاردىن باشقا، بالىلار تۇرمۇشتا مەكتەپ رەھبەرلىرى، دەرس ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ، تۇرمۇشقا مەسئۇل ئوقۇتقۇچى ۋە ياتاق باشقۇرغۇچىلارنىڭ چەكسىز غەمخورلۇقىغا ئېرىشتى، سىلەرنىڭ ئەستايىدىل مەسئۇل بولۇپ، كېچە – كۈندۈز ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىدىن خەۋەر ئالدىڭلار. بالىلار ئاغرىپ قالسا ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ داۋالىتىپ، غەمخورلۇق قىلىپ، ئۇلارغا قاراپ ناھايىتى جاپا تارتتىڭلار، بالىلارغا   ئاتا – ئانىسىدىنمۇ بەكرەك مېھرىڭلارنى بېرىپ، ئۇلارنى ئىدىيە – ئەخلاق، مەدەنىيەت بىلىملىرى، بەدەن ساپاسى قاتارلىق جەھەتلەردە ئەتراپلىق، ساغلام يېتىلدۈردىڭلار. رۇڭ مۇئەللىم، سىز ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىنى ئۆز بالىڭىزدەك كۆرۈپ، ھەر ۋاقىت ئۇلارغا ھەمراھ بولۇپ، بارلىق مېھىرىڭىز، غەمخورلۇقىڭىزنى يەتكۈزدىڭىز. بېيجىڭدىكى يەرلىك ئوقۇغۇچىلار سىزنىڭ باشچىلىقىڭىز ۋە تەسىرىڭىزدە ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىغا قىزغىنلىق بىلەن ياردەم قىلىپ، ئۆزئارا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئىتتىپاقلىشىپ، دوستانە ئۆتۈپ، ئۇلارغا يەنە ئىللىق ئائىلە يارىتىپ بەردى. ئوقۇغۇچىلار ھەر قېتىم تەتىلدە شىنجاڭغا قايتقاندا، مەكتەپكە بارىدىغان چاغدا، مەكتەپ رەھبەرلىرى ئۆزى باشلامچىلىق بىلەن ۋوگزالغا باردى، كۆپلىگەن ئوقۇتقۇچىلار ئۇزىتىشقا كەلدى. بىز پويىز ئىستانسىسىدا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بالىلارنىڭ چامادان، يۈك – تاقلىرىنى كۆتۈرۈپ، شۇنچىلىك ئەستايىدىللىق، مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئوقۇغۇچىلارغا ياردەملىشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ بەك تەسىرلەندۇق. بولۇپمۇ ئوقۇغۇچىلار مەكتەپكە قايتىدىغان چاغدا، پويىز كۈتۈش زالىدىن ئايرىلىپ پويىزغا چىققاندا، جاڭ مۇدىرنىڭ پويىز كۈتۈش ئۆيىدە ئەڭ ئاخرىقى بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئېغىر ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ، پەلەمپەيدىن ئاستا – ئاستا چىقىۋاتقانلىقى بىزنى ناھايىتى تەسىرلەندۈردى. بۇ ھەقىقەتەن ئاتا – ئانا مېھرىدىنمۇ ئېشىپ چۈشىدىغان چوڭ غەمخورلۇق.

       ئىلگىرى بىز چەت، چېگرا رايوندىكى ئاز سانلىق مىللەت بالىلىرىنىڭ، بولۇپمۇ يېزا بالىلىرىنىڭ بېيجىڭدىكى ئەڭ ياخشى مەكتەپكە بېرىپ، ئەۋزەل مۇھىتتا يۇقىرى سەۋىيىلىك مائارىپ بايلىقىدىن بەھرىمەن بولۇشىنى، زامانىۋى ئىدىيە تەربىيىسى ۋە مەدەنىيەت تەربىيىسى ئېلىشىنى، ئۇلارنىڭ يېمەك – ئىچمەك، كىيىم – كېچەك، تۇرالغۇ ۋە ئوقۇش پۇلىنىڭ ھەممىسىنىڭ دۆلەتنىڭ ئۆز ئۈستىگە ئېلىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدۇق. بۇ نېمىدېگەن قالتىس ئىش ھە؟! بۇ پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ناھايىتى كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقى ۋە ئۇنى زور كۈچ بىلەن قوللايدىغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى. بىز پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە چىن دىلىمىزدىن رەھمەت ئېيتىمىز، ياڭجېن بازارلىق 1 – ئوتتۇرا مەكتەپكە، بالىلىرىمىز ئۈچۈن خالىس تۆھپە قوشۇۋاتقان ئوقۇتقۇچىلارغا رەھمەت ئېيتىمىز. يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا، بىز ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تىرىشىپ ئۆگىنىپ، بەدەن چېنىقتۇرۇپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقى، ياڭجېن بازارلىق 1 – ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تەربىيىسى، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەجرى، ئاتا – ئانىلارنىڭ سەمىمىي ئارزۇسىنى يەردە قويماي، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ۋەتەنگە، ئانا مەكتىپىگە، يۇرتىغا جاۋاب قايتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

       سىز ۋە باشقا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تېنىگە سالامەتلىك، ئائىلەڭلەرگە بەخت، خىزمىتىڭلارغا ئۇتۇق تىلەيمىز.  

       ھۆرمەت بىلەن ئائىلە باشلىقلىرى: مەمەت يۈسۈپ، قەلبىنۇر

 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ