|
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى جىددىي ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى:
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى يېقىندا جىددىي ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلارنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش تېلېۋىزىيە – تېلېفون يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سوغۇق ھاۋا ئېقىمىدىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەشنى تەلەپ قىلدى.
ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلدى: مېتېئورولوگىيە تارمىقىنىڭ ئالدىن بەرگەن مەلۇماتىغا قارىغاندا، 28 – ئاپرېلدىن 5 – ئاينىڭ باشلىرىغىچە ، سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ سىبىرىيىدىن جەنۇبقا ئۈزلۈكسىز سۈرۈلۈپ شەرققە يۆتكىلىشىنىڭ تەسىرىدە، شىمالىي شىنجاڭ رايونلىرىنىڭ ھاۋاسى ئۆزگىرىشچان بولۇپ، تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەيدۇ . شىمالىي شىنجاڭدىكى كۆپ قىسىم جايلارنىڭ كۈندىلىك ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ئىلگىرىكى يىللارنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن سىلسىيە 3 گرادۇستىن سىلسىيە 5 گرادۇسقىچە تۆۋەن بولىدۇ، تارباغاتاينىڭ شىمالىي قىسمى، ئالتايدىكى بىر قىسىم جايلاردا ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە ئۈششۈك چۈشىدۇ. 28 – ئاپرېل شىمالىي شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرى، تەڭرىتاغ تاغلىق رايونى، قۇمۇل ۋىلايىتىنىڭ شىمالىي قىسمىدا ئازراق يامغۇر (تاغلىق رايونلاردا يامغۇر قارغا ئايلىنىدۇ) ياغىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە تارباغاتاينىڭ شىمالىي قىسمى، ئالتاي قاتارلىق رايونلاردىكى قىسمەن جايلاردا ئوتتۇراھال يامغۇر ياغىدۇ، يۇقىرىدىكى رايونلاردا بەش بال ئەتراپىدا غەربىي شىمال شامىلى چىقىدۇ، شامال ئېغىزلىرىدا 8 ~ 9 بالغا يېتىدۇ، تېمپېراتۇرا سىلسىيە 5 گرادۇستىن سىلسىيە 8 گرادۇسقىچە تۆۋەنلەيدۇ. 30 – ئاپرېل شىمالىي شىنجاڭدىكى كۆپ قىسىم جايلاردا ئازراق يامغۇر (تاغلىق رايونلاردا قار ياغىدۇ) ياغىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئىلى دەرياسى جىلغىسى، تارباغاتاي، ئالتاي، شىمالىي شىنجاڭنىڭ تەڭرىتاغ ئەتراپى، تەڭرىتاغ تاغلىق رايونلىرى قاتارلىق جايلاردىكى ئايرىم رايونلاردا ئوتتۇراھال يامغۇر ياغىدۇ، يۇقىرىدىكى رايونلاردا 4 ~ 5 بال ئەتراپىدا غەربىي شىمال ئۆتكۈنچى شامىلى چىقىدۇ، شامال ئېغىزىدا 8 بالغا يېتىدۇ، تېمپېراتۇرا داۋاملىق تۆۋەنلەيدۇ. 2 – مايدىن 4 – مايغىچە، شىمالىي شىنجاڭ رايونىدا يامغۇر ياغىدۇ، تېمپېراتۇرا داۋاملىق تۆۋەن ھالەتتە بولىدۇ.
ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەر دەرىجىلىك مېتېئورولوگىيە تارماقلىرى ئاپەتلىك ھاۋارايىنى كۆزىتىش ۋە ئالدىن مەلۇمات بېرىشنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، ھاۋارايى ئۇچۇرى ۋە ئاپەت سىگنالى ئۇچۇرىنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىپ، ئاممىنىڭ ھاۋارايى ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، ئاپەتلىك ھاۋارايىغا تاقابىل تۇرۇشتىكى تۈرلۈك تەييارلىقلارنى بالدۇر، ياخشى ئىشلىشىگە قۇلايلىق يارىتىپ بېرىشى كېرەك.
|