|
ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ دوستلۇق يولىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى بۇ يىل 25 – مارت باشلانغاندىن بۇيان، شەھەر ئاھالىلىرى يېڭى دوستلۇق يولىنىڭ بالدۇرراق پۈتۈشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتمەكتە. پۈتۈنلەي يېپىق ھالەتتە ياسىلىۋاتقان دوستلۇق شىمالىي يولىغا 22 – ئاپرېلدىن باشلاپ قاراماي ياتقۇزۇلۇشقا باشلىدى.
دوستلۇق يولىنىڭ 4 – بۆلىكى(شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى يولىدىن قاراماي يولىغىچە)نى ياساشقا قاتنىشىۋاتقان مەسئۇل خادىمنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئۇلار 22 – ئاپرېلدىن باشلاپ يول يۈزىگە قارىماي ياتقۇزۇشقا باشلىغان، مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ يول بۆلىكىگە 5 – مايدىن بۇرۇن قارىماي ياتقۇزۇپ بولۇنىدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، ئۆزگەرتىپ ياسالغان دوستلۇق شىمالىي يولىنىڭ كەڭلىكى 28 مېتىر بولۇپ، ئەسلىدىكى يولدىن 13.5 مېتىر كەڭ ئىكەن. بىرلا ۋاقىتتا سەككىز ئاپتوموبىل ياندىشىپ ماڭالايدىكەن. ئاساسىي يولغا ماي ياتقۇزۇلۇش بىلەن بىللە، پىيادىلەر يولىنى ياساش ۋە يېشىللاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى تەڭ ئېلىپ بېرىلىۋېتىپتۇ. دوستلۇق شىمالىي يولىدا پۈتۈنلەي يېپىق ھالەتتە قۇرۇلۇش قىلىنغان بولۇپ، پىلان بويىچە 15 – ماي ئاساسلىق يولدا قاتناش باشلىنىدىكەن، 30 – ماي قۇرۇلۇش تاماملىنىدىكەن. قاراماي يولىدىن چوڭ كۆۋرۈككىچە بولغان دوستلۇق جەنۇبىي يولىدا يېرىم يېپىق ھالەتتە قۇرۇلۇش قىلىنغان بولۇپ، 6 – ئىيۇن ئاساسلىق يولدا قاتناش ئەسلىگە كېلىدىكەن، 30 – ئىيۇن قۇرۇلۇش تاماملىنىدىكەن.
|