باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىجتىمائىي خەۋەرلەر
ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى مەھكىمە باشلىقلىرى ئەرزىيەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىش تۈزۈمىنى يولغا قويدى
2008- 04- 28 10:37 شىنجاڭ گېزىتى

        22 – ئاپرېل 75 ياشلىق  تۇراخۇن تۇرغۇن بەكمۇ ھاياجانلاندى. چۈنكى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى روزى ئىسمائىل  ئۇنى قوبۇل قىلىپ، دەرد – ھالىنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ، سوتچىلارنى  ئىسپات ئېلىشقا ئورۇنلاشتۇرغانىدى. ئەسلىدە بۇ كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى ‹‹ مەھكىمە باشلىقلىرى ئەرزىيەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىش  بەلگىلىمىسى››نى يولغا قويغاندىن بويان، مەھكىمە باشلىقلىرىنىڭ ئەرزىيەتچىلەرنى كۈتۈۋالغان تۇنجى كۈنى ئىدى.  

       ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى روزى ئىسمائىل  مۇنداق دېدى: قانۇن  ئاساسىدا يوللۇق ئەرز قىلىنغان مەسىلىلەر يوللۇق ھەل قىلىنىدۇ. سوت ئورگانلىرىنىڭ ئەرز قىلغۇچىلارنىڭ ئەرزىنى ئاڭلاش ھەم ئۇنى ھەل قىلىش مەجبۇرىيىتى  بار.

       ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ساۋجيەن مۇنداق دېدى: ‹‹تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن ھەق – تەلەپ دەۋا قانۇنى››نىڭ يولغا قويۇلۇشى بىلەن، قايتا قاراپ چىقىش ئىلتىماسىنى ئاخىرقى سوتتىن بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىگە سۇنۇش ئېنىق بەلگىلەندى، بۇنىڭ بىلەن يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت سالمىقى زور دەرىجىدە ئاشتى. تالاش – تارتىشلارنى تېز، ئۈنۈملۈك ھەل قىلىش، ئىناق، مۇقىم قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش مۇھىتى بەرپا قىلىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى ‹‹مەھكىمە باشلىقلىرىنىڭ  ئەرزىيەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىش بەلگىلىمىسى››نى يولغا قويدى. بەلگىلىمە بويىچە ھەر ھەپتىنىڭ دۈشەنبە، سەيشەنبە، پەيشەنبە كۈنلىرى   قوبۇل قىلىش كۈنى قىلىپ بېكىتىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە سەيشەنبە، پەيشەنبە كۈنلىرى چۈشتىن بۇرۇن  مەھكىمە باشلىقلىرى ، باشقا كۈنلىرى كەسپى كوللىگىيىلەرنىڭ قوبۇل قىلىش كۈنى قىلىپ بېكىتىلدى.

       ئىگىلىنىشچە، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى ‹‹خاتالىق بولىدىكەن تۈزىتىش›› پرىنسىپى بويىچە، بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا خاتالىق كۆرۈلگەن دېلولارنى قەتئىي تۈزەتكەن.  بىر تەرەپ قىلىشتا خاتالىق بولمىغان ئەمما داۋاملىق ئەرز قىلىنغان دېلولارغا قارىتا ئەرز قىلغۇچىغا سەۋىرچانلىق بىلەن چۈشەندۈرۈپ، قايىل قىلىش تەربىيىسى ئېلىپ بېرىپ، ئەرز قىلماسلىققا كۆندۈرگەن.
 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ