|
مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرى 2007 – يىلى 11 – ئايدىن باشلاپ شەھەر، بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بېجىرىشكە باشلىغاندىن بۇيان، ھازىرغىچە 150 مىڭ كىشى سۇغۇرتىغا قاتناشقان، 355 كىشى داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولغان. بۇنىڭ ئىچىدە ئۈچىنچى دەرىجىلىك داۋالاش ئاپپاراتىدا 149 كىشى، ئىككىنچى دەرىجىلىك داۋالاش ئاپپاراتىدا 126 كىشى، بىرىنچى دەرىجىلىك داۋالاش ئاپپاراتىدا 80 كىشى داۋالانغان.
ئىگىلىنىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە تۇنجى تۈركۈمدە تەستىقلاش ئارقىلىق ئېلان قىلىنغان شەھەر، بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى نۇقتىسى قىلىپ بەلگىلەنگەن داۋالاش ئاپپاراتى ۋە مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت مەركىزىدىن 39ى، مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت پونكىتىدىن 71 ى، يۆتكەپ داۋالاش، دوختۇرخانىغا يۆتكەش ئاپپاراتىدىن 43 بار ئىكەن. ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى شەھەر، بازار ئاھالىلىرىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان ئاھالىلەر كېسەل كۆرسەتكەندە مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت مەركىزى ياكى مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت پونكىتىدىن بىر – ئىككىنى ئىختىيارىي تاللاپ، دەسلەپكى كېسەل كۆرسىتىش ئاپپاراتى قىلسا بولىدىكەن.
ھازىر ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تورى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندى، ئاھالىلەرنىڭ داۋالاش خېيىمخەتىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى تەدىرىجىي كۈچەيدى.
|