|
گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى ۋېن جياباۋنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 11 – ۋە 15 – ئاپرېل تېببىي دورا، سەھىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش خىزمىتى بويىچە سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. ۋېن جياباۋ مۇنداق تەكىتلىدى: تېببىي دورا، سەھىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ھەم ئۇزاق مەزگىللىك ۋەزىپە، ھەم تەخىرسىز خىزمەت. بۇ كۈچلۈك سىگنال بولۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تېببىي دورا، سەھىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى تېزلىتىشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
تېببىي دورا، سەھىيە كەسپى ئومۇمىي خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە چېتىلىدۇ، ھازىرقى تۈزۈلمىنى قانداق ئىسلاھ قىلغاندا ئاممىنىڭ كېسەل كۆرسىتىش، دورا ئىشلىتىش مەسىلىسىنى تېخىمۇ ياخشى ھەل قىلغىلى بولىدۇ؟ مانا بۇ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان مۇھىم ئىش. گوۋۇيۈەننىڭ 2006 – يىلى 20 – ئىيۇن ئۆتكۈزۈلگەن دائىمىي يىغىنىدا، تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى بىلەن سەھىيە مىنىستىرلىكى باشچىلىقىدا تېببىي دورا، سەھىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى مىنىستىرلىكلەر ئارا ماسلاشتۇرۇش خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرۇش قارار قىلىندى، بىر يىلدىن كۆپ تىرىشىش ئارقىلىق ‹‹تېببىي دورا، سەھىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر (پىكىر ئېلىش نۇسخىسى)›› تۈزۈپ چىقىلدى. بۇ يىل 3 – ئايدا ئېچىلغان مەملىكەتلىك ‹‹ئىككى يىغىن›› دا، ۋېن جياباۋ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بەرگەندە تېببىي دورا، سەھىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ يېڭى لايىھىسىنى تۈزۈشتە جەمئىيەتتىن ئاشكارا پىكىر ئېلىنىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
ئەمەلىيەتتە پەن – تېخنىكا، مائارىپ، مەدەنىيەت قاتارلىق ساھەلەر تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، تېببىي دورا، سەھىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ چوڭ يۆنىلىشى ۋە ئاساسىي نىشانى ئۆتكەن نەچچە يىلدا ئاساسىي جەھەتتىن بېكىتىلدى. يېقىنقى نەچچە يىلدىن بۇيان، شەھەر – يېزا ئاھالىلىرىنىڭ داۋالىنىش كاپالىتى سىستېما قۇرۇلۇشى تېزلىتىلىپ، ئېغىر كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاشنى مۇھىم نۇقتا قىلغان جامائەت سەھىيە مۇلازىمەت سىستېمىسى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، شەھەر – يېزىلارنىڭ داۋالىنىش مۇلازىمەت سىستېما قۇرۇلۇشى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلدى، دۆلەتنىڭ ئاساسىي دورا تۈزۈمى ۋە دورا بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش سىستېمىسى تەدرىجىي قۇرۇلدى، مانا بۇلار تېببىي دورا، سەھىيە ئىسلاھاتىنىڭ ئاساسىي مەقسىتىنى نامايان قىلدى، بۇلارنى تەپسىلىي كۆزەتسەك، تېببىي دورا، سەھىيە ئىسلاھاتىنىڭ ئاساسىي نىشانىنىڭ سەھىيە ئىشلىرىنىڭ جامائەت پاراۋانلىق خاراكتېرىدا چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي داۋالىنىش سەھىيە تۈزۈمىنى بەرپا قىلىش، ئاممىنى بىخەتەر، ئۈنۈملۈك، قۇلايلىق، ئەرزان ئاساسىي داۋالىنىش سەھىيە مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش ئىكەنلىكىنى بىلىۋالالايمىز. جامائەت پاراۋانلىق خاراكتېرى ئۇنىڭ ئاساسىي پرىنسىپى.
‹‹بىخەتەر، ئۈنۈملۈك، قۇلايلىق، ئەرزان بولۇش›› دېگەنلىك ئاساسىي داۋالىنىش سەھىيە مۇلازىمىتىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى بولۇپ، ئاممىباب، چۈشىنىشلىك، پۇقرالار بۇنىڭدىن ئەمەلىي نەپكە ئېرىشەلەيدۇ، تېببىي خادىملار نىشاننى ئايدىڭلاشتۇرالايدۇ، نازارەت قىلىپ باشقۇرىدىغانلار ئاسان ئىگىلىيەلەيدۇ. ۋەھالەنكى دۆلەت ئىقتىسادى ۋە خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك بۇ زور ئىسلاھاتنىڭ ۋەزىپىسى مۈشكۈل ھەم مۇرەككەپ بولغاچقا، بەزى تەرەققىي قىلغان ئەللەر ھازىرغىچە بۇ مەسىلىنى تولۇق ھەل قىلالمىدى. مەركەزنىڭ بۇ لايىھىنى پۈتۈن مەملىكەت خەلقىگە ئېلان قىلىپ، كەڭ دائىرىدە پىكىر ئېلىشىتىكى مەقسىتىمۇ ئاممىنىڭ ئەقىل – پاراسىتىنى مۇجەسسەملەش، كەڭ دائىرىدە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىش ئاساسىدا، تېببىي دورا، سەھىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى پائال، مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈندۇر. پۈتۈن مەملىكەت خەلقى تېببىي دورا، سەھىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ يېڭى لايىھىسىدىن زور ئۈمىد كۈتمەكتە. لېكىن، ھەممىنى رازى قىلىدىغان، نۇقسانسىز خىزمەت لايىھىسى بولمايدۇ. دۆلىتىمىزدە ھەر كۈنى نۇرغۇن بىمار ئاغرىق ئازابى تارتىۋاتىدۇ، ئۇلار ۋاقتىدا داۋالىنىشقا موھتاج. شۇنىڭ ئۈچۈن پات يېقىندا ئېلان قىلىنىدىغان تېببىي دورا، سەھىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتى لايىھىسىگە قارىتا ھەممە كىشى ئىدىيە جەھەتتىن تولۇق تەييارلىق كۆرۈشى، ئىجابىي پوزىتسىيە بىلەن پائال يۈزلىنىشى، چارە – تەدبىر كۆرسىتىپ، جامائەت پاراۋانلىق خاراكتېرى گەۋدىلىك بولغان بۇ ئىسلاھاتنىڭ تېزدىن يولغا قو– يۇلۇپ، ئاممىغا بالدۇر نەپ يەتكۈزۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى
|