باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>پەن–مائارىپ
ئاپتونوم رايونىمىزدىن37 ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سالاھىيىتىگە ئېرشتى
2008- 04- 28 10:17 شىنجاڭ گېزىتى

مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، مائارىپ مىنىستىرلىكى  يېقىندا  2008 – يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مائارىپ بويىچە تەربىيىلەش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلغان، ئاپتونوم رايونىمىزدىن37 ئالىي مەكتەپ بۇ تىزىملىككە كىرگەن.

       ئىگىلىنىشچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن 37 ئالىي مەكتەپ ئىچىدە، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق 11 ئادەتتىكى تولۇق كۇرس مەكتىپى، شىنجاڭ سانائەت ئالىي تېخنىكومى قاتارلىق 21 ئادەتتىكى ئالىي كەسپىي تېخنىك ئىنستىتۇتى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى پەن – تېخنىكا ئىنستىتۇتى قاتارلىق دۆلەتنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەن تۆت مۇستەقىل ئىنستىتۇت ۋە دۆلەتنىڭ تەكشۈرۈپ بېكىتىشىدىن ئۆتكەن بىر تارماق مەكتەپ  بار ئىكەن.  بۇ يىل شىخەنزە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پەن – تېخنىكا ئىنستىتۇتى بىلەن ئۈرۈمچى چوڭلار مائارىپى ئىنستىتۇتى قىسقارتىۋېتىلگەن.

       تىزىملىككە كىرگەن 11 ئادەتتىكى تولۇق كۇرس مەكتەپلىرى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، شىخەنزە ئۇنىۋېرسىتېتى، شىنجاڭ يېزا – ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى، تارىم ئۇنىۋېرسىتېتى، شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى، قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى، ئىلى پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى، شىنجاڭ مالىيە –  ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتى، شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتى، سانجى ئىنستىتۇتىدىن ئىبارەت.

       21 ئادەتتىكى ئالىي كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇتى: شىنجاڭ سانائەت ئالىي تېخنىكومى، شىنجاڭ ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك تېخنىكومى، خوتەن پېداگوگىكا تېخنىكومى، شىنجاڭ بىڭتۇەن ساقچى ئوفىتسېرلار ئالىي تېخنىكومى، شىنجاڭ ساقچى ئوفىتسېرلار ئالىي تېخنىكومى، ئۈرۈمچى كەسپىي ئۇنىۋېرسىتېتى، شىنجاڭ ماشىنا – ئېلېكتر ئۈسكۈنىلىرى تېخنىكا ئىنستىتۇتى،  شىنجاڭ يېنىك سانائەت  كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇتى، قاراماي كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇتى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇتى، شىنجاڭ قۇرۇلۇش كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇتى، ئىلى كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇتى، شىنجاڭ ئېنېرگىيە كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇتى، سانجى كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇتى، ئاقسۇ كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇتى، شىنجاڭ تەڭرىتاغ كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇتى، شىنجاڭ شىخەنزە كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇتى، شىنجاڭ قاتناش كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇتى، شىنجاڭ زامانىۋى كەسپىي تېخنىكا ئىنىستىتۇتى، بايىنغولىن كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇتى، شىنجاڭ كەسپىي تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدىن ئىبارەت.

       تۆت مۇستەقىل ئىنستىتۇت: شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى پەن – تېخنىكا ئىنستىتۇتى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى پەن – تېخنىكا ئىنستىتۇتى، شىنجاڭ مالىيە – ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سودا ئىشلىرى ئىنستىتۇتى، شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى يېتۈك ئىز باسارلار تەربىيىلەش  ئىنستىتۇتىدىن ئىبارەت.

    دۆلەتنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەن تارماق مەكتەپ باشقۇرۇش ئورنى: شىنجاڭ مائارىپ ئىنستىتۇتى.

      ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ۋە ئاتا – ئانىلارنىڭ سەمىگە شۇنى سالىدۇكى، بۇ قېتىم ئېلان قىلىنغان تىزىملىكىتىكى مەكتەپلەردىن سىرت، باشقا ھەرقانداق ئورۇن (قۇرۇلۇشقا تەستىقتىن ئۆتكەن  ئالىي مەكتەپلەر) نىڭ  ئالىي مائارىپ بويىچە تەربىيىلەش سالاھىيىتى بولمايدۇ. بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغان ئورۇنلاردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش سالاھىيىتى، ئوقۇش  پۈتكۈزۈش گۇۋاھنامىسىنى دۆلەت بىردەك ئېتىراپ قىلمايدۇ. 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ