|
—شىنجاڭ ھەربىي رايونىنىڭ مايتاغدا تۇرۇشلۇق مەلۇم قىسىمى مىللىي6 –ليەنىنىڭ پارتىيىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيىسى بويىچە ليەن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئادەم تەربىيىلىگەنلىكى توغرىسىدا
كۆپ يىلدىن بۇيان، مىللىي 6 – ليەننىڭ كوماندىر – جەڭچىلىرى پارتىيىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيىسىنىڭ يېتەكلىشىدە، پارتىيىگە بولغان ئاددىي ھېسسىياتىنى ئەقلىي يۈكسەكلىككە كۆتۈردى، مىننەتدارلىق ھېسسىياتىنى پارتىيىنى سۆيىدىغان، ۋەتەن يولىدا جان پېدا قىلىدىغان سەمىمىي – ساداقەتلىككە ئايلاندۇردى، چوڭ ھەق – چوڭ ناھەق ئالدىدا ئاداشماي، گاڭگىرىماي، خاتالاشماي، ‹‹پارتىيىنىڭ سۆزىنى ساداقەتمەنلىك بىلەن ئاڭلاش، پارتىيىگە ئەگىشىپ مېڭىشقا ئىرادە باغلاش›› ئەقىدىسىنى تولۇپ تاشقان قىزغىن مۇھەببىتى، ساداقەتمەنلىكى بىلەن چۈشەندۈرۈپ بەردى. ئۇلار نۇرغۇن سىناق ئالدىدا، پارتىيە ۋە خەلققە قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بەردى.
6 – ليەندىكى كوماندىر – جەڭچىلەر مۇنداق دېدى: بىز يىغىلساق ئوتقاشمىز، چېچىلساق يۇلتۇزمىز، بىز مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئۇرۇقى، نەگىلا بېرىشىمىزدىن قەتئىينەزەر، يىلتىز تارتىپ، بىخ سۈرۈپ، مېۋە بېرەلەيمىز.
6 – ليەندىكى كوماندىر – جەڭچىلەر ھەق – ناھەقنى ئېنىق ئايرىدى
مىللىي 6 – ليەندىكى كوماندىر – جەڭچىلەرنىڭ نەزەرىدە پارتىيە ئانىغا ئوخشاش ئەڭ مۇلايىم، ئەڭ ئىشەنچلىك ۋە ئەڭ ھۆرمەتلىك. پارتىيىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيىسىنىڭ چەكسىز سېھرىي كۈچى ئۇلارنى جەلپ قىلماقتا، ئۇلارغا تەسىر قىلماقتا، ئۇلارنى يېتەكلىمەكتە. كىملا بولۇشىدىن قەتئىينەزەر پارتىيە ۋە خەلقنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ئىشنى بىلىپ قالسىلا، قىلچە ئىككىلەنمەستىن قارشى تۇرىدۇ.
2002 – يىلى فېۋرالدا، بەنجاڭ ئەنۋەر ۋەلىنىڭ نەۋرە ئاچىسى تۇيۇقسىز گازارمىغا ئۇنى يوقلاپ كەلدى، ئىككىسى ئۇزاق يىل كۆرۈشمىگەچكە ئۇزاق مۇڭداشتى. نەۋرە ئاچىسى قىسىمدا بىر مەزگىل تۇرۇپ قېلىشنى ئېيتقىنىدا، ئەنۋەردە بىردىنلا گۇمان پەيدا بولدى. ئۇ نەۋرە ئاچىسى بىلەن پاراڭلىشىپ، نەۋرە ئاچىسىنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن ئالدىنىپ نامۇۋاپىق پائالىيەتكە ئارىلىشىپ قالغاچقا، قىسىمدا يوشۇرۇنۇپ تۇرۇشنى ئويلاشقانلىقىنى بىلدى. ئەنۋەر دەرھال ليەن پارتىيە ياچېيكىسىغا دوكلات سۇندى ھەم نەۋرە ئاچىسىغا ئىدىيىۋى خىزمەت ئىشلىدى. ئۇ نەۋرە ئاچىسىغا مۇنداق دېدى: ‹‹ئازادلىقتىن بۇرۇن، ئەجدادلىرىمىز گەمە ئۆيلەردە تۇراتتى، قورسىقى تويمايتتى، كىيىمى پۈتۈن ئەمەس ئىدى. كوممۇنىستىك پارتىيە نامرات ئاممىغا ياردەم قىلىپ، ئۇلارنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈردى. ھازىر، تۇرىدىغىنىمىز ئىككى قەۋەتلىك ئۆي، ئىچىدىغىنىمىز تۇرۇبا سۈيى، كىيىم – كېچەك ۋە ئوزۇق – تۈلۈكىمىز تولۇق، تۇرمۇشىمىز كۈندىن – كۈنگە ياخشىلىنىۋاتقان تۇرۇپ، نېمىشقا بۇنداق ھاماقەتلىك قىلىسىز؟››. ئۇ نەۋرە ئاچىسىغا مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا بېرىپ ئېنىق ئېيتىشنى تاپىلىدى. ئەنۋەرنىڭ سەۋرىچانلىق بىلەن تەربىيە بېرىشى ۋە نەسىھەت قىلىشى بىلەن نەۋرە ئاچىسى خاتالاشقانلىقىنى تونۇدى.
‹‹ھەر بىر كىشىنىڭ ئۆزىنىڭ ئانىسى بار، ئەمما ۋەتەن بىز ھەر مىللەت كوماندىر – جەڭچىلىرىنىڭ ئورتاق ئانىسى. كىم ئۇنى پارچىلايمەن دەيدىكەن، ھەرگىزمۇ قاراپ تۇرمايمەن!›› ئەسكەر دىلمۇرات مۇخبىرغا شۇنداق دەپ، پۈتۈن ليەندىكى كوماندىر – جەڭچىلەرنىڭ يۈرەك ساداسىنى ئىپادىلىدى.
بىر يىلى قىشتا، مىللىي 6 – ليەن جىددىي ۋەزىپىنى تاپشۇرۇۋالدى، ئىككى قاچقۇن ئۇلار تۇرۇشلۇق بايىنغول جىلغىسى ئەتراپىغا سۇقۇنۇپ كىرىۋالغاچقا، ئۇلارغا يەرلىك ج خ تارماقلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ تۇتۇش بۇيرۇقى چۈشۈرۈلگەنىدى. بۇيرۇقنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ليەن پارتىيە ياچېيكىسى دەرھال تايانچ كادىرلارنى تۇتۇش لايىھىسىنى تەتقىق قىلىشقا يىغدى. شۇ كۈنى ليەندىكى كوماندىر – جەڭچىلەر پىستىرما رايونىغا كىردى. قارلىق يەردە 15 سائەت يوشۇرۇنغان كوماندىر – جەڭچىلەر ئاخىر نىشاننى بايقىدى، يۈرۈش – تۇرۇشى گۇمانلىق ئىككىكىشى ئالدىراپ – تېنەپ تاغقا قاراپ قېچىۋاتاتتى. كوماندىر – جەڭچىلەر قاتتىق سوغۇقتا دەرھال قورشاپ ھۇجۇم قىلىپ، قېچىپ يۈرگىلى يەتتە ئاي بولغان ئىككى قاچقۇننى قولغا چۈشۈردى.
پولاتتەك مۇستەھكەم گازارما، چەبدەس ئەسكەرلەر. ۋەزىيەتنىڭ قانداق ئۆزگىرىشىدىن قەتئىينەزەر، مىللىي 6 – ليەنلا بولىدىكەن، ئۇلارنىڭ مەيدانى باشتىن – ئاخىر مۇستەھكەم تۇرىدۇ، ھەق – ناھەقنى ئېنىق ئايرىيدۇ، ئۇلار پارتىيىگە چەكسىز سادىق. مىللىي 6 – ليەندىكى كوماندىر – جەڭچىلەر: ‹‹ئارمىيە چوقۇم پارتىيىگە ئەگىشىپ مېڭىشى، پارتىيىنىڭ سۆزىنى ئاڭلىشى كېرەك. جىددىي ئەھۋالدا خەنجەرگە ئايلىنىشى، مۇقىملىقنى قوغدىغاندا يۈكنىڭ ئېغىرىنى كۆتۈرۈشى كېرەك›› دەيدۇ.
6 – ليەندىكى كوماندىر – جەڭچىلەر ناھايىتى ئىناق – ئىجىل ۋە دوستانە – مېھرىبان
2006 – يىلى ئاۋغۇستتا، ليەن سىرتقا چىقىپ مەشىق قىلغاندا، قازاق جەڭچى مۇتارقاننىڭ ئوڭ پۇتىنى چايان چېقىۋالدى. ليەنجاڭ ئېرلان يارا ئېغىزىنىڭ كۆكىرىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، دەرھال تېڭىش بەلبېغى بىلەن مۇتارقاننىڭ يوتىسىنى چىڭ بوغۇپ، قەلەمتىراچ بىلەن يارا ئېغىزىنى كېسىپ، قىلچە ئىككىلەنمەستىن ئاغزى بىلەن زەھەرنى شوراپ چىقاردى. ئارقىدىن ئۆزىدىن 20 كىلوگرام ئېغىر مۇتارقاننى يۈدۈپ ئىككى كىلومېتىر يىراقلىقتىكى داۋالاش ئەترىتىگە ئاپاردى. مۇتارقاننىڭ يارا ئەھۋالى كونترول قىلىندى، ئەمما ليەنجاڭ ھالسىرىغىنىدىن ئولتۇرۇپ قالدى.
6 – ليەندە پارتىيىلىك كادىرلار ئۈلگە بولۇپ، ھەر ۋاقىت، ھەر جايدا نەمۇنە بولالايدۇ. دۆلەت مۇداپىئەسى ‹‹237›› لەخمە قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىدا تۇيۇقسىز گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ھادىسىسى يۈز بەردى. پارتىيىلىك كادىر ما دېخەي يېنىدا تۇرغان ئۈچ جەڭچىنى ئىتتىرىۋېتىپ، ئۆزى ئۇششاق تاش ۋە توپا ئاستىغا كۆمۈلۈپ قالدى. ئۈچ جەڭچى ‹‹پەيجاڭ! پەيجاڭ!›› دەپ ۋارقىرىغان پېتى ئېتىلىپ بېرىپ، جېنىنىڭ بارىچە قولى بىلەن كولاپ، ئاران دېگەندە پەيجاڭنى قۇتقۇزۇپ چىقتى. پارتىيە ئەزالىرى ۋە ئىتتىپاق ئەزالىرىنىڭ يېتەكچىلىكى ئاستىدا، قۇرۇلۇش ئوڭۇشلۇق تاماملانغاندىن كېيىن، 6 – ليەن كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى تەرىپىدىن ‹‹يېڭى ئۇزۇن سەپەردىكى زەربىدارلار ئەترىتى›› دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشتى.
ھەر يىلى ئەتىياز كەلگەندە، دەم ئېلىپ قىسىمغا قايتقان كوماندىر – جەڭچىلەر خېنە گۈل، يۇلغۇن ئېلىپ كېلىپ، ليەن مۇھىتىنى گۈزەللەشتۈرىدۇ؛ يازدا، قىسىمغا تۇغقان يوقلىغىلى كەلگەنلەر چاي دورىسى ئېلىپ كېلىپ، كوماندىر – جەڭچىلەرنىڭ ئۇسسۇزلۇقىنى قاندۇرىدۇ؛ كۈزدە ھەربىي سەپتىن قايتقان كونا ئەسكەرلەر ئۆزى تېرىغان نەشپۈت، ئانار، بادام مېغىزىنى ئەۋەتىپ بېرىدۇ؛ قىشتا شىمالىي شىنجاڭدىكى كوماندىر – جەڭچىلەر يۇڭ پايپاق، خۇرۇم پەلەي ئېلىپ كېلىپ، پوستتا تۇرۇپ ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان سەپداشلىرىغا سوغۇقتىن ساقلىنىشى ئۈچۈن سوۋغا قىلىدۇ. 6 – ليەندىكى كوماندىر – جەڭچىلەرنىڭ مۇناسىۋىتى بارا – بارا يېقىنلاشتى، مۇھەببىتى چوڭقۇرلاشتى.
6 – ليەن كوماندىر – جەڭچىلەرنى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمىنى ئۆزىنىڭ بايرىمى دەپ تەڭ تەبرىكلەشكە يېتەكلەشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەردى. ھەر مىللەت كوماندىر – جەڭچىلىرىنىڭ يېمەك – ئىچمەك ئادىتىگە ھۆرمەت قىلىش ئۈچۈن، ليەن ھەر ۋاق تاماقتا ھەر خىل تائاملارنى ئېتىپ، كوماندىر – جەڭچىلەرنىڭ ئوخشاش بولمىغان يېمەك – ئىچمەك ئادىتىگە كاپالەتلىك قىلدى. كوماندىر – جەڭچىلەر مۇنداق دېدى: ‹‹6 – ليەندە ئەسكەر بولۇش تەلىيىمىز ۋە بەختىمىز››.
6 – ليەن قۇرۇلغاندىن ھازىرغىچە، 170 تىن ئارتۇق شەرەپكە ئېرىشتى. ئىلگىرى – ئاخىر بولۇپ مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، ئازادلىق ئارمىيە باش سىياسىي بۇسى، دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى قاتارلىق ئورۇنلار تەرىپىدىن ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ياخشى 6 – ليەن››، ‹‹يېڭى ئۇزۇن سەپەردىكى زەربىدارلار ئەترىتى›› ۋە ‹‹مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ›› قاتارلىق شەرەپلىك ناملارغا ئېرىشتى، ئالتە كوماندىر – جەڭچى پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشتى. 2003 – يىلى 27 – فېۋرال، 6 – ليەننىڭ سابىق ليەنجاڭى مەمتىمىن يۇنۇس ئاز سانلىق مىللەتلەر ئىلغار كوللېكتىپىغا ۋەكىل بولۇپ، بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن پۈتۈن مەملىكەت، پۈتۈن ئارمىيىدىكى ‹‹لېي فىڭدىن ئۆگىنىشتىكى ئىلغار ئورۇن››لارنى تەقدىرلەش يىغىنىغا قاتناشتى.
6 – ليەننىڭ ئورتاق تەرەققىي قىلىشىدىكى تۈپ سەۋەب، كوماندىر – جەڭچىلەرنىڭ ۋەتەننى بىر ئائىلە دەپ تونۇش، بىر ھەقىقەتنى تونۇش ئىدىيىسىنى مەھكەم تىكلىشىدىن بولدى. پارتىيىگە ئەگىشىپ مېڭىش، پارتىيىنىڭ سۆزىنى ئاڭلاشتىن ئىبارەت كۈچلۈك ئېتىقادتىن قەتئىي تەۋرەنمىدى. كوماندىر – جەڭچىلەر ئارىسىدا ھەقىقىي ھۆرمەت، ھەقىقىي مۇھەببەت، ھەقىقىي ياردەم بولغاچقا، ليەننىڭ ئومۇميۈزلۈك قۇرۇلۇشى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈلدى.
ما شىنۋۇ ليەننىڭ قورال – ياراغ خادىمى، قوشۇمچە كاتىپى، 2004 – يىلى ھەربىي سەپكە قاتنىشىپ گازارمىغا كىرگەن ۋاقتىدا، چوڭ لوزۇنكىدىكى كۆزگە چېلىقىدىغان: ‹‹پارتىيىنىڭ سۆزىنى ئاڭلاش، پارتىيىگە ئەگىشىپ مېڭىش، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، باتۇرانە جەڭ قىلىش›› دېگەن خەتنى كۆردى. ئۇ بۇ سۆزنىڭ مۇھىملىقىنى ھېس قىلدى، لېكىن مەنىسىنىڭ ئۇنچە چوڭقۇرلۇقىنى ھېس قىلالمىدى. ئۇنىڭ ئەسكەر بولۇشنى تاللىشى قىسىمغا بېرىپ ئازراق ماھارەت ئۆگىنىش ئىدى. ئۇ 6 – ليەنگە بۆلۈنگەن كۈنى شان – شەرەپ ئۆيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى، شان – شەرەپ ئۆيى ۋە خەلق ئارمىيىسىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسى ما شىنۋۇنى ھاياجانلاندۇردى.
16 – ئاپرېل چۈشتىن كېيىن، بىز كومپيۇتېرخانىدا ئېگىز، قاۋۇل، رەتلىك كىيىنگەن ما شىنۋۇنى ئۇچراتتۇق. ئۇ مۇنداق دېدى: ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا، سىنىپتا ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى بار ئىدى، لېكىن ئاز پاراڭلىشاتتۇق. 6 – ليەنگە كەلگەندىن كېيىن، ھەر مىللەت كوماندىر – جەڭچىلىرىنىڭ ھەر ۋاقىت بىللە بولىدىغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇلاردىن نۇرغۇن ئېسىل پەزىلەتلەرنى ئۆگىنىۋالدىم. ھازىر، بۇرۇنقىنى ئەسلىسەم، ئۆزۈمنىڭ بۇرۇنقى ئىدىيىسى ۋە سۆز – ھەرىكەتلىرىمنىڭ بىر تەرەپلىمە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىمەن. مەشىق قىلغاندا ئۆزئارا ياردەم بېرىش، تاماق يېگەندە كېچىكىپ قالغانلارغا قالدۇرۇپ قويۇش، ئاغرىپ قالغانلارنىڭ كۆڭلىنى ياساش قاتارلىق ئىشلار كوماندىر – جەڭچىلەر ئارىسىدا ناھايىتى نورمال ئىش.
جەڭچى مەمەت تۇرسۇن مۇنداق بىر ئىشنى ئېيتىپ بەردى. يېڭى يىل كىرىشى بىلەن تۇەن بويىچە دالا مەشىقى ئورۇنلاشتۇرۇلدى. قايتىش يولىدا، تۇەن تۇيۇقسىز بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، پۈتۈن ليەن بويىچە گازارمىغا يېتىپ بېرىش ۋاقتىغا قاراپ نەتىجە ھېسابلايدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. ئەينى ۋاقىتتا، 6 – ليەن تۇەندىكى ئارقا سەپ زەربىدارلىرى بولغاچقا، ئالدىن ئەۋەتىلگەن ليەن بىلەن تۆت كىلومېتىر ئارىلىق بار ئىدى. ھەربىيلەر بۇيرۇققا بويسۇنۇشنى بۇرچ، دەپ بىلىدۇ، ليەنجاڭ ئېرلان خەمىد قولىنى شىلتىپ، يۇقىرى ئاۋازدا: ‹‹ئالغا!›› دەپ ۋارقىرىشى بىلەن كوماندىر – جەڭچىلەر 30 كىلوگرام ئېغىرلىقتىكى يۈك – تاقلىرىنى يۈدۈپ ليەنجاڭغا ئەگىشىپ بىرلىكتە يۈگۈردى. نىشانغا يېتەي دېگەندە، ئىككى جەڭچى ھەقىقەتەن چىدىيالمىدى، مۇئاۋىن بەنجاڭ ھەسەن قاھار دەرھال ئۇلارنىڭ مۈرىسىدىكى مىلتىقنى ئۆزى يۈدۈپ نىشانغا يېتىپ باردى. 6 – ليەن 1 – لىككە ئېرىشتى.
‹‹مانا بۇ 6 – ليەننىڭ كوماندىر – جەڭچىلىرى، ھەرقانداق ۋاقىتتا بىر كىشىدەك ئىتتىپاقلىشىدۇ، بىر – بىرىگە كۆيۈنىدۇ، باشتىن – ئاخىر كوللېكتىپنىڭ شان – شەرىپىنى ھەممىدىن ئۈستۈن بىلىدۇ، ئۇلار دەل يېڭى زاماندىكى ھەربىيلەر. مىللىي 6 – ليەن قاراشلىق تۇەننىڭ سىياسىي كومىسسارى شۈ خۇڭدو ئىپتىخارلانغان ھالدا شۇنداق دېدى.
6 – لىيەندە زىيارەتتە بولغاندا، ھەر مىللەت كوماندىر – جەڭچىلىرىنىڭ سىياسىي ئېڭىنىڭ ناھايىتى يۇقىرىلىقى، ئومۇمىي ۋەزىيەت قارىشىنىڭ ناھايىتى كۈچلۈكلۈكى، كوللېكتىپنىڭ شان – شەرىپىنى ناھايىتى قەدىرلەيدىغانلىقى، ھەممىسىنىڭ ئۆزىنىڭ كوللېكتىپى ئۈچۈن شان – شەرەپ كەلتۈرۈشنى ئويلايدىغانلىقىنى ھېس قىلدۇق.
6 – ليەندىكى كوماندىر – جەڭچىلەر ناھايىتى تىرىشچان
قارا قاش ۋە يوغان كۆزلۈك جەڭچى ئەكبەر ھۈسەن مۇنداق دېدى: ھەربىي سەپكە قاتنىشىشتىن بۇرۇن بىر ئېغىز خەنزۇچە بىلمەيتتىم. ھازىر، ئاڭلاش ۋە سۆزلەشنى بىلىپلا قالماستىن، يېزىشنىمۇ مەشىق قىلىۋاتىمەن. ليەنجاڭ ئېرلان خەمىد تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: گازارمىغا يېڭىدىن كىرگىنىمدە، 6 – ليەندە %65 تىن ئارتۇق جەڭچى خەنزۇچە سۆزلىيەلمەيتتى، بەزىلىرى ھەتتا نېمە دېگىنىنىمۇ ئۇقمايتتى. خەنزۇچە سەۋىيىسى ئانچە يۇقىرى بولمىغاچقا، پىكىر ئالماشتۇرۇش بىر قەدەر قىيىن بولدى. جەڭچى ھەربىيلىككە قاتنىشىپ گازارمىغا كەلگەندە، ئۇلارنىڭ مەجبۇرىيەت ئۆتىشىدىن باشقا، ئۇلارغا بىلىم ئۆگىتىش كېرەك، شۇڭا تىل توسالغۇسى كوماندىر – جەڭچىلەرنىڭ ساپا ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتىكى توسالغۇغا ئايلىنىپ قالماسلىقى كېرەك. شۇ سەۋەب بىلەن، ليەن ھەر ھەپتىدە ئىككى قېتىم يېرىم كۈندە ‹‹قوش تىل›› ئۆگىنىش ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلىپ دەرس ئۆتكۈزدى؛ بەن، پەيلەرگە خەت تونۇش ئاسما رەسىمى تارقىتىپ، ئۆگىنىش كەيپىياتى ھاسىل قىلدى؛ تىل سەۋىيىسىگە ئاساسەن ‹‹ئۈچ ياردەم›› گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، ‹‹كۈندە بىر خەت ئۆگىنىش، ھەپتىدە بىر ناخشا ئۆگىنىش، ئايدا بىر تېكىستنى ئۆگىنىش››نى قانات يايدۇردى ھەم ھەپتىنىڭ ئاخىرى ۋە دەم ئېلىش كۈنلىرىدىن پايدىلىنىپ ‹‹قوش تىل مۇسابىقىسى›› ئۆتكۈزۈپ، ‹‹قوش تىل›› كېچىلىكى ۋە ‹‹قوش تىل›› نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى ئۇيۇشتۇرۇپ، جەڭچىلەرنىڭ ‹‹قوش تىل›› ئۆگىنىش ئاكتىپلىقىنى قوزغىدى.
جەڭچى دۇسەن خالى ھەربىي سەپكە قاتناشقان ئىككى يىلدا، خەنزۇ تىلىنى جاپالىق ئۆگىنىپ، بىلمىگەنلىرىنى خەنزۇ ليەندىكى كوماندىر – جەڭچىلەردىن كەمتەرلىك بىلەن سورىدى. ھەربىيلىكتىن قايتىش ئالدىدا، ئۇ خەنزۇچە گېزىت ئوقۇيالايدىغان ۋە يازالايدىغان بولدى ھەم قازاق، ئۇيغۇر، خەنزۇ تىلىنى پىششىق ئىگىلىدى، ھەربىي سەپتىن قايتقاندىن كېيىن ئۇنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە مەكتىپى تەكلىپ قىلىپ ئىشلەتتى. ھەربىي رايوننىڭ ‹‹مۇنەۋۋەر شىگۈەن ئىختىساسلىرى مۇكاپاتى››غا ئېرىشكەن ئېلى ئىبراھىم ليەندىكى كوماندىر – جەڭچىلەرنىڭ ئورتاق ياردىمى ۋە ئۆز تىرىشچانلىقى بىلەن، ھەربىي سەپكە قاتناشقان ئىككى يىلدا خەنزۇچىنى ئوقۇيالايدىغان ۋە يازالايدىغان بولدى، ‹‹بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش دۆلەت قانۇنى›› تارقىتىلغاندىن كېيىن، ئۇ ئاكتىپلىق بىلەن دەم ئېلىش ۋاقىتلىرىدىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ،ھەر مىللەت كوماندىر – جەڭچىلىرىنىڭ تەڭ ئۆگىنەلمەسلىك قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلدى. ھازىر، 6 – ليەندىكى%59 تىن ئارتۇق جەڭچى خەنزۇچىنى ئوقۇيالايدۇ ۋە يازالايدۇ، كوماندىر – جەڭچىلەرنىڭ ئۆگىنىپ ئۇتۇق قازىنىش پائالىيىتى ئەۋج ئېلىشى ئادەتكە ئايلاندى، 30 كوماندىر – جەڭچى خەنزۇ تىلى سالاھىيەت ئىمتىھانىدىن ئۆتتى.
ليەن ئوخشاش بولمىغان مىللەتتىكى كوماندىر – جەڭچىلەر ئارىسىدا ‹‹ئۈچ ياردەم›› گۇرۇپپىسى تەسىس قىلىپ، كوماندىر – جەڭچىلەرنى تۇرمۇش، خىزمەت، مەشىقتە ئۆزئارا ياردەم بېرىش، ئۆزئارا غەمخورلۇق قىلىش، سەپداشلىرىنى قېرىندىشى، دەپ بىلىش، ليەننى ئۆيى، دەپ بىلىشكە يېتەكلىدى.
تىل توسالغۇسىنى يەڭگەندىن كېيىن، كوماندىر – جەڭچىلەر يېڭى بىر ‹‹بۆسۈش››كە ئاتلاندى،%80 كوماندىر – جەڭچى تولۇق كۇرس ۋە مەخسۇس كۇرس ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ئىمتىھانىغا قاتناشتى، ليەن كوماندىر – جەڭچىلەر تەرىپىدىن ‹‹ئۆگىنىپ ئۇتۇق قازىنىشتىكى بۆشۈك›› دەپ تەرىپلەندى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ليەندىكى 143 كوماندىر – جەڭچى ھەربىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىپ ئۆتتى ياكى كادىرلىققا ئۆستۈرۈلدى، 78 كىشى يىڭ دەرىجىلىك ئىش ئورنىغا چىقتى، 300 گە يېقىن كىشى پارتىيە تەشكىلاتىغا قاتناشتى، 240 تىن ئارتۇق ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ۋە كەسىپ ئالماشتۇرغان ئەسكەر يەرلىك ئىدارىلەر تەرىپىدىن خىزمەتكە قوبۇل قىلىندى. جەڭچى روزى تۇرغۇن: ‹‹6 – ليەندە ئەسكەر بولغاندا ياخشى ئەسكەر بولۇش، يەرلىكتە خىزمەت قىلغاندا ئاۋانگارت بولۇش كېرەك›› دېدى.
6 – ليەننىڭ ھەربىي مەشىقى ناھايىتى جاپالىق. مەيلى يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگان، مەيلى قېرىنداش ليەنلەردە 6 – ليەننىڭ ھەربىي مەشىقى تىلغا ئېلىنسا، باشمالتىقىنى چىقىرىپ ماختىمايدىغىنى يوق. شىگۈەن ئېلى ئىبراھىمنىڭ ھەربىي ساپاسى يۇقىرى بولۇپلا قالماستىن، مەشىق ئۇسۇلى ۋە ماھارىتى جەھەتتە پائال ئىزدىنىدۇ. ئۇ دەم ئېلىش ۋاقىتلىرىدىن پايدىلىنىپ بەش مەشىق كىتابىنى تەرجىمە قىلدى، 100 مىڭ خەتلىك مەشىق تەسىرات ماقالىسى يېزىپ چىقتى. ئۇ 400 مېتىرغا توساقتىن ئۆتۈش مەشىقى ماھارىتىنى خۇلاسىلەش ئۈچۈن، ھەر كۈنى توساقتىن ئۆتۈش مەيدانىغا بېرىپ نەچچە رەت يۈگۈرۈپ، قايتا – قايتا بېشىدىن كەچۈرۈپ، ليەننىڭ 400 مېتىرغا توساقتىن ئۆتۈش مەشىقى نەتىجىسىنى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 11 سېكۇنت يۇقىرى كۆتۈردى. ئېلى ئىلمىي مەشىق قىلىپ، ئىپادىسى گەۋدىلىك بولغاچقا ئۈچ قېتىم 3 – دەرىجىلىك تۆھپە ياراتتى، 2006 – يىلى لەنجۇ ھەربىي رايونى تەرىپىدىن ‹‹مۇنەۋۋەر شىگۈەن ئىختىساسلىقلىرى مۇكاپاتى››غا ئېرىشتى.
ھەر يىلى يىلنىڭ ئاخىرىدا، كونا ئەسكەرلەرنىڭ ھەربىي سەپتىن چېكىنىش خىزمىتى باشلىنىشتىن بۇرۇن، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار تاقەتسىزلىك بىلەن 6 – ليەنگە ئادەم تاللىغىلى كېلىدۇ، كوماندىر – جەڭچىلەر يەرلىكنىڭ تالىشىدىغان ئىختىساسلىقلىرىغا ئايلاندى. يەرلىك پارتكوم، ھۆكۈمەت ۋە ئامما مىللىي 6 – ليەندىكى كوماندىر – جەڭچىلەرگە: ‹‹6 – ليەندىكىلەر بىر – بىرىدىن قېلىشمايدىغان ياخشى ئەسكەر، يەرلىككە بارغاندا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ نەمۇنىسى بولالايدۇ›› دەپ باھا بەردى.
|