|
24– ئاپرىل، چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 8 دىن 20 مېنوت ئۆتكەندە ، خەلقئارا چوڭ بازار 4 – بىنا 3 – قەۋەت دەرىزىسىدىن قويۇق ئىس – تۈتەك كۆتۈرۈلدى ، بازار خادىملىرى تېزلىكتە تىجارەتچىلەر ۋە ساياھەتچىلەرنى تارقاقلاشتۇردى ، ئاندىن ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى ئۇزۇن شوتا ئارقىلىق بىنا ئىچىدە قاپسىلىپ قالغان تىجارەتچىلەر ۋە ئوت كەتكەن نوقتىدا قاپسىلىپ قالغان 2 كىشىنى قۇتقۇزۇپ چىقتى ، ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرىنىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن قۇتقۇزۇشى ئارقىلىق ، زور ئوت 10 مېنوتتا ئۆچۈرۈۋېلىندى. ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونلۇق ئوت ئۆچۈرۈش چوڭ ئەترىتىنىڭ مەسلىھەتچىسى ئەكبەر قاسىمجان مۇنداق دېدى:‹‹ بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە ماي بايرىمىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، ساياھەتچىلىكنىڭ ئاۋات پەسلىمۇ يېتىپ كېلىدۇ، بۇ مانىۋېرنى ئۆتكۈزۈش خەلقئارا چوڭ بازارنىڭ ئوت ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇشتىكى ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى مەقسەد قىلىدۇ ››.
ئۈرۈمچى خەلقئارا چوڭ بازىرى 5 – ئايدىن باشلاپ، ھەر كۈنى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 10 مىڭدىن كۆپرەك ساياھەتچىنى كۈتۈۋالىدۇ. چوڭ بازاردىكى تىجارەتچى لى جيەنپىڭ مۇنداق دېدى: ‹‹ئوت ئۆچۈرۈش مانىۋېرى بىزنىڭ ئوتتىن مۇداپىئە كۆرۈش ئېڭىمىزنى ئۆستۈردى، بىز ئادەتتە كۆپ تەرەپتىن ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىز كېرەك ، دۇكانلىرىمىزدا ئوت ئۆچۈرۈش مۇئەسسەسەلىرى بولسىمۇ، لېكىن ئاسان ئوت ئالىدىغان نەرسىلەرمۇ بولغاچقا ، بۇلۇڭ – پۇچقاقلارنىڭ دائىملىق تازىلىقىغا ئەھمىيەت بېرىپ ، ئاسان ئوت ئالىدىغان بۇيۇملارنىڭ ئوت ئېلىپ كېتىشىدىن ساقلىنىشىمىز كېرەك ››.
|