|
تەپتىش تارماقلىرى ئالدىنقى ئۈچ يىلدا يۈز بەرگەن نىمكەش ئۆي سودىسىدىكى ئالدامچىلىق دېلولىرىنى ئانالىز قىلغاندىن كېيىن ئېلان قىلغان دوكلاتتا مۇنداق دىيىلدى: نىمكەش ئۆي سودىسىدىكى ئالدامچىلىق دېلولىرى ‹‹ ساختا ئەرزان باھادا سېتىش››، ‹‹ساختا ئۆي ئىگىسى بولىۋېلىپ سېتىش›› ۋە ‹‹ ئۆي خېتى ھەقىقى بولسىمۇ، ئۆينى ساختا سېتىش›› قاتارلىق ئۆچ خىلغا بۆلىنىدۇ. ‹‹ ساختا ئەرزان باھادا سېتىش›› دېلولىرى ئۆي باھاسى قىممەت رايونلاردا كۆپ يۈز بەرگەن بولۇپ، ئومۇمىي دېلونىڭ %44 نى ئىگىلىگەن؛ ‹‹ ساختا ئۆي ئىگىسىنىڭ ئۆي سېتىش دېلوسى››ۋاقىتلىق تۇرىۋاتقان ئۆينى، ئىجارە ئالغان ئۆينى سېتىۋېتىش، ئۆيلەرنى ئالدىن سېتىش قاتارلىق ئۈچ تۈرگە بۆلۈنگەن بولۇپ، نىمكەش ئۆي سودىسىدىكى ئالدامچىلىق دىلوسىنىڭ %48 نى ئىگىلىگەن؛ ‹‹ ئۆي خېتى ھەقىقى بولسىمۇ، ئۆينى ساختا سېتىش›› دېلوسى ئومومىي دېلونىڭ %8 نى ئىگىلىگەن.
تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ دوكلاتىدا يەنە مۇنداق دېېيىلىدۇ: ‹‹ ئۆي خېتى ھەقىقى، ئەمما ئۆينى ساختا سېتىش دېلوسى›› بىر خىل يېڭى پەيدا بولغان ئالدامچىلىق ئۇسۇلى بولۇپ، ۋاستىسى ئىنتايىن يۇشۇرۇن بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە. شۇڭا ئۆي سېتىۋالغۇچى ئالاھىدە ھۇشيار بولمىسا بايقىيالمايدۇ. نىمكەش ئۆي سودىسىغا چېتىلىدىغان پۇل كۆپ، ئەمما ئالدامچىلىقنى بىلگەندىن كېيىن پۇلنى قايتۇرۋالماق قىيىن. شۇڭا ئۆي سېتىۋالغۇچى ئۆي سودىسى داۋامىدا ھەسىلەپ ئېھتىيات قىلمىسا بولمايدۇ. نىمكەش ئۆي سودىسىدا سېتىۋالغۇچى چوقۇم مۇنداق ئۈچ تەرەپكە دېققەت قىلىشى لازىم:
1. ئۆينىڭ ئىگىدارلىق ھوقوقى گۇۋاھنامىسىنىڭ ھەقىقىلىقىنى ئالاھىدە قاتتىق تەكشۈرۈش. ئالدى بىلەن ئۆينىڭ ئىگىدارلىق ھوقوقىنى تىزىملايدىغان ئورۇنغا بېرىپ سېتىۋالماقچى بولغان ئۆينىڭ ئىگىدارلىق گۇۋاھنامىسىنىڭ ھەقىقى ياكى ساختىلىقىنى تەكشۈرۈش، ئۆي ساتقۇچىنىڭ رويخەتكە ئالدۇرغۇچى ئىكەنلىكىنى دەلىللەش، سېتىۋالماقچى بولغان ئۆينىڭ رەنىگە قويۇلغان، قويۇلمىغانلىقىنى ئىنىقلاش؛
2. ئۆي ساتقۇچىنىڭ سالاھىتى بىلەن ئۆي سېتىش ھوقوقى بار ـ يوقلۇقىنى تەكشۈرۈش، ئۆي ساتقۇچىنىڭ خىزمەت ئورنى ۋە ئۆي ئەتراپىدىكى خوشنىلاردىن ئۆي ساتقۇچىنىڭ سالاھىتىنى ئىگىلەش؛
3. ۋاكالىتەن ساتقۇچىغا ۋە ئۇنىڭ قۇلىدىكى ۋاكالەتچىلىك ھوقوقى گۇۋاھنامىسىغا يىنىكلىك بىلەن ئىشەنمەسلىك، ھاۋالە قىلغۇچىنىڭ ئۆزى بىلەن ئالاقىلىشىش لازىم؛
|