|
‹‹ئەسلىدە بېيجىڭ ئو ت م نىڭ باشلىنىش مۇراسىمىنى تېلېۋىزوردىن كۆرىمەن دەپ ئويلىغانىدىم، نەق مەيداندا كۆرۈش خىيالىمغىمۇ كەلمىگەنىدى››، دېدى، 18 ياشلىق ئۇيغۇر يىگىتى كامالتۈرەك يالقۇن ھاياجانلانغان ھالدا.
بۇ تەلەيلىك يىگىت ئۈرۈمچى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ 2 – يىللىقنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولۇپ، ئۇنىڭغا ئوخشاش بېشىغا ئامەت قۇشى قونغانلاردىن يەنە ئۈرۈمچى ‹‹1 – ئاۋغۇست›› ئوتتۇرا مەكتىپى تولۇق 2 – يىللىقنىڭ ئوقۇغۇچىسى جاڭ خاڭمۇ بار.
مۇخبىرنىڭ 1 – ئاپرېل ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، كامالتۈرەك يالقۇن بىلەن جاڭ خاڭ ئولىمپىك ياشلار لاگېرىنىڭ ئەزالىقىغا تاللانغان. ئۇلار شىنجاڭدىكى ياشلار، ئۆسمۈرلەرگە ۋاكالىتەن بېيجىڭ ئو ت م ياشلار لاگېرىغا قاتنىشىدىكەن، مەملىكەت بويىچە 64 ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بۇ شەرەپكە ئېرىشكەن.
كامالتۈرەك بېيجىڭغا بېرىپ باقمىغان بولۇپ، بىر نەچچە ئايدىن كېيىنكى ئولىمپىك سەپىرى تىلغان ئېلىنغان ھامان ھاياجانلىنىپ كەتتى. ئۇ ياشلار لاگېرىنىڭ 5 – ئاۋغۇستتىن 18 – ئاۋغۇستقىچە مول مەزمۇنلۇق تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى ئېيتتى. كامالتۈرەك مۇنداق دېدى: ‹‹ھەرقايسى ئەللەردىن كەلگەن ياشلار بىلەن بىللە پائالىيەت ئۆتكۈزىمىز، مەن جۇڭگو ياشلىرىنىڭ ۋەكىلى بولۇش سۈپىتىم بىلەن جۇڭگو ياشلىرىنىڭ روھىي قىياپىتىنى نامايان قىلىپلا قالماي، يەنە كۆپچىلىككە شىنجاڭنىڭ تەبىئىي شارائىتى، ئۆرپ – ئادىتى، جۇغراپىيىلىك ئەھۋالى ۋە مىللەتلەرنىڭ ئىناق، بەختلىك تۇرمۇشىنى تونۇشتۇرىمەن. مەن توردىن نۇرغۇن ماتېرىيال يىغدىم، كۈندە ئۆگىنىۋاتىمەن. ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن يەنە دەم ئېلىش كۈنلىرى ئىنگلىز تىلى كۇرسىغا قاتنىشىۋاتىمەن››.
يېقىندا، كامالتۈرەك يەنە ئولىمپىك مەشئىلىنى يەتكۈزگۈچى بولۇپ تاللاندى، بېيجىڭدا ئولىمىپىك مەشئىلىنى يەتكۈزۈشكە قاتنىشىدۇ. مەملىكەت بويىچە پەقەت 16 ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بۇ شەرەپكە ئېرىشكەن.
|