باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىجتىمائىي خەۋەرلەر
‹‹بايلىق››ژۇرنىلى باھالىغان500 كۈچلۈك كارخانىنىڭ بىرى بولغان EMC شىركىتى شىنجاڭغا كىردى
2008- 04- 25 11:32 شىنجاڭ گېزىتى

       خەلقئارا ئۇچۇر ئاساسى رامكا تېخنىكىسى بىلەن ھەل قىلىش لايىھىسىنى ئاچقۇچى ھەم تەمىنلىگۈچى EMC شىركىتى ئاپتونوم رايونىمىزغا كىردى، بۇ شىركەتنىڭ تارماق شىركىتى يېقىندا ئۈرۈمچى شەھىرىدە قۇرۇلدى.

       EMC شىركىتىنىڭ جۇڭگو رايونى لىدىرى يې چىڭخۇي مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل  قىلغاندا مۇنداق دېدى: ئۈرۈمچى شەھىرىدە تارماق شىركەت تەسىس قىلىش غەربىي رايون بازىرىنى ئېچىشتىكى مۇھىم ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ بىرى بولۇپ،EMC  شىركىتى ھازىرقى ھۆكۈمەت، تېلېگراف، پۇل – مۇئامىلە قاتارلىق ساھەلەرگە بولغان قاپلىنىش نىسبىتىنى كۈچەيتىپ، نۇقتىلىق ھالدا ئېنېرگىيە ساھەسى بازىرىنى ئېچىپ،EMC  شىركىتىنىڭ خەلقئارادىكى ئىلغار ئۇچۇر باشقۇرۇشنى ھەل قىلىش لايىھىسى ئارقىلىق شىنجاڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئاممىۋى ئىشلار ۋە كەسپىي خېرىدارلارنىڭ ئۇچۇر توپلاش ۋە باشقۇرۇش ئىشلىرىنى تېخىمۇ ياخشى قىلىشىغا، شىنجاڭنىڭ ئۇچۇرنى ئىستراتېگىيىلەشتۈرۈشىگە ياردەم بېرىدۇ. تارماق شىركەت يەنە غەربىي شىمال رايونىدا كەسپىي ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

       يې چېڭخۇي مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ ئۇچۇرلاشتۇرۇش تەرەققىياتىنى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە سېلىشتۇرغاندا، ئىختىساسلىقلار تەرەپتە مەلۇم پەرق بار، شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ياردەملىشىپ ئۇچۇر پەن – تېخنىكا ئىختىساسلىقلارنى تەربىيىلەپ بېرىش ئۈچۈن، EMC  شىركىتى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن EMC  ئىنستىتۇت ھەمكارلىق پىلانىنى تۈزۈپ، EMC  شىركىتىنىڭ خەلقئارا پاراۋانلىق مائارىپ دەرسلىكىنى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا تەقدىم قىلىپ، ئۇنى رەسمىي دەرسلىك قاتارىغا كىرگۈزۈپ، يۇقىرى يىللىق تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تاللاپ ئوقۇيدىغان دەرسلىكى قىلىش، بۇنىڭدىن باشقا، EMC شىركىتى يەنە ئورتاق ھالدا پراكتىكانت بازىسى قۇرۇش، ئىلمىي تەتقىقات جەھەتتە پىكىر ئالماشتۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن تېخىمۇ كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىشىدۇ.

       EMC شىركىتى 1979 – يىلى ماسساچۇسېتس شتاتىتىنىڭ خوپكىن شەھىرىدە قۇرۇلغان. 1996 – يىلى دۆلىتىمىزگە كىرگەن، ھازىر بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجۇ، چېڭدۇ، نەنجىن قاتارلىق شەھەرلەردە تارماق شىركەت قۇردى. 2007 – يىلى ‹‹بايلىق›› ژۇرنىلى ئامېرىكىدىكى بايلىقى ئەڭ كۆپ 500 شىركەتنى باھالىغاندا بۇ شىركەت 224 ئورۇندا تۇرغان.
 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ