باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>پەن–مائارىپ
ئاپتونوم رايونىمىز‹‹قوش تىل››ئوقۇتۇشىدا يىراق مۇساپىلىك، ماس قەدەملىك بىۋاسىتە ئاڭلىتىشنى يولغا قويدى
2008- 04- 25 11:08 شىنجاڭ گېزىتى

      

    2008 – يىللىق ئاپتونوم رايون بويىچە ‹‹قوش تىل›› دەرسخانا ئوقۇتۇشىدىن ئۈلگە كۆرسىتىش ئېيى (ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە) يىراق مۇساپىلىك، ماس قەدەملىك بىۋاسىتە ئاڭلىتىش پائالىيىتى 24 – ئاپرېل  ئۈرۈمچىدە باشلاندى. ‹‹شىنجاڭ يىراق مۇساپىلىك مائارىپ تورى›› غا ئۇلىنىش ئارقىلىق شىنجاڭ بويىچە 15 ۋىلايەت، ئوبلاستتىكى تورغا چىقىش شارائىتىنى ھازىرلىغان ‹‹قوش تىل›› مەكتەپلىرىدە يۇقىرى سەۋىيىلىك ‹‹قوش تىل››دا ئۈلگە كۆرسىتىش دەرسنى بىۋاسىتە كۆرۈپ ۋە ئۆگىنىپ، دەرس ئۆتۈۋاتقان ئوقۇتقۇچى ۋە مۇتەخەسسىسلەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇرغىلى بولىدۇ. بۇ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتۇشىدا يېڭى قەدەم تاشلىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

ئوقۇغۇچىلار ‹‹قوش تىل ››ئوقۇتۇشىدىكى يىراق مۇساپىلىك بىۋاستە ئاڭلىتىش دەرسىدە

       بىۋاسىتە ئاڭلىتىش پائالىيىتى  ئۈچ ئاي داۋاملىشىپ، 20 – ئىيۇن ئاخىرلىشىدۇ. بۇ پائالىيەت ئىككى تۈرگە ئايرىلىدۇ: بىرىنچىسى، ئاپتونوم رايون يىراق مۇساپىلىك، ماس قەدەملىك بىۋاسىتە ئاڭلىتىلىدىغان ئۈلگە كۆرسىتىش دەرسىنى تەشكىللەپ، يىراق مۇساپىلىك، ماس قەدەملىك ئوقۇتۇشنى بىۋاسىتە ئاڭلىتىش، ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش، چىگىش نۇقتىلارغا  جاۋاب بېرىش قاتارلىق شەكىللەردە قانات يايدۇرۇلىدۇ. ئىككىنچىسى، قىسمەن ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر يىراق مۇساپىلىك، ماس قەدەملىك بىۋاسىتە ئاڭلىتىشنى كۆرۈش دەرسىنى تەشكىللەپ يولغا قويىدۇ.

       ھازىر ئاپتونوم رايون بويىچە 86 ناھىيە، شەھەردىكى 6000دىن ئارتۇق ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ %84 ىدە زامانىۋى يىراق مۇساپىلىك مائارىپ ئەندىزىسى بەرپا قىلىندى. ‹‹شىنجاڭ يىراق مۇساپىلىك مائارىپ تورى›› سۇپىسى ئارقىلىق، شىنجاڭ ئېلېكترلەشكەن مائارىپ سارىيى ئاپتونوم رايون بويىچە 25 ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇتۇشنى بىۋاسىتە ئاڭلىتىش دەرسخانىسى، 500 بىۋاسىتە ئاڭلىتىش دەرسى ئاڭلاش نۇقتىسى ۋە 1500 توردا تەلەپ قىلىپ ئاڭلاش نۇقتىسى قۇرۇپ، ئوقۇتۇش بايلىقىنى ئۆز ئارا ئالماشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى.
 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ