|
‹‹خەلق گېزىتى›› مۇخبىرى ۋاڭ خۇيمىن خەۋەر قىلىدۇ: بۇ يىل ئەتىيازدا ‹‹غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش›› قۇرۇلۇشىدىكى خۇش خەۋەر شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى سۆيۈندۈردى، ئالدى بىلەن ‹‹غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش›› قۇرۇلۇشىنىڭ ئىككىنچى لىنىيىسىدە ئىش باشلاندى، ئارقىدىن ‹‹غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش›› قۇرۇلۇشىدىكى يەنە بىر ئاساسلىق نېفىتلىك — دىنار 2 – نېفىتلىكىگە ئۇل سېلىندى. بىراق، شىنجاڭلىقلارنى ئەڭ خۇشال قىلغىنى ‹‹غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش›› قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلغاندىن بۇيانقى تۈرلۈك پايدىلار بولۇپ، بۇلار شىنجاڭنىڭ ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، يەرلىكنىڭ ئېكولوگىيىسىنى ياخشىلاپلا قالماي، يەنە يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىنىڭ تېز سۈرئەتتە راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولدى، قەيەردە گازلىق تېپىلسا، شۇ يەر ئەڭ بۇرۇن نامراتلىقتىن قۇتۇلدى.
‹‹غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش›› قۇرۇلۇشىدا 2002 – يىل 7 – ئاينىڭ 4 – كۈنى ئىش باشلانغانىدى. شەرقتىن غەربكە كېسىپ ئۆتىدىغان بۇ چوڭ ئېنېرگىيە تومۇرى ئالدى بىلەن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە مەنپەئەت يەتكۈزدى. تارىم نېفىتلىكى 1 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ئويمانلىقتا ئوتتۇرا، كىچىك گازلىق ئېچىشنى تېزلەتتى ھەم مەملىكەت بويىچە ئەڭ تۆۋەن باھادا يەرلىك خەلققە سېتىپ بەردى. 2004 – يىلىنىڭ ئاخىرىدا، خوتەن دەرياسى نېفىتلىكى ئالدى بىلەن خوتەننى گاز بىلەن تەمىنلىدى؛ شۇنىڭدىن كېيىن، ئاقموم نېفىتلىكى، يېڭىمەھەللە نېفىتلىكىمۇ قۇرۇلدى ھەم ئەتراپتىكى شەھەر، يېزىلارنى گاز بىلەن تەمىنلىدى. شۇنداق قىلىپ، تەكلىماكان قۇملۇقى ئەتراپىغا جايلاشقان ئۈچ ۋىلايەت، ئىككى ئوبلاستنىڭ ھەممىسىگە ئەلا سۈپەتلىك تەبىئىي گاز يەتكۈزۈلدى.
تەبىئىي گازنىڭ ئائىلىلەرگە كىرىشى شۇ جاينىڭ ئېكولوگىيىسىنىڭ كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىشىغا تۆھپە قوشتى. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، ئىككى ئوبلاست قۇرغاق، يامغۇر ئاز ياغىدۇ، ئېكولوگىيىسى ئاجىز. ئىلگىرى ئاھالىلەر توغراق، يۇلغۇن كېسىپ قالايتتى. خوتەن ۋىلايىتىدىلا يىلىغا 500 مىليون كىلوگرام يېپىنچا ئۆسۈملۈك ۋەيران بولاتتى. يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ۋەيران بولۇشى ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنىڭ ناچارلىشىشىنى كۈچەيتىۋەتكەنىدى. مېتېئورولوگىيە تارماقلىرىنىڭ كۆزىتىشىگە ئاساسلانغاندا، خوتەن ۋىلايىتىدە ئايدا ھەر كۋادرات كىلومېتىر يەرگە 124 توننا توپا ياغىدىكەن. تەبىئىي گازنىڭ ئائىلىلەرگە كىرىشىگە ئەگىشىپ، ئون يىلدىن كېيىن، خوتەن ۋىلايىتىدە ياغىدىغان توپا مىقدارىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمى ئازىيىدىكەن.
‹‹غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش›› قۇرۇلۇشى يەرلىكنىڭ قاتناش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى. ئۆتمۈشتە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى كۆپلىگەن چەت رايونلاردا تاشيول يوق ئىدى، نېفىت قۇدۇق جازىسىنىڭ چۆل – جەزىرىلەردە قەد كۆتۈرۈشىگە ئەگىشىپ، تاشيوللارمۇ چۆل – باياۋانلارغىچە سوزۇلدى. ھازىر نېفىتلىكنىڭ قۇملۇقتا ياسىغان تاشيولى ۋە نېفىت تۇرۇبىسىغا يانداش يولنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 2000 كىلومېتىردىن ئاشىدۇ.
نېفىت ۋە تەبىئىي گاز زامانىۋى سانائەتنىڭ جان تومۇرى. ‹‹قازان بېشىدا بولساڭ، ئاغزىڭ ئاسان ئاشقا تېگىدۇ›› دېگەندەك، شىنجاڭدا نېفىت گازىنى باشلامچى قىلغان نېفىت خىمىيە سانائىتى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى. ئىلگىرى كورلىنىڭ سانائىتى توغرىسىدا گەپ بولسا، كىشىلەر قىزىقچىلىق قىلىپ: ‹‹يېنىك سانائەت دېگىنى تور ئېتىش، ئېغىر سانائەت دېگىنى ئات تاقىلاش››، دەيتتى. مانا بۈگۈن كورلا نېفىت خىمىيە باغچىلاشقان سانائەت رايونى، ‹‹تيەنيۈەن›› نېفىت خىمىيىسى، ‹‹دۇڭجېن›› مېتانول، ‹‹شياڭرۇي›› يېنىك گىدروكاربون، ‹‹ماركور›› سانائىتى قاتارلىق چوڭ كارخانىلار چۆل – باياۋاندا پەيدا بولدى. بۇنىڭ بىلەن پەقەت بۇ باغچىلاشقان رايونىدىنلا يىلىغا سېتىشتىن 10 مىليارد يۈەنگە يېقىن كىرىم قىلىندى.
‹‹غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش››نىڭ تۈرتكىسىدە يۈكسەلگەن رايون پەقەت كورلىلا ئەمەس. يەنە كۇچا، بۈگۈر، پوسكام، باي قاتارلىقلار بار. ئۆتمۈشتىكى نامرات بۇ ناھىيىلەر بىر سەكرەپلا مالىيىسى خېلى ياخشى ناھىيىلەرگە ئايلاندى. ئەڭ يېڭى ستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، ھازىر شىنجاڭنىڭ نېفىت ۋە تەبىئىي گاز پىششىقلاش ئىقتىدارى 20 مىليون توننىغا يېتىپ، نېفىت ۋە تەبىئىي گاز سانائىتى شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ تۈۋرۈك كەسىپكە ئايلانغان، نېفىت ۋە تەبىئىي گاز سانائىتى قوشۇلما قىممىتى كۆلەملەشكەن سانائەت قوشۇلما قىممىتىنىڭ %60ىنى ئىگىلىگەن.
يۇقىرىقى ئۆزگىرىشلەردىن باشقا، شىنجاڭ ئاھالىلىرى يەنە مۇنداق تەسىراتقا ئىگە بولدى: ‹‹غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش›› قۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئاسانلاشتى. نەچچە يىلدىن بۇيان، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدا يىلىغا %18 ئىشچى – خىزمەتچى كۆپەيدى.
|