باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىجتىمائىي خەۋەرلەر
بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزدىن 30 دىن كۆپرەك خادىم ھۆكۈمەتنىڭ ئالاھىدە تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولىدىغانلار قاتارىغا يېڭىدىن كىرىدۇ
2008- 04- 24 13:06 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

     شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كادىرلار نازارىتى ئاچقان 2008 - يىللىق ھۆكۈمەتنىڭ ئالاھىدە تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولىدىغانلارنى تاللاش، باھالاش يىغىنىدىن ئىگىلىنىشىچە ،  بۇ، ھۆكۈمەتنىڭ ئالاھىدە تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولىدىغانلارنى تاللاش، باھالاش پائالىيىتىدىكى خادىم سانى ئەڭ كۆپ بولغان بىر قېتىملىقى ھېسابلىنىدىكەن.
      1990 - يىلى گوۋۇيۈەن ھۆكۈمەتنىڭ ئالاھىدە تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولىدىغانلارنى تاللاش، باھالاش تۈزۈمىنى  يولغا قويغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدا 956 نەپەر مۇنەۋۋەر ئالىي كەسپىي تېخنىك خادىم گوۋۇيۈەننىڭ ئالاھىدە تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولىدىغانلار قاتارىغا كىردى. ئۇنىڭغا بۇ يىل يېڭىدىن كۆپەيگەنلەرنى قوشقاندا ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە گوۋۇيۈەننىڭ ئالاھىدە تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولىدىغانلارنىڭ سانى بىر مىڭغا يېقىنلاشتى.
       ئىلگىرى ئاپتونوم رايونىمىزدا ھۆكۈمەتنىڭ ئالاھىدە تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولدىغانلار ئاساسلىقى كارخانا، كەسپىي ئورۇنلاردىكى كەسپىي تېخنىكا خىزمىتى بىلەن شوغۇللىنىدىغان، قۇرۇلۇش تېخنىكىسى، يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسى، داۋالاش - سەھىيە، مائارىپ، تەبىئىي پەنلەر تەتقىقاتى، ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى قاتارلىق 6 ساھەدە زور تۆھپە قوشقان ۋە گەۋدىلىك نەتىجە ياراتقان يۇقىرى قاتلاملىق كەسپىي تېخنىكا خادىملىرى ئارىسىدىن تاللىناتتى. بۇ يىلدىن باشلاپ، يۇقىرى تېخنىكا ماھارىتىگە ئىگە ئىختىساس ئىگىلىرى ھۆكۈمەتنىڭ ئالاھىدە تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولدىغانلارنى تاللاش دائىرىسىگە تۇنجى قېتىم كىرگۈزۈلدى.
      ئاپتونوم رايونلۇق كادىرلار نازارىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەتنىڭ ئالاھىدە تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولىدىغانلارنى تاللاش، باھالاش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش -كەسپىي تېخنىكا ئىختىساس ئىگىلىرىنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا ئۆزىنى بېغىشلاش  روھىغا كۈچلۈك مەدەت بەردى. ھەمدە ‹‹ بىلىمگە ھۆرمەت قىلىش، ئىختىساس ئىگىلىرىگە ھۆرمەت قىلىش›› تەك ياخشى ئىجتىمائىي كەيپىياتنىڭ  شەكىللىنىشىگە كۈچلۈك تۈرتكە بولدى.

 

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ