|
شىنجاڭ بويىچە تۇنجى ئېلېكتر ئىستانسىسىنى گۈڭگۈرتسىزلەشتۈرۈش تۈرى شىنجاڭ ‹‹خۇادىيەن›› ۋېيخۇلياڭ ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ 2×150 مىگاۋاتلىق ئىسسىقلىق ۋە توكنى بىرلىكتە ئىشلەپچىقىرىش گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنى گۈڭگۈرتسىزلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىدا 22 – ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن ئىش باشلاندى، بۇ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ‹‹11 – بەش يىل››دىكى كۆمۈر قالىنىدىغان ئېلېكتر ئىستانسىلىرىنى گۈڭگۈرتسىزلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنىڭ رەسمىي باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى كۈرەش مەخسۇت قۇرۇلۇشقا ئۇل سېلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
كۈرەش مەخسۇت مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسىدا كۆمۈر ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ، كۆمۈر كۆيدۈرۈش ئاتموسفېرانىڭ بۇلغىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسىي سەۋەب، كۆمۈر قالىنىدىغان ئېلېكتر ئىستانسىلىرى گۈڭگۈرتⅣ ئوكسىدى قويۇپ بېرىدىغان ئاساسىي مەنبە بولۇپ، گۈڭگۈرتⅣ ئوكسىدىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ۋەزىپىسى ئىنتايىن جاپالىق. ۋېيخۇلياڭ ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ گۈڭگۈرتسىزلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى پۈتكەندىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ‹‹كۆك ئاسمان›› قۇرۇلۇشى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئېنېرگىيە تېجەپ بۇلغىما قويۇپ بېرىشنى ئازايتىشىدا پائال تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ.
|