|
ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونىدىكى ‹‹چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇپ كىرگەنلەرنىڭ ئىگىلىك تىكلەش سارىيى››نىڭ 7 – قەۋىتىدە ياڭرىغان ‹‹ئامىنە مارشى›› پۈتۈن بىنانى لەرزىگە سېلىپ، يىراقلارغا تارالدى. ‹‹ئامىنە›› شىركىتىدىكىلەر ھەر كۈنى ئەتىگەن سائەت 8 دە ‹‹ئامىنە مارشى››نى ئېيتىپ، ‹‹يوقلىما››دىن ئۆتەتتى. ئەمەتجان نامەت ‹‹مارش››تىن كېيىن، ئۆزىنىڭ ئىشخانىسىغا كىرگىنىدە، ساقلاپ تۇرغان مۇخبىرلار ئۇنى ئورۇۋالدى. ئەمەتجان نامەت ھازىر ئاددىي بىر يەككە تىجارەتچى ئەمەس ئىدى، ئۇ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئۆزگىچە كارخانا مەدەنىيىتى ۋە كارخانا ئوبرازى ياراتقان داڭلىق كارخانىچى سۈپىتىدە تونۇلۇشقا باشلىغانىدى.
ئەمەتجاننىڭ دادىسى يوپۇرغا ناھىيىسىدىكى داڭلىق ئاشپەز بولۇپ، ناھىيە بازىرىدا بىرنەچچە ئاشخانىسى بار ئىدى. دادىسىنىڭ تەسىرىدە ئەمەتجاندا كىچىكىدىنلا تىجارەت ئېڭى يېتىلىشكە باشلىدى. ئۇ 17 يېشىدا تىجارەتكە كىرىشىپ، دەسلەپتە ئاشخانا ئاچتى، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90 – يىللىرىدىن باشلاپ ئۈرۈمچىدە ئېلېكتر سايمانلىرى سودىسى بىلەن شۇغۇللاندى، كېيىنچىرەك تىجارىتىنى قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستانلارغا كېڭەيتتى.
ئەمەتجاننىڭ تىجارىتى تازا روناق تاپقان مەزگىللەردە، يەنى 2000 – يىلى 5 – ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى ئامىنە خانىمنىڭ تەشەببۇسى بىلەن ئۈرۈمچىدە ئۈچ پايچى ھەمكارلىقىدىكى شىنجاڭ ئامىنە ئالاھىدە يېزا ئىگىلىك يۇقىرى پەن – تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى قۇرۇلۇپ، ‹‹ئامىنە›› ماركىسىنى ئەنگە ئالدۇردى ۋە ئۆزلىرى تەتقىق قىلىپ ئىشلەپ چىقارغان نوقۇت تالقىنى، جىگدە قۇۋۋەت تالقىنى، پۇرچاق ئۇيۇتمىسى، ئۇن پىشۇرۇقلىرى، كولا، قەھۋە تۈرىدىكى مەھسۇلاتلارنى بازارغا سالدى. بۇ مەھسۇلاتلار خەلقىمىزنىڭ ئىستېمال ئادىتىگە ماس كېلىدىغان يۇقىرى ئوزۇقلۇق، ئىستېمال قىممىتىگە ۋە خېلى يوشۇرۇن بازار كۈچىگە ئىگە بولغانلىقتىن، شىركەتنىڭ دەسلەپكى مەزگىللەردىكى ئىشلەپچىقىرىش ۋە تىجارەت ئەھۋالى خېلى ياخشى بولغان بولسىمۇ، ئەمما، شېرىكلەشكەن ئۈچ پايچىنىڭ ھەممىسىلا يېڭىدىن ئىگىلىك تىكلىگەن، كارخانا باشقۇرۇش تەجرىبىسى كەمچىل بولغاندىن سىرت،يېتەرلىك مەبلەغ بولمىغاچقا، شىركەت بۆسۈش خاراكتېرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلمىدى.
2002 – يىلى 4 – ئايدا ئەمەتجان 250 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، شىركەتكە شېرىك بولدى. شۇ يىلى 9 – ئايدا ئۇ شىركەتنىڭ ئەڭ چوڭ پايچىسى غەيرەت تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ قولىدىكى 800 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى% 53.33 پاي چېكىنى سېتىۋېلىپ، شىركەتنى ‹‹ئۆتكۈزۈۋالدى››. ئۇزاق ئۆتمەي شىركەتنىڭ دەسلەپكى ئاساسچىلىرىدىن بىرى، شىركەت تەتقىقاتچىسى، پايچى ئامىنە خانىم قولىدىكى 135 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى% 9 پاي چېكى ۋە ‹‹ئامىنە›› ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ئەمەتجانغا ئۆتۈنۈپ بېرىپ، دۇكان ئايرىدى. شىركەتنىڭ يەنە بىر پايچىسى ئالىم ئەپەندىمۇ قولىدىكى 250 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى% 16.67 پاي چېكىنى ئەمەتجانغا ئۆتۈنۈپ بەردى.
— 79% پاي چېكىنى ئۆتكۈزۈۋېلىپ ئۇزاق ئۆتمەي، كىرىمىدىن چىقىمى كۆپ شىركەتكە ئىگە بولۇپ قالغانلىقىمنى ھېس قىلدىم، شىركەتنى قۇرغان پايچىلارنىڭ ئارقا – ئارقىدىن چېكىنىپ چىقىشى ئاساسسىز ئەمەس ئىكەن، دېدى ئەمەتجان شىركەتتىكى دەسلەپكى ۋاقىتلىرىنى ئەسلەپ.
ئەمەتجان پۇشايمان قىلدى. ئەمما، ئۇ كېچىككەن ئىدى، ئۇنىڭغا ئەمدى سالغان مەبلەغنى قايتۇرۇۋېلىش، تاللاش ئىمكانىيىتى قالمىغان بولۇپ، چېكىنىشكە يول يوق ئىدى. ئەنئەنىۋى سودا ئەندىزىسى بويىچە تىجارەت قىلىپ، يەككە تىجارەتچىلىكتىن خۇسۇسىي كارخانىچىغا ئايلانغان ئەمەتجاننىڭ ۋەيران بولۇش خەۋپى ‹‹قاش بىلەن كىرپىك ئارىلىقىدا›› كۆرۈنۈپ تۇرغان كارخانىنى باشقۇرۇپ كېتەلىشى، شىركەتكە ھاياتىي كۈچ بېغىشلىيالىشى قىيىن ئىدى.
ئەمەتجان شىركەت مۇدىرىيىتىنى يېڭىدىن تەڭشىدى، ئىختىساس ئىگىلىرىنى مۇھىم ئورۇنلارغا قويۇش، يۇقىرى مائاش بىلەن تەكلىپ قىلىپ ئىشلىتىش قاتارلىق بىر قاتار تەدبىرلەرنى قوللاندى. شىركەتنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى ۋە بازارنى ئىنچىكە كۆزىتىش ئارقىلىق، شىركەتنىڭ ئەسلىدىكى ئاساسلىق مەھسۇلات تۈرى بولغان قۇۋۋەت تالقانلىرىنى داۋاملىق ئىشلەپ بازارغا سېلىشنى توختىتىپ، بازىرى ياخشى ئىسپىرتسىز ئىچىملىك تۈرىنى ئىشلەشنى قارار قىلدى ھەم 15 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى ۋە ئۈرۈمچى ئىقتىساد – تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدا ئىككى ئىچىملىك زاۋۇتى قۇردى. قەشقەر ‹‹يېشىل ئارال›› مېۋىچىلىك چەكلىك شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ، قەشقەر كونىشەھەر ناھىيىسىدە كۈندە 45 مىڭ بوتۇلكا قارىقات شەربىتى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغا ئىگە زامانىۋى ئىچىملىك زاۋۇتىنى ئىشقا كىرىشتۈردى. دەسلەپكى مەزگىللەردە، ‹‹ئامىنە›› ماركىسىدىن ۋاز كېچىپ، باشقا ماركىنى قوللىنىشنىمۇ ئويلىغانىدىم، بىراق، قىزىمنىڭ ئىسمىمۇ ئامىنە بولغانلىقى، ‹‹ئامىنە›› ماركىسىنىڭ خەلق ئارىسىدا خېلى تونۇلغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، باشقا ماركا قوللىنىش خىيالىمدىن ۋاز كەچتىم، دېدى ئەمەتجان ‹‹ئامىنە››ماركىسى ھەققىدە توختالغاندا.
ئەمەتجان نامەت 2005 – يىلى 20 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، قەشقەرنىڭ يېڭى سانائەت رايونىدا يىللىق ئۇن سەرپىياتى 7500 توننىدىن ئاشىدىغان، يىلىغا 80 مىليون قاپ تەييار چۆپ ئىشلەپ چىقىرالايدىغان مۇسۇلمانچە تەييار چۆپ ئىشلەش زاۋۇتىنى قۇرۇپ، ئۆزگىچە خۇرۇچ بىلەن كۆڭۈل قويۇپ تەييارلانغان 35 تۈرلۈك ‹‹ئامىنە›› تەييار چۆپىنى ئىشلەپ چىقىرىپ بازارغا سالدى. 2007 – يىلى پاكىستان، ئىران ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە 5 مىليون يەشىك ‹‹ئامىنە›› تەييار چۆپلىرىنى ئېكسپورت قىلىپ، 2 مىليون دوللارلىق تاشقى پېرېۋوت ياراتتى.
قىسقىغىنا بىر نەچچە يىلدا ئەمەتجان نامەت ئۆزىگە خاس يول تۇتۇپ، بىر يەككە تىجارەتچىدىن كەسكىن بازار رىقابىتىدە باش كۆتۈرۈپ چىققان داڭلىق كارخانىچىغا ئايلاندى. بۇ جەرياندا ئۇ كارخانىنى ئۆزگەرتتى، كارخانىمۇ ئۇنى ئۆزگەرتتى. ئۇنىڭ باشقۇرۇشىدىكى شىنجاڭ ئامىنە ئالاھىدە يېزا ئىگىلىك يۇقىرى پەن – تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى ئۈزلۈكسىز زورىيىپ، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا مۇكەممەل سودا – مۇلازىمەت تورىنى قۇرۇش بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايونىمىز، ئىچكىرى ئۆلكە، شەھەرلەر، ھەتتا چەت ئەللەردىكى خىلمۇ خىل يەرمەنكە، تونۇشتۇرۇپ سېتىش پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتناشتى، خېرىدار چاقىرىپ، بېيجىڭ، شاڭخەي، تيەنجىن، چۇڭچىڭ قاتارلىق شەھەرلەردە ۋاكالەتچى ۋە مۇقىم سېتىش نۇقتىلىرىنى تەسىس قىلدى.
‹‹ئامىنە››شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتلىرى 2002 – يىلى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى WHO نىڭ تەكشۈرۈپ تەستىقلىشىدىن ئۆتۈپ، ئامېرىكىنىڭ FDA گۇۋاھنامىسىگە ئېرىشتى. 2003 – يىللىق ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىدە ‹‹ئامىنە›› شىركىتى ‹‹داڭلىق كارخانا›› مۇكاپاتىغا ، 2004 – يىلى ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى تەرىپىدىن ‹‹توختامغا رىئايە قىلىدىغان ئىشەنچلىك كارخانا›› شەرىپىگە ئېرىشتى. 2005 – يىلى ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا تېخنىكوم ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش، پراكتىكا بازىسى بولۇپ باھالاندى. شۇ يىلى ‹‹ئامىنە›› يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرى دۆلىتىمىزنىڭ QS ئىجازەتنامىسىگە ئېرىشىپ، ‹‹ئامىنە›› ماركىسى ‹‹شىنجاڭنىڭ داڭلىق تاۋار ماركىسى›› دېگەن نامغا ئېرىشتى. شىركەت يەنە 2007 – يىلى 1 – ئايدا مەركىزىي ئىتتىپاق كومىتېتى تەرىپىدىن ‹‹مەملىكەتلىك يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىغا مۇلازىمەت قىلىدىغان يۈز ئىلغار كارخانا››نىڭ بىرى بولۇپ باھالاندى، 2007 – يىللىق ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىدە ‹‹ئامىنە››مەھسۇلاتلىرى ‹‹ئالتۇن تاۋار مۇكاپاتى››، ‹‹ئەڭ تونۇلغان تاۋار مۇكاپاتى››، ‹‹ئەڭ ئالاھىدە تاۋار›› مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.
|