|
ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئابلىمىت سوپىھاجى خەۋىرى، فوتوسى: قەشقەر شەھىرى چاسا كوچا باشقارمىسى جەنۇبىي تەڭرىتاغ يولى مەھەللە كومىتېتى 4- ئاينىڭ 22- كۈنى، شەھەرلىك 13- باشلانغۇچ مەكتەپكە 4500 يۈەن قىممىتىدىكى كىتاپ ۋە تەنتەربىيە ئۈسكۈنىلىرىنى سوۋغا قىلىپ ، 10 نەپەر ‹‹ ئۈچتە ياخشى›› ئوقۇغۇچىنىڭ ھەر بىرىنى 50 يۇەن نەق پۇل بىلەن مۇكاپاتلىدى ، 20 نەپەر نامرات ئوقۇغۇچىغا سومكا ، دەپتەر-قەلەم قاتارلىق ئوقۇش قوراللىرى تارقىتىپ بەردى.
بۇ مەھەللە كومىتېتى يەنە سۆڭەك راكى كېسىلىگە كىرىپتار بولۇپ ، ئوڭ پۇتى كېسىۋېتىلگەن 5- يىللىق 2- سىنىپ ئوقۇغۇچىسى زۇلپىنۇر ئابدۇغېنىغا 500 يۇەن ھال سوراش پۇلى بەردى.

سۈرەتتە : مەھەللە كومىتېتى مۇدىرى مەريەمگۈل ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش قوراللىرى تارقىتىپ بەرمەكتە

سۈرەتتە: زۇلپىنۇر ئابدۇغېنى دادىسىنىڭ ھەمرالىقىدا مەھەللە كومىتېتى كادىرلىرىغا مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرمەكتە
|