|
ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى تۈنۈگۈن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ‹‹ئوغرىلىق، بۇلاڭچىلىققا زەربە بېرىش، قېچىپ يۈرگەن جىنايەتچىلەرنى تۇتۇش ››مەخسۇس ھەركىتىدە باسقۇچ خاراكتېرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۇرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
‹‹ئوغرىلىق، بۇلاڭچىلىققا زەربە بېرىپ، قېچىپ يۈرگەن جىنايەتچىلەرنى توتۇش›› مەخسۇس ھەركىتى جەريانىدا، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى ئوغرىلىق، بۇلاڭچىلىق دېلولىرىدىن 2000 نى پاش قىلىپ ، جىنايەت گۇماندارىدىن 1020 ئادەمنى قولغا چۈشۈردى. ئوغرىلىق، بۇلاڭچىلىق شايكىسىدىن 25 نى بىتچىت قىلدى. توردا ئېلان قىلغان ، قېچىپ يۈرگەن جىنايەتچىدىن 126 نى، قاتتىللىق قىلىپ قېچىپ يۈرگەن جىنايەتچىدىن 12 نى قولغا چۈشۈردى.
|