باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىجتىمائىي خەۋەرلەر
ئاپتونوم رايونلۇق كۇتۇپخانا بۈگۈن (23 – ئاپرېل) ھەقسىز ئېچىۋېتىلىدۇ
2008- 04- 23 11:04 تەڭرىتاغ تورى

      ‹‹دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى›› مۇناسىۋىتى بىلەن بۈگۈن (23 – ئاپرېل) شەھەر ئاممىسى ئاپتونوم رايونلۇق كۇتۇپخانىدىكى 600 مىڭ كىتابنى ھەقسىز ئوقۇيالايدۇ .

       ئاپتونوم رايونلۇق كۇتۇپخانا ئىشخانىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك خادىمنىڭ تونۇشتۇرىشىچە ، شەھەر ئاممىسى 23 – ئاپرېل كىملىكىنى ئېلىپ بېرىپ ، كۇتۇپخانىنىڭ ھەر قايسى كۆزنەكلىرىدە تىزىملاتسا ، كىتاب ۋە ھۆججەت – ماتېرىياللارنى كۆرەلەيدىكەن .

       بۇ مەسئۇل كىشى مۇنداق دېدى : ‹‹ھازىر ئاپتونوم رايونلۇق كۇتۇپخانىدا 1 مىليون 300 مىڭ پارچە كىتاب بار . بۇنىڭ 600 مىڭدىن كۆپرەكىنى شەھەر ئاممىسى ھەقسىز ئوقۇسا بولىدۇ .

       ئىگىلىنىشچە ، ب د ت پەن – مائارىپ – مەدەنىيەت تەشكىلاتى 1995 – يىلى 23 – ئاپرېلنى ‹‹دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى›› قىلىپ بېكىتكەنلىكىنى ئېلان قىلغان .

 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ