|
ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات – نەشرىيات ئىدارىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پەن – تېخنىكا نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق پەن – تېخنىكا جەمئىيىتى بىرلىكتە ئاچقان ئاپتونوم رايونلۇق 2006 – 2007 يىللىق مۇنەۋۋەر پەن – تېخنىكا ژۇرناللىرىنى باھالاش – تەقدىرلەش يىغىنى يېقىندا ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى.
يىغىندا ‹‹شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى›› قاتارلىق توققۇز ژۇرنال 1 – دەرىجىلىك، ‹‹شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى›› قاتارلىق 11 ژۇرنال 2 – دەرىجىلىك، ‹‹قۇرغاق رايونلار تەتقىقاتى›› قاتارلىق 14 ژۇرنال 3 – دەرىجىلىك مۇكاپاتقا؛ ‹‹ئۇيغۇر تېبابىتى›› قاتارلىق توققۇز ژۇرنال مۇقاۋا لايىھىلەش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى؛ ‹‹قۇرغاق رايون جۇغراپىيىسى››ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى تاشقىن جاپپار قاتارلىق 20 كىشى مۇنەۋۋەر باش مۇھەررىر، ‹‹شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى››نىڭ مۇھەررىرى شېرىنگۈل سۇلايمان قاتارلىق 32 كىشى مۇنەۋۋەر مۇھەررىر دېگەن شەرەپكە ئېرىشتى.
|