|
‹‹مېنىڭ ئۆي خىزمەتچىسى بولۇۋاتقىنىمغا ئالتە يىل بولدى، بۈگۈن بىر كىشىلىك سۇغۇرتىغا ئىگە بولغىنىمدىن بەكمۇ خۇشال بولدۇم. مەن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئۆي خىزمەتچىسى بولۇۋاتقان بارلىق ئاچا – سىڭىللارغا شۇنداق خىتاب قىلىمەنكى: بىزنىڭمۇ سۇغۇرتىمىز بار بولدى... ›› بۇ شياۋۋاڭنىڭ 10 – ئاپرېل ئۈرۈمچى ‹‹خۇڭفۇ›› مېھمانسارىيىدا ئېچىلغان ‹‹غەربىي يۇرتتىكى ئىللىق قۇياش نۇرى ھەرىكىتى›› چوڭ تىپتىكى جامائەت پاراۋانلىقى پائالىيىتىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا سۇغۇرتا تالونىنى تاپشۇرۇۋېلىپ، ھاياجانلىق ھېسسىياتى بىلەن يىغىن ئەھلىگە ئېيتقان يۈرەك سۆزى.
نۆۋەتتە، ئۆي خىزمەتچىلىكى ئاممىنىڭ تۇرمۇشىدا كەم بولسا بولمايدىغان كەسىپلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندى. ئەمما، دۆلىتىمىزدە ئۆي خىزمەتچىسى بىلەن ئۆي ئىگىسى ئوتتۇرىسىدىكى ئەمگەك مۇناسىۋىتى ‹‹ئەمگەك قانۇنى ››نىڭ تەڭشەش دائىرىسىدە بولمىغاچقا، ئۆي خىزمەتچىلىرىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش تەس بولماقتا. ‹‹تەيكاڭ›› ئۆمۈر سۇغۇرتىسى پاي چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ شۆبىسى بۇ خىل ئەھۋالنى چىقىش قىلغان ھالدا ‹‹غەربىي يۇرتتىكى ئىللىق قۇياش نۇرى ھەرىكىتى››چوڭ تىپتىكى جامائەت پاراۋانلىقى پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. بۇ سۇغۇرتا تاسادىپىي زەخملىنىش سۇغۇرتىسى ۋە ئېغىر تىپتىكى ئاياللار كېسەللىكلىرى سۇغۇرتىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى16 ياشتىن 50 ياشقىچە بولغان ئۆي خىزمەتچىلىرى ئۆزى خىزمەت قىلىۋاتقان ئۆينىڭ خوجايىنى بىلەن بىللە، بېرىپ، بۇ سۇغۇرتا تۈرىگە قاتنىشىش رەسمىيىتىنى ئۆتىسە بولىدىكەن. بۇ سۇغۇرتا تۈرىنىڭ سۇغۇرتىغا قاتنىشىش ھەققى ئون يۈەن ۋە 20 يۈەندىن ئىبارەت ئىككى خىل بولۇپ، ئۆي خىزمەتچىلىرى بۇ سۇغۇرتا ئارقىلىق يۇقىرى كاپالەتلىك سۇغۇرتا سوممىسىدىن بەھرىمەن بولالايدىكەن.
|