|
بوغدا كۆلىنىڭ ئەتراپىدا كىگىز ئۆي تىكىپ ساياھەتچىلەرنى سەككىز يىلدىن ئارتۇق كۈتكەن فۇكاڭ شەھىرى سەنگۇڭ قازاق يېزىسى سىگۇڭ كەنتىدىكى چارۋىچى قابىك ئابىلخان بوغدا كۆلىنىڭ ئېكولوگىيىسىنى قوغداش ئۈچۈن، 2005 – يىلى بۇ يەردىكى ‹‹بايلىق مەنبەسى›› نى تاشلاپ، ‹‹سانتانا›› ماركىلىق پىكاپتىن بىرنى سېتىۋېلىپ، تاكسى ھەيدەشكە باشلىغانىدى، ھازىر ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر سەيلىگاھ ساياھەتچىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇشقا تايىنىپ، يىلدا 70 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلىۋاتىدۇ.
—مەن بوغدا كۆلىدىن كۆچۈپ چۈشكەندىن كېيىن، يەنە بېيىش يولى تاپتىم، دېدى قابىك خۇشال بولۇپ.
كۆلىمى بەش كۋادراد كىلومېتىر كېلىدىغان تەڭرىتاغدىكى بوغدا كۆلى دۆلەتنىڭ 5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى بولۇپ، يىلدا بۇ يەرگە كېلىدىغان ساياھەتچى 1 مىليون 500 مىڭ ئادەم (قېتىم)دىن ئاشىدۇ. سەنگۇڭ جىلغىسىنىڭ يوقىرى قىسمى بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونىغا، تۆۋەن قىسمى فۇكاڭ شەھىرى رايونىغا تۇتىشىدۇ. ئۇزۇنلۇقى 22 كىلومېتىر كېلىدىغان بۇ جىلغىغا سەنگۇڭ يېزىسى ۋە چېڭگۇەن بازىرىدىكى ئالتە دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق كەنتى جايلاشقان بولۇپ، بۇ يەردە 1000دىن ئارتۇق ئائىلىلىك بار ئىدى. ئۇزاق يىللاردىن بۇيان، مەنزىرە رايونى بىلەن چارۋىچىلىق، ساياھەتچىلىك بىلەن چارۋىچىلىق ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت، شۇنىڭدەك ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونى بىلەن مەنزىرە رايونى ئارىلىشىپ كېتىش مەسىلىسى جىلغىدىكى ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىپتىدائىي تەبىئىي مەنزىرىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىپ، بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونى بىلەن سەنگۇڭ جىلغىسىنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلىمىگە ئۇچراتقانىدى.
2004 – يىلى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى بوغدا كۆلى بىلەن سەنگۇڭ جىلغىسىنىڭ ئېكولوگىيىسىنى قوغداش ئۈچۈن، ئاھالىلەرنى كۆچۈرۈش قۇرۇلۇشىنى باشلىدى. ‹‹بايلىق مەنبەسى››نى ساقلاپ كېلىۋاتقان دېھقان – چارۋىچىلارنى تاغدىن چۈشكەندىن كېيىن داۋاملىق بېيىتىش ئۈچۈن، فۇكاڭ شەھىرى 2005 – يىلىدىن باشلاپ ‹‹كۆچۈرۈپ چۈشۈش، مۇقىملاشتۇرۇش، داۋاملىق بېيىتىش›› پرىنسىپى بويىچە، دېھقان – چارۋىچىلارنى ‹‹دېھقانچىلىق قىلالايدىغانلار دېھقانچىلىق قىلىش، ساياھەتچىلىك قىلالايدىغانلار ساياھەتچىلىك قىلىش، چارۋىچىلىق قىلالايدىغانلار چارۋىچىلىق قىلىش›› تەك تەرەققىيات يولىدا مېڭىشقا يېتەكلىدى. ئۈچ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، فۇكاڭ شەھىرى 200 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، ۋۇگېدادىكى چارۋىچىلىقتىن بوشىغان 20 مىڭ مو يەردە ئوت – چۆپ ئۆستۈرۈش، شىتەيزىدىكى 1000 مو يەردە پۈركۈپ سۇغىرىلىدىغان سۈنئىي ئوتلاق بەرپا قىلىش، سەنگۇڭ يايلاق سۇ ئامبىرىنى مۇستەھكەملەش قاتارلىق تۈرلەرنى تەسىس قىلىپ، يېزا ئىگىلىكى، چارۋىچىلىقنىڭ تەرەققىياتىغا ئاساس سالدى.
بوغدا كۆلى رايونىدىن چۈشكەن 1000 دىن ئارتۇق دېھقان – چارۋىچى ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمى ۋە ئۆز تىرىشچانلىقى بىلەن، ئىقتىدارىنى نامايان قىلىدىغان يېڭى زېمىنغا ئېرىشىپ،% 70 دېھقان – چارۋىچى تېرىقچىلىق ۋە مۇلازىمەت كەسپى بىلەن شۇغۇللاندى.
ۋۇگېدادىكى يېڭى ئولتۇراق رايونىغا كۆچۈپ بارغان 98 ئائىلىلىك چارۋىچى كىشى بېشىغا ئون مودىن يەر تېرىدى، بوغدا كۆلىنى باشقۇرۇش كومىتېتى ئۇدا بەش يىل ھەر مو يەرگە يىلىغا 200 يۈەن ياردەم بېرىش سىياسىتىنى يولغا قويدى. قوشنا دېھقانچىلىق رايونىدىكىلەرنىڭ يېتەكچىلىكى ۋە تېخنىك خادىملارنىڭ ياردىمىدە، نۇرغۇن چارۋىچى تېرىغان يەرنىڭ سۈپىتى ياخشىلاندى، ئۆزلىرىمۇ تېرىقچىلىق تېخنىكىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىگىلىۋالدى. ئۇسان دوماي 50 مو يەر تېرىپ، 200 نەچچە تۇياق چارۋا بېقىپ، يىللىق تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق ساپ كىرىمىنى 50 مىڭ يۈەندىن ئاشۇردى. فۇكاڭ شەھىرى سەنگۇڭ جىلغىسى رايونىغا 16 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، مىللىي سەيلىگاھ كەنتىدىن ئىككىنى قۇرۇپ، 700 دىن ئارتۇق چارۋىچىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى.
چارۋىچىلارنىڭ قولى پۇل كۆرگەندىن كېيىن، تۇرمۇشتا يېڭى نىشان تىكلىدى. سەنگۇڭ جىلغىسىدىن كۆچۈپ چىققان 486 ئائىلىلىك دېھقان – چارۋىچىدىن 180 ئائىلىلىك شەھەر رايونىغا كۆچۈپ كىردى. فۇكاڭ شەھەر رايونىدىكى خاڭجۇلۇقلار ئولتۇراق رايونىدا سەنگۇڭ يېزىسىدىن كۆچۈپ كەلگەن دېھقان – چارۋىچىلار% 20 نى ئىگىلىگەچكە، بەزىلەر خاڭجۇلۇقلار مەھەللىسى دېيىشنىڭ ئورنىغا سەنگۇڭلۇقلار مەھەللىسى دېيىشىدىغان بولدى.
مۇخبىرنىڭ تەسىراتى:
بەدەل تۆلىمەي ئۇتۇق قازانغىلى بولمايدۇ
‹‹تاغ – سۇ خەزىنە، ئېكولوگىيە بايلىق››؛ ‹‹گۈزەل تاغ – دەريالىرىمىزنى ياخشى قوغداش بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىز››. بۇ داۋلىنى ھەممە كىشى بىلىدۇ. ۋەھالەنكى، ئەمەلىيەتتە قوغداش بىلەن تەرەققىيات ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى قانداق ھەل قىلىش ھەقىقىي ئويلىنىشقا تېگىشلىك مەسىلە. فۇكاڭ شەھىرى راۋاجلاندۇرۇش بىلەن قوغداشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش بەدىلىگە ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى قۇربان قىلمايدىغان، مۇھىتنى پاسسىپ قوغدايمەن، دەپ ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇشتىن ۋاز كەچمەيدىغان ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات يولىدا ماڭدى.
سەنگۇڭ جىلغىسىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش ۋە ئېكولوگىيىنى قوغداش مەقسىتىدە ئاھالە كۆچۈرۈش ئاممىنىڭ تۈپ مەنپەئىتى ۋە مۇقىملىق، تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك. فۇكاڭ شەھىرى ئوتتۇرىغا قويغان ‹‹كۆچۈرۈپ چۈشۈش، مۇقىملاشتۇرۇش، بېيىتىش›› پرىنسىپىدا ئادەمنى ئاساس قىلىش ئىدىيىسى گەۋدىلەندۈرۈلگەن. بۇ دەل ‹‹بەدەل تۆلىمەي ئۇتۇق قازانغىلى بولماس›› دېگەنلىك بولۇپ، قۇرۇلۇشنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا تۈرتكە بولۇپلا قالماستىن، ئورتاق مەنپەئەتلىنىش كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان.
|