|
لىياۋنىڭ ئۆلكىلىك سۇ ئىشلىرى نازارىتى قۇرۇلۇش ئىدارىسى بىلەن قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتى يېقىندا قىزىلسۇ دەرياسىنىڭ سۇ ئېنېرگىيە بايلىق مەنبەسىنى ئېچىش قۇرۇلۇش تۈرى بويىچە كېلىشىمنامە ئىمزالىدى. بۇ كېلىشىمنامىنىڭ ئىمزالىنىشى قىزىلسۇ دەرياسىنىڭ ‹‹ئالتۇن دەۋرى›› نىڭ باشلانغانلىقىدىن دېرەك بەردى.
چېگرا ئىچىدىكى ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 371.8كىلومېتىر كېلىدىغان قىزىلسۇ دەرياسى – ئۇلۇغچات ناھىيىسى تەۋەسىدىكى سۇ ئېنېرگىيە بايلىق زاپىسى مول دەريا بولۇپ، تېخى ‹‹ئېچىلمىغان بوز›› ھالىتىدە تۇرغانىدى. لىياۋنىڭ ئۆلكىسى قىزىلسۇغا ياردەم بېرىشكە مەسئۇل بولغاندىن كېيىن، بۇ ‹‹ئېچىلمىغان بوز››غا كۆزى چۈشتى. شارائىت پىشىپ يېتىلگەندە ئىمزالانغان بۇ قېتىمقى كېلىشىمنامىنىڭ مەزمۇنىدىن مەلۇم بولۇشىچە، قىزىلسۇ ئوبلاستى لىياۋنىڭ ئۆلكىلىك سۇ ئىشلىرى نازارىتى قۇرۇلۇش ئىدارىسىگە قىزىلسۇ دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا بۆلىكىدىكى ماركەنچات سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسى، قارابەل سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسى، شات سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسى، باسۈن سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسى، كانسۇ سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسىدىن ئىبارەت بەش سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسىنى قۇرۇش ۋە ئېنېرگىيە تارقىتىش ھوقۇقىنى بېرىدىكەن. ئىككى قارار بويىچە ئېلىپ بېرىلىدىغان بۇ سۇ ئېلېكتر ئىستانسىلىرىنىڭ ئومۇمىي گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 610 مېگاۋات، يىللىق ئوتتۇرىچە توك چىقىرىش مىقدارى 2 مىليارد 210 مىليون كىلوۋات بولۇپ، جەمئىي 2 مىليارد 602 مىليون 540 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىنىدىكەن.
|