|
شىنجاڭ ھەربىي رايونىنىڭ مايتاغدا تۇرۇشلۇق مەلۇم قىسىمى مىللىي6–ليەنىنىڭ پارتىيىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيىسى بويىچە ليەن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئادەم تەربىيىلىگەنلىكى توغرىسىدا(2)
17 – ئاپرېل سەھەر، بىر جەڭگىۋار قوشۇن ئەمدىلا كۆتۈرلگەن قۇياشقا ئەگىشىپ ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە. مىللىي 6 – ليەندىكى ئوفىتسېر – ئەسكەرلەرنىڭ يېڭى بىر كۈنى ئەنە شۇنداق تولۇپ تاشقان جاسارەت بىلەن باشلاندى.
مىللىي 6 – ليەندە مەيلى كونا ئەسكەرلەر بولسۇن ياكى يېڭى ئەسكەرلەر بولسۇن، ئۇلار ئۈچۈن ئىتتىپاقلىق ئەڭ مۇھىم، ئەڭ قىممەتلىكتۇر. ھەر بىر ئەسكەرنى ئىشەنچكە ئىگە قىلىش، قەلبىنى ئىللىتىش ئۇلارنىڭ باشتىن – ئاخىرقى تىرىشىش نىشانى ۋە كۈرەش نىشانى.
مۇھەببەت مۇزلىغان قەلبلەرنى ئىللىتتى
6 – ليەندىكى ئوفىتسېر – ئەسكەرلەر مەيلى كىم، مەيلى قايسى مىللەت بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ليەنىمىزگە كەلگەنىكەن بىزنىڭ قېرىندىشىمىز، چۈنكى، ھەممىمىز قەلبداش دېيىشىدۇ.
5 – ليەندە ۋەن يى ئىسىملىك بىر ئەسكەر بولۇپ، ئاغرىپ قالغاچقا، 3 – مارت ليەن تاغقا چىقىش مەشىقى قىلغاندا ئۇنى 6 – ليەنگە ۋاقىتلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ قويدى. ۋەن يى 6 – ليەنگە كەلگەندىن كېيىن، ئۇنى كۆڭۈل قويۇپ كۈتۈش كۆپچىلىكنىڭ ئاڭلىق ھەرىكىتىگە ئايلاندى.
3 – بەندىكى سالاھىدىن مۇھەممەد كارىۋاتنىڭ ئۈستۈنكى قەۋىتىدىن پەسكە ئالمىشىپ، ۋەن يىغا ھەمراھ بولدى؛ كېچىسى سالاھىدىن ۋەن يىنىڭ يۆتەلگىنىنى ئاڭلىغان ھامان دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۇنىڭغا قايناق سۇ ئەكىلىپ بەردى، يوتقىنىنى يېپىپ قويدى، يۆلەپ ھاجەتخانىغا ئېلىپ چىقتى. ۋەن يى توڭلاپ كەتكەندە سالاھىدىن ئۆزىنىڭ يوتقىنىنى ئۇنىڭغا يېپىپ قويۇپ، ئۆزى جۇۋا كىيىپ ياتتى. ۋەن يىنىڭ تامىقىنى ئەكىلىش، كىر – قېتىنى يۇيۇش، پۇتىنى يۇيۇش ئىشلىرىنى كۆپچىلىك تالىشىپ قىلدى، ۋەن يى تەسىرلەنگىنىدىن كۆزىگە ياش ئېلىپ: مەن گەرچە سىلەرنىڭ ليەندىن بولمىساممۇ، سىلەر ئۆز قېرىندىشىڭلاردەك مۇئامىلە قىلدىڭلار، مەن بۇ يەردە ئۆز ئۆيۈمنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدىم، دېدى.
خۇيزۇ ئەسكەر شياۋ مامۇ 6 – ليەندىن ئەمەس، بوي – بەستلىك شياۋ ما بىرئاز چېچىلاڭغۇ بولۇپ، ئارىلاپ ‹‹چاتاق›› چىقىرىپ قوياتتى. تۇەن ئۇنى 6 – ليەنگە چېنىقىشقا ئەۋەتىشنى قارار قىلدى. شياۋ ما 6 – ليەنگە كەلگەندىن كېيىن، تاماق يېسە قاچىسىنى يۇيماي، ئورنىدىن تۇرغاندا يوتقان – كۆرپىسىنى يىغماي، يەنىلا ئۆزى بىلگەن سەنەمگە دەسسەپ يۈردى. ليەنجاڭ ئېرلان خەمىت سەۋرىچانلىق بىلەن شياۋ مانىڭ قاچا يۇيۇش، يوتقان – كۆرپىسىنى يىغىش ئىشلىرىغا ياردەملەشتى، ئەمما، شياۋ ما بۇنىڭدىن قىلچە تەسىرلەنمىدى. بەنجاڭ ئاخىرى چىداپ تۇرالماي شياۋ ماغا ئىككى ئېغىز گەپ قىلىپ قويغاندا، شياۋ ما مۇست كۆتۈرۈپ بەنجاڭ بىلەن سوقۇشماقچى بولدى. ئويلىمىغان يەردىن، ليەنجاڭ شياۋ مانى تەنقىدلەشنىڭ ئورنىغا، ئەكسىچە پۈتۈن ليەندىكى ئوفىتسېر – ئەسكەرلەرنىڭ ئالدىدىلا بەنجاڭنى ئەسكەرلەرگە كەڭ قورساق ئەمەس، دەپ قاتتىق تەنقىدلىدى. ليەنجاڭ: ئەيىپى بار ئەسكەرمۇ ئۆز قېرىندىشىمىز، خۇددى ئۆز قېرىندىشىمىز خاتالىق سادىر قىلغانغا ئوخشاش، دېدى.
كۆڭۈل كۆڭۈلدىن سۇ ئىچىدۇ. بۇ ئىشتىن كېيىن، شياۋ ما تۈزۈلۈشكە باشلىدى. ليەندىكى ئوفىتسېر – ئەسكەرلەر تۆمۈرنى قىزىقىدا سوقۇپ، شياۋ مادىكى كىچىككىنە ئىلگىرىلەشكىمۇ ھەر ۋاقىت مەدەت بەردى. شياۋ مامۇ سەپداشلىرىنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماسلىققا تىرىشتى، بىر يىلدىن كېيىن، ئۇ تېخى بەنجاڭمۇ بولدى.
قازاق ئەسكەر قانات كاكىمغازى 2007 – يىلى 12 – ئايدا تۇنجى قېتىم تۇغقان يوقلاپ يۇرتىغا قايتقاندا، ھەر كۈنى سەھەر ئورنىدىن تۇرۇپ بىنا ئالدىدىكى قارلارنى تازىلىدى. ئۇلارنىڭ قوشنىسى: بۇ ئىشچان ئەسكەرنىڭ ئەينى چاغلاردا دائىم باشقىلارنىڭ بېشىنى ئاغرىتىدىغان قانات ئىكەنلىكىگە ئىشەنگىم كەلمەيۋاتىدۇ، دېدى. قانات تېخى ئاتا – ئانىسىنىڭ تاماق ئېتىشىگە، ياردەملەشتى. ئاتا – ئانىسى تەسىرلىنىپ: ئوغلىمىز قىسىمغا بارغاندىن كېيىن، ئادەمگە كۆيۈنۈشنى ئۆگىنىپتۇ، باشقىچىلا ئادەم بولۇپ قاپتۇ، دېدى. 6 – ليەندە زىيارەت قىلىش داۋامىدا، قاناتنىڭكىگە ئوخشاش ھېكايىلەرنى كۆپ ئاڭلىدۇق.
6 – ليەندىكى ئوفىتسېر – ئەسكەرلەرگە خەنزۇ تىلىدىن دەرس بېرىدىغان مايتاغ كەسپىي تېخنىكا مەكتىپىنىڭ قوش تىل ئوقۇتقۇچىسى مۇخلىس ئابدۇرېھىم تەسىرلەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى: ئېرىم ئىككىمىز ئوقۇتقۇچى، ئوغلىمىز شاڭخەي قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتىغا، قىزىمىز شاڭخەي پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئۆتكەندىن كېيىن، ئۆزىمىزچە بىر جۈپ مۇنەۋۋەر پەرزەنت تەربىيىلىدۇق، دەپ ئويلىغان ئىكەنمىز. بىراق، 6 – ليەندىكى ئوفىتسېر – ئەسكەرلەر بىلەن تونۇشقاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ جىسمىدىكى نۇرغۇن ئېسىل پەزىلەتنىڭ بالىلىرىمىزدا كەم ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇق. ئەگەر مۇمكىن بولسا، بالىلىرىم تەتىلدە قايتىپ كەلسە، ئۇلارنى چوقۇم 6 – ليەنگە ئەكىلىپ چېنىقتۇرىمەن.
‹‹مەن 6 – ليەندىن››. 6 – ليەندىكى ئوفىتسېر – ئەسكەرلەر ھەر قېتىم باشقىلارنىڭ سوئالىغا ئەنە شۇنداق پەخىرلىنىپ جاۋاب بېرىدۇ. چۈنكى، 6 – ليەننىڭ ئەسكىرى بولۇش كۆپچىلىكنىڭ ئارزۇسى. 6 – ليەن گويا ئىللىق ئائىلىگە ئوخشايدۇ.
مۇھەببەت قەلبلەرنى مۇجەسسەملىدى
قازاق ئەسكەر ئەكبەر توساتتىن جىمغۇرلىشىپ قالدى. تاماق يەۋاتقاندا، پەيجاڭ پەرھاد ئادەتتە ئىشتىھاسى خېلىلا ئوبدان ئەكبەرنىڭ تاماق قاچىسىغا قارىغىنىچە ھاڭۋېقىپ ئولتۇرغىنىنى سىزىپ قالدى. كەچلىك تاماقتىن كېيىن، پەرھاد ئەكبەرنى چاقىرىپ بىللە سەيلە قىلدى. ئەكبەر تا مەشىق مەيدانىغا كەلگىچە زۇۋان سۈرمىدى. ئەكبەر ئائىلەڭدە بىرەر ئىش بولدىمۇ؟ مەن سېنىڭ پەيجاڭىڭ، شۇنداقلا ئاكاڭ، قانداقلا ئىش بولسا ئېيتىۋەر، كۆيۈمچانلىق بىلەن ئېيتىلغان بۇ سۆزدىن ئەكبەرنىڭ كۆزىگە ياش كەلدى.
ئەسلىدە ئەكبەرنىڭ ئائىلە شارائىتى ئانچە ياخشى ئەمەس بولۇپ، يېقىندا ئاپىسىنىڭ بۆرىكىگە تاش چۈشۈپ يېتىپ قالغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، ئەنسىرەپ يۈرگەنىكەن. پەرھاد ئەكبەرنىڭ ئىشىنى ليەندىكى كادىرلارغا دوكلات قىلدى، ئەكبەرنىڭ ئىشى ليەندىكى بارلىق ئوفىتسېر – ئەسكەرلەرنىڭ ئىشىغا ئايلىنىپ، كۆپچىلىك بەس – بەستە ئۇنىڭغا تەسەللىي بەردى.
ئارىدىن يېرىم ئاي ۋاقىت ئۆتكەن بىر كۈنى، ئەمدىلا پوستىن قايتقان ئەكبەر دادىسىدىن كەلگەن تېلېفوننى تاپشۇرۇ– ۋالدى: ئۆيىمىزگە بىر ئەسكەر كەلدى، سېنىڭ سەپدىشىڭ ئىكەن. قايتىدىغان چاغدا ئاپاڭنى داۋالىتىشقا 2000 يۈەن قالدۇرۇپ كەتتى، خاتىرجەم بول!، دېدى. ئۇ كىمدۇ؟ ئەكبەر يېقىندا تۇغقان يوقلاپ كەتكەن پەيجاڭ پەرھادنىڭ ئۇنىڭدىن ئۆيىنىڭ ئادرېسىنى سۈرۈشتۈرگەنلىكىنى ئېسىگە ئېلىپ، كۆزىدىن ياش ئەگىدى.
ئەسكەر ئادىل ئېزىزنىڭ ئاتا – ئانىسى بالدۇرلا قازا قىلغان بولۇپ، كىچىكىدىنلا بوۋىسىنىڭ ئۆيىدە چوڭ بولغانىدى. قىسىمغا كىرىپ تېخى بىر ئاي بولمايلا، ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنى بولدى. ئۇ كۈنى ليەندىكىلەر نورمال مەشغۇلات قىلدى، كەچلىك تاماقتىن كېيىن كىنو كۆردى. ئادىل كۆڭلىدە، بۇ بىر نەچچە كۈن بەك ئالدىراش ئۆتتۇق، بەنجاڭ تايىنلىق تۇغۇلغان كۈنۈمنى ئۇنتۇپ قالدى، دەپ ئويلىدى. ئۇ كىنودىن قايتىپ دەرسخانىغا كىرگەندە، ئۈستەلگە مېۋە – چېۋە ۋە 19 تال شام سانجىلغان تورت تىزىلغان بولۇپ، پەيجاڭ بىلەن بەنجاڭ ئۇنى ساقلاپ تۇرغانىدى.
ئادىلنىڭ قەلبىگە بىردىنلا ئىللىق ھارارەت تارىلىپ، ھاياجاندىن كۆزىگە ئىسسىق ياش ئالدى.
بۇلتۇر ليەندە كابېل قۇرۇلۇشى قىلىنغاندا، تېنى ئاجىز ياسىن مەتتۇرسۇن ھەرقانچە قىلىپمۇ بىر چى توملۇقتىكى كابېلنى كۆتۈرەلمىدى. بەنجاڭ ئارىسلان ئاتاۋۇللا ئەھۋالنى كۆرۈپ، ئۇنى ئەيىبلىمەستىن، چىشىنى چىشلەپ ئىككى كىشىلىك ئىشنى قىلىپ تۈگەتتى. ئارام ئالغاندا، ياسىن بەنجاڭنىڭ مۈرىسىنىڭ قاناپ كەتكەنلىكىنى كۆردى......
ھازىر، مۇئاۋىن بەنجاڭ بولغان ياسىن بەنجاڭ ئارىسلان ئاتاۋۇللاغا قايىل بولغان ھالدا: بۇنىڭدىن كېيىن مەنمۇ بەنجاڭغا ئوخشاش ئەسكەرلەرگە قېرىنداشلىرىمدەك مۇئامىلە قىلىپ، مۇھەببىتىم بىلەن ئۇلارنىڭ قەلبىنى ئىللىتىمەن، دېدى.
ليەننىڭ يېتەكچىسى فاڭ شىنخۇي مۇنداق دېدى: ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىدىكى ئادەمنى ئاساس قىلىشنى كۈندىلىك خىزمىتىمىزدە ئەمەلىيلەشتۈرسەك ‹‹ئەسكەرلەرنى چۈشىنىش، ئۇلارغا مۇلازىمەت قىلىش، كۆيۈنۈش›› ئەمەلدە كۆرۈلىدۇ.
مىللىي 6 – ليەندە زىيارەتتە بولۇش داۋامىدا، ئوفىتسېر – ئەسكەرلەر ئارىسىدىكى دوستلۇق – ئىناقلىقتىن تەسىرلەندۇق، ئۇلارنىڭ سۆز – ھەرىكىتىدىن دۇنياغا تارقالغان بىر تەنھەرىكەتنى، يەنى ‹‹نۇرغۇن كىشى پۇتىنى چېتىپ يۈگۈرۈش›› نى ئېسىمىزگە ئالدۇق. 20 نەچچە كىشى مۈرىنى – مۈرىگە تىرەپ، پۇتلىرىنى بىر – بىرىگە چېتىپ، نىشانغا تىكىلىدۇ، كوماندا بېرىلگەن ھامان كۆپچىلىك ماس قەدەم بىلەن ئاخىرقى پەللىگە ئاتلىنىدۇ....... بۇ خىل ھەرىكەتكە قاتناشقان كىشىلەر ھەر ۋاقىت خۇددى بىر ئادەمدەك ماسلىشىشنىڭ تولىمۇ مۇھىملىقىنى ھېس قىلىدۇ: قەيسەرلىك بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان، كوللېكتىپنى ھەممىدىن ئۈستۈن قويىدىغان كوللېكتىۋىزملىق روھ مۇشۇ يەردە تولۇق نامايان بولىدۇ. 6 – ليەن ئەنە شۇنداق ئالغا ئىنتىلىدىغان كوللېكتىپ، ئوفىتسېر – ئەسكەرلەرنىڭ جىسمى بىر – بىرىگە ‹‹چېتىلغان›› بولۇپلا قالماي، مۇھىمى ئۇلارنىڭ قەلبىمۇ بىر – بىرىگە چېتىلغان.
ئىش ئۆملۈكتە. 6 – ليەندىكى ئەسكەرلەر ئىچىدە قىيىنچىلىقنى يېڭەلمەيدىغانلىرى يوق، چۈنكى، بىز قېرىنداشلاردەك ئۇيۇل، چىڭ تۈگۈلگەن مۇشتقا ئوخشايمىز. پارتىيە ۋە خەلقنىڭ بىزگە ئېھتىياجى چۈشكەندە، بىز چوقۇم سەپنىڭ ئالدىدا ماڭالايدىغان زەربىدار ئەترەت بولالايمىز، دېدى 1 – پەينىڭ پەيجاڭى ئەنۋەر ھۈسەن قەتئىيلىك بىلەن.
ھەممە ئادەم باراۋەر
چىش بىلەن كالپۇك يېقىن بولسىمۇ، بەزىدە چىش كالپۇكنى چىشلەپ سالىدۇ، كۆپ مىللەتتىن تەركىب تاپقان ليەندىمۇ بۇنداق ئىشلاردىن ساقلانغىلى بولمايدۇ، ئەلۋەتتە. شۇڭا، ليەن پارتىيە ياچېيكىسى مەدەنىيەت كەيپىياتى بەرپا قىلىپ، داپچىلار ئەترىتى، ئۇسسۇلچىلار ئەترىتى قۇرۇپ، ھەر بىر ئەسكەرنى ئۆز ئارتۇقچىلىقى ۋە ئۆز مىللىتىنىڭ مەدەنىيىتىنى نامايان قىلىدىغان سەھنە بىلەن تەمىنلىدى. ئوفىتسېر – ئەسكەرلەر ئورتاق ئۆگىنىش، ھۇزۇرلىنىش، كۆپ مىللەتنىڭ مەدەنىيىتىنى قوبۇل قىلىش بىلەن بىللە، كۆڭلى – كۆكسىنى دەريادەك تۇتۇپ، پەرققە ھۆرمەت قىلىش، كۆپ خىللىقنى قوبۇل قىلىش، باشقىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىدىن ھۇزۇرلىنىش، ئوخشاشمىغان قاراشلارغا ھۆرمەت قىلىشنى ئۆگىنىۋالدى.
6 – ليەندە ھەرقانداق مۇھىم مەسىلىدە ئوخشاشمىغان مىللەت ۋەكىللىرىنىڭ پىكرى ئېلىندى. ئەسكەرلەرنىڭ مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان كەنجى ئوفىتسېرلىككە رەسمىيلەشتۈرۈش، پارتىيىگە قوبۇل قىلىش، كادىرلىققا ئۆستۈرۈش قاتارلىق قىزىق نۇقتىلىق مەسىلىلەردە دېموكراتىيىدە، ئايرىم ئەھۋاللارغا مەركەزلىك ئېتىبار بېرىشتە چىڭ تۇرۇلۇپ،ھەربىر ئوفىتسېر – ئەسكەرنىڭ ئارزۇسى كۆزدە تۇتۇلدى.
قىرغىز ئەسكەر توختىقۇلنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسى بىر قەدەر يۇقىرى بولسىمۇ، ئىشتا بوشاڭ ئىدى. ئەسلىدە ئۇ، 6 – ليەندە مەن بىرلا يالغۇز قىرغىز، خىزمەتنى ھەر قانچە ياخشى ئىشلىسەممۇ، تۆھپە باھالاش، كادىرلىققا ئۆستۈرۈشتە ھېچكىم مېنى قوللىمايدۇ، دەپ ئويلايتتى. خۇيزۇ ئەسكەر ما شىنۋۇ ئۇنىڭ خىيالىنى بىلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ پارتىيىگە كىرگەندە، ليەن بويىچە يالغۇز بىرلا خۇيزۇ تۇرۇپمۇ نۇرغۇن ئاۋازغا ئېرىشكەنلىكىنى سۆزلەپ بەردى. دېمەك، 6 – ليەندە مەيلى قايسى مىللەتتىن بولسۇن، ھەممە ئادەم باراۋەر، كىشىلەرنىڭ ئىلگىرىلىشى خىزمەت بىلەن ئۆلچىنىدۇ.
خۇيزۇ ئەسكەر شا جىنپىڭ 6 – ليەنگە ئەمدىلا تەقسىم قىلىنغاندا، خىزمەت ئاكتىپلىقى يۇقىرى ئەمەس ئىدى. يېتەكچى فاڭ شىنخۇي ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەتلەشكەندە، شا جىنپىڭ كۆڭلىدىكى ‹‹سىرى››نى ئېيتتى: ليەندە ئۇيغۇر ئەسكەرلەر كۆپ، خۇيزۇ ئەسكەرلەر ئاز، يىل ئاخىرىدا تۆھپە باھالاشتا كىممۇ ماڭا بېلەت تاشلايدۇ؟
يېتەكچى دەرھال شياۋشانىڭ قولىنى تۇتۇپ: يۈر، مەن سېنى بىر يەرگە باشلاپ باراي، شۇ يەردىن جاۋابىنى تاپالايسەن، دېگىنىچە شا جىنپىڭنى شەرەپ تاختىلىرى تىزىلغان ئىشخانىغا باشلاپ كىردى.
—قارا، بۇ بىزنىڭ ليەندىن چىققان قىرغىز ئەسكەر مۇرزابىك، ئۇ ليەندىكى ۋاقتىدا بىرلا يۇرتدىشى بار ئىدى، ئەمما تۆھپىسىنى باھالىغاندا ليەندىكى بارلىق ئوفىتسېر – ئەسكەر ئۇنىڭغا بېلەت تاشلىدى. بۇ موڭغۇل ئەسكەر باتۇر، قىسىمغا كىرگەن تۇنجى يىلىلا پارتىيىگە قوبۇل قىلىندى، ئۇنىڭمۇ موڭغۇل يۇرتداشلىرى كۆپ ئەمەس ئىدى. شا جىنپىڭ بۇلارنى كۆرۈپ قايىل بولدى. ئۇ يېتەكچىگە: يېتەكچى، ليەن كىشىلەرگە ئادىل، ھەققانىي مۇئامىلە قىلىدىكەن، ئەمدى مېنىڭ خىزمەتنى قانداق ئىشلەيدىغىنىمغا قاراڭ!، دېدى.
ئەسكەر جامال كەنجى ئوفىتسېرلىككە رەسمىيلىشىش ئۈچۈن، ليەنجاڭ ئېرلاننىڭ تارتمىسىغا 4000 يۈەن سېلىپ قويدى. ليەنجاڭ بايقىغاندىن كېيىن، پۇلنى قايتۇرۇۋېتىپلا قالماي، يەنە ئۇنى قاتتىق تەنقىدلىدى ھەم ئۇنىڭغا، 6 – ليەندە ناچار ئىستىلنىڭ بازىرى كاسات، دېدى.
قازاقلاردا: ئالدى چاق نەگە بارسا، كەينى چاقمۇ شۇ يەرگە بارىدۇ، دەيدىغان تەمسىل بار. ليەن كادىرلىرى ئىستىلدا دۇرۇس بولغاچقا، ئەسكەرلەرمۇ خىزمەتنى دۇرۇس ئىشلىدى. 1 – دەرىجىلىك كەنجى ئوفىتسېرلىككە كۆتۈرۈلگەن ئۇيغۇر ئەسكەر ياسىنجان مەتتۇرسۇن: مىللىي 6 – ليەندە يۇقىرى – تۆۋەنلىك مىللەتكە قاراپ ئەمەس، بەلكى خىزمەت نەتىجىسىگە قاراپ بەلگىلىنىدۇ، دېدى.
مىللىي 6 – ليەندىكىلەر پارتىيىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيىسىنى ئۆگىنىش داۋامىدا، ئەسكەرلەرگە ليەننى ئۆز ئائىلىسىدىكىدەك ھېس قىلدۇرۇش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ليەننى ‹‹ئائىلە›› دەك قۇرۇش كېرەكلىكىنى، ئەسكەرلەرنىڭ ئائىلىدىكىدەك باراۋەرلىك ۋە ئىللىقلىق ھېس قىلغاندىلا، ليەننى ئۆز ئائىلىسىدەك سۆيىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتى.
قازاق ئەسكەر ئېربول مۇنداق دېدى: ئىلگىرى چېچىمنى ياساتماقچى بولسام رۇخسەت سوراپ گازارما سىرتىدىكى ساتىراشخانىغا باراتتىم، پۇل كۆپ كېتىپلا قالماي، يەنە ئاۋارىچىلىك ئىدى. بۇ يىلنىڭ بېشىدا ليەن بىر ئۆينى ئاجرىتىپ ساتىراشخانا قىلدى، ساتىراشلىقتىن خەۋىرى بار ئەسكەرلەر ساتىراشلىق قىلدى. ھازىر كىمنىڭ چېچى ئۆسۈپ قالسا، خالىغان چاغدا چېچىنى ياسىتالايدۇ.
ليەندە زىيارەت قىلىش داۋامىدا، يەنە ليەننىڭ كۆپچىلىككە دەزمالخانا قۇرۇپ بەرگەنلىكىنى كۆردۇق، ئۇ يەردە دەزمال، دەزمال تاختىسى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى تولۇق بولۇپ، ئوفىتسېر – ئەسكەرلەرنىڭ كىيىمىنىڭ رەتلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىندى. قەۋەتلەردىكى ھاجەتخانىلارغا ئەينەك، يەنە ئاياغ مېيى، چوتكا قاتارلىقلار قويۇلۇپتۇ. باشقا ليەندىكى ئوفىتسېر – ئەسكەرلەر 6 – ليەندىكى ئوفىتسېر – ئەسكەرلەرگە، روھلۇق، تېتىك دەپ باھا بېرىدۇ.
‹‹ئىتتىپاقلىق – كۈچ، ئىتتىپاقلىق تۆمۈر، ئىتتىپاقلىق پولات. ئۇ تۆمۈردىنمۇ قاتتىق، پولاتتىنمۇ چىڭ...›› مىللىي 6 – ليەننىڭ يىغىن زالىدىن ئوفىتسېر – ئەسكەرلەرنىڭ جاراڭلىق ناخشا ئاۋازى ياڭرىدى، ئەنە شۇ چاغدا، ‹‹ئىتتىپاقلىق – كۈچ›› دېگەن بۇ ناخشىنىڭ مەنىسىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەنگەندەك بولدۇق.
|